بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
ئىسلام توي قىلىشنى يولغا قويدى، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن پايدىلىق ئىشلار كېلىپ چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بۇيرىدى، تالاق مەسىلىسىدە قاتتىق يول تۇتتى، تالاق ئىشى ھەرگىزمۇ سوئال سورىغۇچى ئېيتقاندەك ئۇ قەدەر ئاسان ئەمەس، ئەر كىشىنىڭ ئايالنى تالاق قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، تالاق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بەزى ھۆكۈم ۋە چەكلىمىلەرنى بېكىتتى، ئەر كىشىنىڭ قولىدىكى تالاقنى خالىغان ۋاقىتتا قىلىدىغان قىلمىدى.
ئەگەر مۇسۇلمانلار مۇشۇ ھۆكۈملەرگە تولۇق بويسۇنغان بولسا ئېدى، تالاق قىلىنىش نىسبىتى بەك ئاز بولاتتى، تالاق قىلىش ئەر ئۇنىڭغا بەك ئېھتىياجلىق بولمىغاندا يۈز بەرمەيتتى، لېكىن كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ ھۆكۈملەرگە رىئايە قىلمىدى، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن تالاق قىلىش بەك كۆپ بولۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن بەزى كىشىلەر ئىسلام تالاق قىلىش ئىشىنى بەك ئاسانلاشتۇرىۋەتتى دەپ ئويلاپ قالدى.
تالاق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا يولغا قويغان ھۆكۈملەردىن:
1-ئەسلىدە تالاق قىلىش چەكلىنىدۇ، بۇ يا ھارام يول بىلەن يا مەكرۇھ يول بىلەن چەكلىنىدۇ.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەسلىدە تالاقتا چەكلىمە بار، ھەقىقەتتە ھاجەت بولغاندا دۇرۇس بولىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىبلىس تەختىنى دېڭىزدا سۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇپ ئەگەشكۈچىلىرىنى ئەتراپقا ئەۋەتىدۇ، ئۇلاردىن ئورۇن جەھەتتە ئىبلىسقا ئەڭ يېقىن بولغىنى پىتنە جەھەتتە ھەممىدىن كاتتىسىدۇر، ئىبلىسنىڭ يېنىغا شەيتانلىرى كېلىپ: مەن مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم دەيدۇ، يەنە بىر شەيتان: مەن كۆپ تىرىشچانلىق قىلىپ ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتتىم، ئەر ئايالىنى تالاق قىلدى دەيدۇ، ئىبلىس ئۇنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ: سەن چوڭ ئىش قىلدىڭ دەيدۇ».
ئاللاھ تائالا سېھىرنى سۆكۈپ مۇنداق دەيدۇ: فَيَتَعَلَّمُونَ مِنْهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِ بَيْنَ الْمَرْءِ وَزَوْجِهِ تەرجىمىسى: «ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر ـ خوتۇننى بىر ـ بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى(يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى». [سۈرە بەقەرە 102 -ئايەت. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 33 -توم 81 -بەت].
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "تالاققا تۈرتكە بولىدىغان ھاجەت بولمىسا ئېدى، دەلىللەر تالاقنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلاتتى، ئەسەرلەر ۋە ئۇسۇل قائىدىلىرىمۇ بۇنى ئىپادىلەيدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ بەزى ۋاقىتتا تالاققا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا رەھمەت قىلىپ تالاق قىلىشنى دۇرۇس قىلدى" . ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 32 -توم 89 -بەت].
2-ئاللاھ تائالا تالاق قىلىش ھوقۇقىنى ئايالنىڭ ئەمەس بەلكى ئەرنىڭ قولىدا قىلدى.
ئەگەر تالاقنى ئايالنىڭ قولىدا قىلغان بولسا ئېدى، ئەلۋەتتە ئاياللارنىڭ قارار ئېلىشىنىڭ تىزلىكى ۋە ئاسان ئاچچىقلىنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن تالاق نىسبىتىنىڭ ھازىرقىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ بولغانلىقىنى كۆرەتتىڭىز.
ھەنەپى ئالىملىرىدىن: ئىبنى ھۇمام رەھىمەھۇللاھ تالاقنىڭ ئايالنىڭ ئەمەس ئەرنىڭ قولىدا قىلىنغانلىقىنى تالاقنىڭ يولغا قويۇلۇش گۈزەللىكى قاتارىدىن بايان قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى: ئەر كىشىنى ئۆزىنى تۇتىۋالىدۇ، كونترول قىلىدۇ، ئىشنىڭ ئاقىۋېتىنى تەخمىن قىلىدۇ". ["پەتھۇلقەدىر" 3 -توم 463 -بەت].
3-ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى ھەيزدار ھالىتىدە ياكى بىرگە بولغان پاكلىق ھالىتىدە تالاق قىلىشى توغرا بولمايدۇ، بۇ شەكىلدىكى تالاق كۈچكە ئىگىمۇ ياكى ئىگە ئەمەسمۇ؟، بۇ توغرىدا پىقھى ئالىملىرى ئوخشىمىغان قاراشلاردا بولدى. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن 72417 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.
ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان كىشى ئايالى ھەيزدار بولسا ياكى پاك بولغاندا جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، بۇ ھالەتتە ئۇ كىشى ئايالىنى تالاق قىلماستىن ھەيزدىن پاك بولغىچە ياكى بىرگە بولغان پاكلىق ۋاقتى تۈگەپ ئادەت كۆرۈپ ئاندىن پاك بولغاندا بىرگە بولماستىن تالاق قىلىشى كېرەك. بۇ بەزى ۋاقىتتا بىر ئايغا يېتىپ قالىدۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئەر بۇنداق كۈتۈش جەريانىدا تالاق قىلىشتىن ۋاز كېچىدۇ ياكى ئۇنى تالاق قىلىشقا تۈرتكە بولغان سەۋەپلەرمۇ يوق بولۇپ كېتىدۇ.
4-تالاق بولغاندىن كېيىن ئايال ئۆيىدىن چىقماسلىقى كېرەك. سەۋەبسىز ئويدىن چىقىشىمۇ توغرا بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحْصُوا الْعِدَّةَ وَاتَّقُوا اللَّهَ رَبَّكُمْ لا تُخْرِجُوهُنَّ مِنْ بُيُوتِهِنَّ وَلا يَخْرُجْنَ إِلَّا أَنْ يَأْتِينَ بِفَاحِشَةٍ مُبَيِّنَةٍ وَتِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ وَمَنْ يَتَعَدَّ حُدُودَ اللَّهِ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ لا تَدْرِي لَعَلَّ اللَّهَ يُحْدِثُ بَعْدَ ذَلِكَ أَمْراً تەرجىمىسى: «ئى پەيغەمبەر! ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى) سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە تالاق قىلىڭلار. ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن چىقىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تالاقتىن كېيىن) بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن». [سۈرە تالاق 1 -ئايەت.]
بۇ ھۆكۈم: ئەر-ئايالغا مەسىلىنى ھەل قىلىۋېلىش ئۈچۈن پۇرسەت بېرىدۇ، ئائىلە ئىشىغا باشقا تەرەپلەرنىڭ ئارىلىشىشىدىن ئىلگىرى ئەر ئايالى بىلەن يېنىشىۋىلىش پۇرسىتى بولىدۇ. بەزى ۋاقىتتا ئەر-ئايالنىڭ ئىشىغا باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشى بولسا، ئىشنى تۈزەش ۋە ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئورنىغا بۇزۇپ قويۇشى مۇمكىن.
ئەر كىشى تالاق قىلىش بىلەنلا ئايال ئۆيدىن چىقىپ كەتسە، ئەمەلىيەتتە كۆرۈلگەندەك، بۇ ئىش ئۇلار ئارىسىدىكى چۈشىنەلمەسلىكنى زىيادە قىلىش بىلەن ئەرنىڭ ئايالى بىلەن يېنىشىۋالماسلىقتا چىڭ تۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاللاھ تائالا ئايەتنىڭ ئۆزىدە مۇشۇ ھۆكۈمدىن بولغان ھېكمەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «سەن بىلمەيسەنكى، ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تالاقتىن كېيىن) بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن». ئۇ بولسىمۇ ھالەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئەرنىڭ ئايالى بىلەن يېنىشىۋېلىشىدىن ئىبارەتتۇر.
5-شەرىئەت ئەر كىشى ئىگە بولىدىغان تالاقنىڭ سانىنى ئۈچ قىلدى. بۇنىڭدىن بولغان ھېكمەت ئاشكارىدۇر، ئەگەر ئەر ئايالىنى تالاق قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلسا، ئايالى بىلەن يېنىشىۋېلىشقا پۇرسەت بولىدۇ، بەلكىم ئەر-ئايال ھەر ئىككىسى ئۆزىدىن سادىر بولغان خاتالىقلىرىنى تۈزىتىدۇ، ئاندىن ئەرگە يەنە بىر پۇرسەت بېرىدۇ، ئەگەر ئەر ئۈچىنچى قېتىم يەنە تالاق قىلسا، بۇ كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇ ئىككەيلەننىڭ ئىشىنىڭ ئەپلەشمەيدىغانلىقىنى ئۇلار ئارىسىدا ئايرىلىشتىن باشقا يول قالمىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تاھىر ئىبنى ئاشۇرا رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تالاقنى ئۈچ قېتىم يولغا قويۇشنىڭ ھېكمەتلىرىدىن: بۇ ئەر-ئاياللارنى ئەر-ئاياللىق ھەق-ھوقۇقىنى يەڭگىل كۆرىدىغان، ئۆيلىرىدە تالاق ئېشىنى ئويۇندەك كۆرىدىغان ئىشلاردىن قايتۇرىدۇ، ئەر ئويلانماستىن بىرىنچى قېتىم تالاق قىلىدۇ، ئىككىنچىسىنى تەجىربە بىلەن قىلىدۇ، ئۈچىنچىسىنى ئايرىلىش ئۈچۈن قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن خىزىر ئەلەيھىسسالام ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەرگەندەك: «مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن بىرىنچى قېتىملىق سەھۋەنلىك ئۇنتۇپ قىلىشتىن بولغان، ئىككىنچى قېتىملىق سەھۋەنلىك بولسا شەرت بىلەن بولغان، ئۈچىنچى قېتىملىق سەھۋەنلىك بولسا قەستەن بولغان، شۇنىڭ ئۈچۈن خىزىر ئەلەيھىسسالام ئۈچىنچى قېتىمدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: «بۇ سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدىكى ئايرىلىش دېگەن.» [سۈرە كەھەپ 78 -ئايەت].
بۇخارى رىۋايىتى 2578-ھەدىس. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى56-35 -ھەدىسلەر. بۇ ھەدىسنى مۇسنەدنى تەھقىق قىلغۇچىلار سەھىھ دېگەن. "ئەتتەھرىر ۋە تەنۋېر" 2 -توم 415 -بەت.
ھەنەپى ئالىملىرىدىن: ئىبنى ھۇمام رەھىمەھۇللاھ تالاقنىڭ سانىنىڭ ئۈچ قىلىنغانلىقىنى توغرىسىدىكى ھېكمەتنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ نەپسى يالغانچىدۇر، بەزى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تالاققا ئېھتىياجى يوق ئىكەنلىكىنى نامايەندە قىلىدۇ ياكى تالاق قىلىشقا ئېھتىياج بولماستىن تەرك قىلىدۇ، تالاق قىلغاندىن كېيىن بولسا، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىدۇ، سەبىر قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئېچى سىقىلىپ بىئارام بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۈچ قېتىم تالاق قىلىشنى يولغا قويدى، بىرىنچى قېتىملىقى ئۆزىنى تەجرىبە قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ، ئەگەر بۇنى ئىسپاتلىسا، ئىددەت ئاخىرلاشقىچە داۋام قىلىدۇ، ئەگەر ئىددەت ئاخىرلاشمىغاندا قايتىۋېلىش بىلەن تۇرمۇشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ، ئاندىن نەپسى يەنە ئەسلىگە قايتىپ بىرىنچى قېتىمدىكىگە ئوخشاش غالىپ كېلىپ يەنە تالاق قىلسا، بۇنىڭدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا قارىلىدۇ، ئۈچىنچى قېتىملىق تالاق بولسا، كۆڭلى مۇۋاپىق كېلىپ، تەجرىبىدىن كېيىن بولىدۇ، ئۈچ قېتىم تالاق قىلىپ بولغاندىن كېيىن يېنىشىۋېلىشتىن ئىبارەت ئۈزۈرگە يول قالمايدۇ. "[شەرھى پەتھۇل قەدىر"3 -توم 465 -بەت].
6-ئايالغا ۋەز-نەسىھەت قىلىنىدۇ. ياتىدىغان تۆشۈكىدە يالغۇز تاشلاپ قويىدۇ. ئەرگە يېنىپ، ئاۋاز كۆتۈرۈپ غەۋغا قىلسا يەڭگىل ئۇرۇپ ئەدەپلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاللاَّتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلاَ تَبْغُواْ عَلَيْهِنَّ سَبِيلاً إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيًّا كَبِيراً تەرجىمىسى: «سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە ئۇلارنى ئەدەبلەپ قويۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ)» [سۈرە نىسا 34 -ئايەت].
ئەر ئۆزىنىڭ بىلەن ئايالى ئارىسىدا كىچىككىنە بىر ئىش بولۇپ بولغىچە ئايالىنى تالاق قىلىشنى باشلىمىسۇن، تالاقتىن ئىلگىرى مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە ئامال-چارىلىرىنى ئىزدىسۇن.
7-ئەر-ئايال ئۆز ئارىسىدا يۈز بەرگەن مەسىلىنى ئۆزلىرى ھەل قىلالمىسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىپ قويىدىغان كىشىلەرنى تېپىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنْ خِفْتُمْ شِقَاقَ بَيْنِهِمَا فَابْعَثُواْ حَكَمًا مِّنْ أَهْلِهِ وَحَكَمًا مِّنْ أَهْلِهَا إِن يُرِيدَا إِصْلاَحًا يُوَفِّقِ اللّهُ بَيْنَهُمَا إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرًا تەرجىمىسى: «ئەگەر ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار، ئەگەر بۇ ئىككى كىشى بۇلارنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئاللاھ ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر». [سۈرە نىسا 35 -ئايەت].
ئەر كىشى ئارىسىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش قىيىن بولغاندا دەرھال تالاق قىلىشقا ئالدىرىمىسۇن، بەلكى ئارىدىكى ھۈكۈم قىلغۇچىلار ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئۇرۇنۇپ بېقىش كېرەك.
بۇنىڭدىن شۇ ئېنىق بولىدۇكى: ئىسلام تالاقنى يولغا قويۇشنى ۋە تالاقنىڭ يۈز بېرىشىنى ئاسان قىلمىدى، بەلكى بۇ ئىشنى قاتتىق چىڭ تۇتتى، تالاق نىسبىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئەرلەرگە تالاق قىلىشنى قىيىنلاشتۇردى. بۇنداق بولىشى: تالاق ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ياخشى كۆرەلگۈچى بىر ئىش ئەمەس، بەلكى ياقتۇرۇلمايدىغان بىر ئىشتۇر.
شەيىخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئىسلام تالاقنى ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىنى ئايرىشتىكى ئاخىرىقى چارە دەپ يولغا قويدى، تالاق قىلىشقا يۈزلىنىشتىن ئىلگىرىمۇ نۇرغۇن چارىلەرنى يولغا قويغان.
ھۆرمەتلىك ئۇستاز! ئىسلام ئەر-ئاياللارنىڭ تالاققا يۈزلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان چارىلەرنى بايان قىلىپ بەرگەن بولسىلا؟ دەپ تەلەپ قىلىنغاندا، شەيخ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "ئاللاھ تائالا ئەر-ئايالنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇلارنى بىر-بىرىگە يېقىن بىر ئائىلىدە تۇتۇش ۋە تالاقنىڭ سەۋەپلىرىدىن يىراق بولۇشنى يولغا قويدى، بۇنىڭ جۈملىسىدىن: نەسىھەت قىلىش، تۆشەكتە يالغۇز قويۇش، بۇ ئىشلارنىڭ پايدىسى بولمىسا يەڭگىل ئۇرۇپ قويۇش قاتارلىقلار. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَاللاَّتِي تَخَافُونَ نُشُوزَهُنَّ فَعِظُوهُنَّ وَاهْجُرُوهُنَّ فِي الْمَضَاجِعِ وَاضْرِبُوهُنَّ فَإِنْ أَطَعْنَكُمْ فَلاَ تَبْغُواْ عَلَيْهِنَّ سَبِيلاً إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيًّا كَبِيراً تەرجىمىسى: «سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە ئۇلارنى ئەدەبلەپ قويۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ) ». [سۈرە نىسا 34 -ئايەت].
ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش يوللىرىنىڭ جۈملىسىدىن: ئەر-ئايال ئارىسىدا سۈركىلىش ۋە كىلىشەلمەسلىك يۈز بەرگەندە ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئەر-ئايال تەرەپتىن پاراسەتلىك ئىككى كىشىنى تىپىپ ئەۋەتىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِنْ خِفْتُمْ شِقَاقَ بَيْنِهِمَا فَابْعَثُواْ حَكَمًا مِّنْ أَهْلِهِ وَحَكَمًا مِّنْ أَهْلِهَا إِن يُرِيدَا إِصْلاَحًا يُوَفِّقِ اللّهُ بَيْنَهُمَا إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلِيمًا خَبِيرًا تەرجىمىسى: «ئەگەر ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئىناقسىز بولۇپ قېلىشىدىن قورقساڭلار، ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى، خوتۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن بىر ھەققانىي كىشىنى ئەۋەتىڭلار، ئەگەر بۇ ئىككى كىشى بۇلارنى ئەپلەشتۈرۈشنى خالىسا، ئاللاھ ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا ئىناقلىق سالىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر». [سۈرە نىسا 35 -ئايەت].
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ۋاستىلەرنىڭ پايدىسى بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، تالاش-تارتىش داۋام قىلسا، بۇنىڭ سەۋەبى ئەردە بولسا ئەرنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى يولغا قويۇلدى، ئەگەر خاتالىق ئايالدىن بولۇپ تۇرۇپ يەنە تالاقنى تەلەپ قىلسا، ئەگەر تالاق قىلمىسا، ئايال بۇنىڭ ئۈچۈن تويلۇق مېھرى ياكى باشقا نەرسىلەرنى پىدىيە بېرىپ ئېرىدىن تالاقنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: الطَّلاَقُ مَرَّتَانِ فَإِمْسَاكٌ بِمَعْرُوفٍ أَوْ تَسْرِيحٌ بِإِحْسَانٍ وَلاَ يَحِلُّ لَكُمْ أَن تَأْخُذُواْ مِمَّا آتَيْتُمُوهُنَّ شَيْئًا إِلاَّ أَن يَخَافَا أَلاَّ يُقِيمَا حُدُودَ اللّهِ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلاَّ يُقِيمَا حُدُودَ اللّهِ فَلاَ جُنَاحَ عَلَيْهِمَا فِيمَا افْتَدَتْ بِهِ تِلْكَ حُدُودُ اللّهِ فَلاَ تَعْتَدُوهَا وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ اللّهِ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ تەرجىمىسى: «قايتا يارىشىشقا بولىدىغان) تالاق ئىككى قېتىمدۇر، ئۇنىڭدىن كېيىن ( خوتۇنىنى (چىرايلىقچە تۇتۇش ياكى ياخشىلىق بىلەن (زۇلۇم قىلماي، يامان گېپىنى قىلماي، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرماي قويۇۋېتىش لازىم، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى يەنى ياخشى ئۆتەلمەسلىك، ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەر ـ خوتۇنلۇق ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلالماسلىق خەۋپى بولمىسىلا، ئۆزەڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارغا (مەھرى ئۈچۈن) بەرگەن مال ـ مۈلۈكتىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۇۋېلىش دۇرۇس بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلار (يەنى ئەر ـ ئايال) نىڭ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلالماسلىقىدىن قورقساڭلار، خوتۇننىڭ (تالاق خېتىنى ئېلىش مەقسىتىدە) مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ ئىككىسىگە (يەنى ئەر ـ خوتۇنغا) گۇناھ بولمايدۇ. ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدۇر، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماڭلار، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار زالىملاردۇر». [سۈرە بەقەرە 229 -ئايەت.]
ئەر-ئاياللار بىر-بىرى بىلەن كېلىشەلمەي، تالاش-تارتىش تۈگىمەي، ئائىلىدە سوغۇق ئۇرۇش بىلەن ياشاش بىلەن ئىسلام يولغا قويغان نىكاھلىنىشتىن بولغان مەقسەت ھاسىل بولمايدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى يولى ئۇرۇشۇپ-تالىشىپ ياشىغاندىن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَإِن يَتَفَرَّقَا يُغْنِ اللّهُ كُلاًّ مِّن سَعَتِهِ وَكَانَ اللّهُ وَاسِعًا حَكِيمًا تەرجىمىسى: «ئەگەر ئىككىسى ئۈزلۈشۈپ كەتسە، ئاللاھ ئۆز پەزلى بىلەن ئۇلارنىڭ بىرسىنى ئىككىنچىسىدىن بىھاجەت قىلىدۇ، ئاللاھ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر». [سۈرە نىسا 130 -ئايەت.]
سەھىھ ھەدىستە: سابىت ئىبنى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى ئېرى بىلەن بىرگە ياشاشقا ئۇنىمىغانلىقى، ئېرىنى ياخشى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ئايالنى ئېرى تويلۇق ئۈچۈن بەرگەن باغنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئېرىدىن تالىقىنى تەلەپ قىلىشقا، سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى تويلۇقنى قايتۇرۇپ ئېلىپ ئۇ ئايالنىڭ سۆزىنى بېرىشكە بۇيرىغان، شۇنىڭ بىلەن سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىنى قوبۇل قىلىپ ئۇ ئايالنى بىر تالاق قىلغان». [بۇ ھەدىسنى بۇخارى سەھىھ كىتابىدا بايان قىلغان، "ھەرەم ئۆلىمالىرى پەتىۋاسى" 494-495 -بەتلەر].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.