پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ھېيت كۈنىنىڭ ئەدەپلىرى توغرىسىدا

سۇئال

ھېيت كۈنىدە قىلىنىدىغان سۈننەتلەر ۋە ئەدەپلەر قايسى؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھېيت كۈنى مۇسۇلماننىڭ قىلىدىغان سۈننەتلىرى:

   1-نامازغا چېقىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇش: مۇئەتتا ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىدا، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ روزا ھېيت كۈنى ناماز ئوقۇيدىغان جايغا بېرىشتىن ئىلگىرى يۇيۇناتتى.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ كۆپچىلىك ئۆلىمالار ھېيت نامىزىغا چېقىشتىن بۇرۇن يۇيۇنۇشنى مۇستەھەب دەپ قارايدۇ.

    جۈمە نامىزى ۋە باشقا ئىجتىمائىي سورۇنلارغا بارغاندا يۇيۇنۇش ياخشى بولغاندەك، ھېيت نامىزى ئۈچۈن يۇيۇنۇش ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇ.

    2-روزا ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن ئىلگىرى ۋە قۇربان ھېيت نامىزىدىن يانغاندىن كېيىن بىر نەرسە يېيىش ياخشى بولىدۇ: ھېيتنىڭ ئەدەپلىرىدىن، روزا ھېيت نامىزىغا چېقىشتىن بۇرۇن بىر قانچە تال خورما يەۋېتىش كېرەك، بۇ توغرىدا ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام روزا ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن بىر قانچە دانە خورما يەپ چىقاتتى، خورمىنى تاق يەيتتى، دېيىلگەن. [بۇخارى رىۋايىتى 953-ھەدىس].

    روزا ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېيىشنىڭ مۇستەھەب بولىشى، بۇ كۈندە روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈش ئارقىلىق، رامىزاننىڭ ئاخىرلىشىپ ئېغىز ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلىشتۇر.

     ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ  بۇنىڭ سەۋەبىنى بايان قىلىپ، بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا ئالدىراپ، روزىنى ئارتۇق تۇتۇۋېلىشتىن ساقلىنىش دېگەن. ["پەتھۇلبارى 2-توم 446-بەت].

     خورما تاپالمىغان كىشى باشقا نەرسىلەر بىلەن ناشتا قىلىۋەتسە بولىدۇ. قۇربان ھېيتتا بولسا، قۇربانلىق قىلماقچى بولسا نامازدىن يانغۇچە بىر نەرسە يىمەي قۇربانلىقتىن يېسە ياخشىدۇر، ئەمما قۇربانلىق قىلالمايدىغان بولسا، نامازغا چېقىشتىن بۇرۇن بىر نەرسە يېۋەتسىمۇ ھېچ نەرسە بولمايدۇ.

   3-ھېيت كۈنىدە تەكبىر ئېيتىش: تەكبىر ئېيتىش بولسا ھېيت كۈنىدىكى ئەڭ چوڭ سۈننەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّـهَ عَلَىٰ مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ تەرجىمىسى: (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرۇشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ. [سۈرە بەقەرە 185-ئايەت].

    ۋەلىيد ئىبنى مۇسلىم مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەۋزائىي ۋە مالىك ئىبنى ئەنەستىن ئىككى ھېيتتا تەكبىرنى ئاشكارا قىلىش توغرىسىدا سورىغان ئىدىم، ئۇ ئىككەيلەن مۇنداق دېدى: "شۇنداق ئاشكارا ئېيتىلىدۇ، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئىمام چىقىدىغان ۋاقىتقىچە تەبىكرنى ئاشكارا ئوقۇيتتى".

    ئابدۇرەھمان ئەسسۇلەمى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار روزا ھېيتتا قۇربان ھېيتتىنمۇ بەكرەك تەكبىر ئېيتاتتى. ["ئىرۋائۇل غەلىيل"3-توم 122-بەت].

    دارى قۇتنى ۋە باشقا ھەدىس ئالىملىرىنىڭ رىۋايىتىدە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە ناماز ئوقۇيدىغان جايغا بېرىپ بولغىچە كۆپ تەكبىر ئېيتاتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇيدىغان جايدا ئىمام چىققانغا قەدەر تەكبىر ئېيتاتتى.

    ئىبنى ئەبى شەيبە زۆھرىدىن سەھىھ ئىسناد بىلەن قىلغان رىۋايەتتە مۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر ھېيت كۈنلىرىدە ئۆيلىرىدىن چىققاندىن باشلاپ ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كەلگۈچە ۋە ھەتتا ئىمام چىققۇچە تەكبىر ئېيتاتتى، ئىمام چىققاندا جىم بولاتتى، ئىمام نامازغا تەكبىر ئېيتقاندا، تەكبىر ئېيتاتتى. ["ئىرۋائۇل غەلىيل"2-توم 121-بەت].

    سەلەپ ئالىملىرىنىڭ دەۋرىدە تەكبىر ئېيتىشنىڭ ئۆيدىن چىققاندىن باشلاپ ناماز ئوقۇيدىغان جايغا كېلىپ ۋە ھەتتا ئىمام چىققانغا قەدەر داۋام قىلىشى مەشھۇر بولۇپ، بۇنى ئىبنى ئەبى شەيبە، ئابدۇراززاق ۋە پىريابى قاتارلىق ئالىملار ئۆز كىتابلىرىدا "ئىككى ھېيت ئەھكامى" دەپ كەلتۈرگەن بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر نەقىل قىلغان، سەلەپ ئالىملىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر رىۋايەت قىلغان، ناپىئ ئىبنى جۇبەير تەكبىر ئېيتاتتى، كىشىلەرنىڭ تەكبىر ئېيتماۋاتقانلىقىدىن ھەيران قىلىپ: "تەكبىر ئېيتمامسىلەر؟" دەيتتى.

    ئىبنى شىھاب زۆھرى رەھىمەھۇللاھ: " كىشىلەر ئۆيلىرىدىن چىققاندىن باشلاپ ئىمام نامازغا تۇرغانغا قەدەر تەكبىر ئېيتاتتى"دەيتتى.

   روزا ھېيت كۈنىدە تەكبىرنىڭ ۋاقتى: ھېيت كېچىدىن باشلىنىپ ئىمام نامازغا چىققانغا قەدەر داۋاملىشاتتى.

    ئەمما قۇربان ھېيتتا، تەكبىر ھېيت كۈنىسى ئەتتىگەندە باشلىنىپ، تەشرىقنىڭ ئاخىرىقى كۈنى كۈن پاتقۇچە داۋاملىشىدۇ.

    تەكبىر سۈپىتى: ئىبنى ئەبى شەيبىنىڭ كىتابىدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن سەھىھ ئىسناد قىلىنغان رىۋايەتتە: ئۇ كىشى تەشرىق كۈنلىرىدە: "ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، لائىلاھە ئىللەللاھۇ ئاللاھۇ ۋاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەلىللاھىلھەمدۇ" دەپ تەكبىر ئېيتاتتى. ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايىتى. يەنە بىر رىۋايەتتە: ئۆزىنىڭ ئىسنادى بىلەن تەكبىرنى ئۈچ قېتىم ئېيتىش بايان قىلغان.

    مۇھەللادا، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بولغان سەھىھ  ئىسناد بىلەن: ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىيرا، ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىيرا، ئاللاھۇ ئەكبەر ۋەئەجەل" دەپ تەكبىر ئېيتقانلىقى رىۋايەت قىلىنغان. ["ئەلئىرۋا"3-توم 126-بەت].

   4-تەبرىكلەش: ھېيتنىڭ ئەدەپلىرىدىن قايسى شەكىلدە بولسۇن كىشىلەر بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنىڭ ھېيتلىرىنى تەبرىكلەش، بەزىلەر: ئاللاھ تائالا بىزنىڭ ۋە سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى قوبۇل قىلسۇن دەيدۇ، بەزىلەر: ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن دەيدۇ، شۇنىڭغا ئوخشىغان چىرايلىق سۆزلەر بىلەن تەبرىكلەش كېرەك.

    جۇبەي ئىبنى نۇپەير مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ھېيت كۈنلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقاندا، بەزىلىرى بەزىسىگە: بىزنىڭ ۋە سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار قوبۇل قىلىنسۇن دەيتتى. [ئىبنى ھەجەر بۇنىڭ ئىسنادى ھەسەن دېگەن. پەتھۇلبارى 2-توم 446-بەت].

    تەبرىكلەش ساھابىلار ئارىسىدا تونۇشلۇق ئىش ئىدى، ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا ئالىملارمۇ بۇنىڭغا رۇخسەت قىلغان، تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەردە تەبرىكلەشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدا دەلىللەر كەلتۈرۈلگەن، ساھابىلارنىڭ بەزىسى بەزىسىنى كۆڭلى خۇرسەن بولىدىغان ئىشلار بولغاندا تەبرىكلەيتتى، خۇددى كەئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنغاندا ئۇنى تەبرىكلىگەن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەردە ئۇلار ئورنىدىن تۇرۇپ بىر-بىرىنى تەبرىكلىگەنگە ئوخشاش.

    ھەقىقەتتە بۇ تەبرىكلەشلەر ئېسىل ئەخلاق ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى گۈزەل ئۇچرىشىشنىڭ نامايەندىسىدۇر.

    تەبرىكلەش توغىرسىدا ئەڭ ئاددىسى ھېيتتا تەبرىكلىگەن كىشىنى تەبرىكلەش، جىم تۇرغانلارغا جىم تۇرۇش، ئىمام ئەھمەد دېگەندەك: بىرسى سېنى تەبرىكلىسە، تەبرىكلىگىن، تەبرىكلىمىسە، سەن باشلىمىغىن.

    5-ئىككى ھېيت ئۈچۈن چىرايلىق كىيىنىش: ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بازاردا سېتىۋاتقان يىپەك توندىن بىرنى ئېلىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بۇ توننى سېتىۋېلىپ ھېيت كۈنلىرىدە چېرايلىق كىيگەن بولسىلا دېگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: بۇ ئاخىرەتتىن نەسىۋىسى يوق كىشىلەرنىڭ كىيىمى، دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى 948-ھەدىس].

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆمەررەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھېيت ئۈچۈن چېرايلىق كىيسە دېگەن سۆزىنى قوبۇل قىلدى، لېكىن بۇ تون يىپەك بولغاچقا بۇنى سېتىۋېلىشنى رەت قىلدى.

    جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تونى بولۇپ ئۇنى ھېيت كۈنلىرىدە ۋە جۈمە كۈنىدە كىيەتتى. [سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 1765-ھەدىس].

    بەيھەقىنىڭ سەھىھ ئىسناد بىلەن قىلغان رىۋايىتىدە، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھېيت كۈنىدە ئەڭ چېرايلىق كىيىملىرىنى كىيەتتى دېيىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھېيت نامىزىغا چېقىدىغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئەڭ چېرايلىق كىيىملىرىنى كېيىپ چېقىشى كېرەك.

    ئەمما ئاياللار ھېيت نامىزىغا چىققاندا زىبۇ-زىنەتلەردىن يىراق بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار يات ئەرلەر ئۈچۈن زىننەتلىرىنى ئاشكارا قىلىشتىن چەكلەنگەن، شۇنىڭدەك ھېيت نامىزىغا چىقىدىغان ئاياللارنىڭ خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ چېقىش بىلەن ئەرلەرنى پىتنىگە چۈشۈرۈپ قويۇشى چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىبادەتكە چىققانلىقى ئۈچۈن بۇنداق نەرسىلەرنى ئىشلەتمەي چېقىشى كېرەك.

   6-نامازغا بىر يولدىن بېرىپ يەنە بىر يولدىن قايتىپ كېلىش:

    جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېيت كۈنىدە يولنى ئالماشتۇراتتى. [بۇخارى رىۋايىتى986-ھەدىس].

   بۇنىڭدىكى ھېكمەت: قىيامەت كۈنىدە ھەر ئىككى يولنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشى بولۇپ، زېمىن قىيامەت كۈنىدە ئۆز ئۈستىدە قىلىنغان بارلىق ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن خەۋەر بېرىدۇ.

    ئىككىلا يولدا ئىسلام شوئارىنى ئاشكارا قىلىش، ئاللاھنىڭ زىكرىنى ئاشكارا قىلىش.

    يەھۇدى ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئېچىنى ئۆرلىتىپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن ئۇلارنى قورقۇتۇش.

    پەتىۋا سورايدىغان، بىرنەرسە ئۆگىنىدىغان، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى قاندۇرۇش، ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە سەدىقە بېرىش ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش قاتارلىق قاتارلىق ئىشلارنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن يولنى ئالماشتۇرغان.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى