پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

ئىنسان دىندا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئۆزىنى قانداق قوغدايدۇ؟

سۇئال

ئىنسان دىندا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئۆزىنى قانداق قوغدايدۇ؟، ئەگەر پىتنىگە چۈشۈپ قالسا بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: دۇنيادا ئىنساننىڭ دىنى توغرا بولسا، ئۇ كىشى ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىدۇ، بەخىت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ. دىن مۇسۇلماننىڭ ئاساسلىق سەرمايىسى، دىنغا سەل قاراپ، پىتنىگە دۇچ كىلىدىكەن زېيان تارتىپ، خارلىنىدۇ. مۇسۇلمان دىنىنى كۈچلاندۇرۇپ، تۈرلۈك پىتنىلەردىن ئۆزىنى ساقلايدىكەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجات تاپىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ! ئىشىمنىڭ كاپالىتى بولغان دىنىمنى مەن ئۈچۈن تولۇقلاپ بەرگىن، تۇرمۇش ئىشلىرىم بولغان دۇنيالىقىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، قايتىدىغان ئورنۇم بولغان ئاخىرەتلىكىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، بارلىق ياخشىلىقلاردا مەن ئۈچۈن ھاياتلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن، بارلىق يامانلىقتىن ئۆلۈمنى مەن ئۈچۈن راھەتلىك قىلىپ بەرگىن، دېگەن دۇئانى كۆپ ئۇقۇيتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى2720-ھەدىس].

ئىمام مەناۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئى ئاللاھ! ئىشىمنىڭ كاپالىتى بولغان دىنىمنى مەن ئۈچۈن تولۇقلاپ بەرگىن دېگەنلىك مېنىڭ ھەممە ئىشلىرىمنى ساقلىغۇچى بولغان دىنىمنى تولۇقلاپ بەرگىن دىمەكتۇر. چۈنكى دىنى بۇزۇلغان كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرى بۇزىلىدۇ، ئۇ كىشى دۇنيا-ئاخىرەتتە زېيان تارتىدۇ، خار بولىدۇ". ["پەيزۇل قەدىر" 2-توم 173-بەت].

ئىككىنچى: مۇسۇلمان ئاللاھ تائالانىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدا مېڭىش ئارقىلىق دىنىنى پىتنىدىن ساقلاشقا قادىر بولالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە ئىشلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ:

1-دىنى ۋە ئەخلاقى تەرەپتىن بۇلغانغان مۇھىتتىن يىراق بولۇش. كاپىرلار دىيارىدا تۇرماسلىق. پاسىق-پاجىرلارغا ئارىلىشىپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىش. بۇزۇقچىلىققا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش. ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن دىنىنى زايە بولۇپ كىتىشتىن مۇھاپىزەت قىلىش. مۇسۇلماننىڭ كۇپىر مۇھىتتا غەيرى دىندىكىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشىشى ئۇنىڭغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىز دىن توغرىسىدا يۈرەكنى لەختە قىلىپ، ئىنسان ئۆزىنى تۇتالمايدىغان دەرىجىدىكى ئىشلارنى كۆردۇق ۋە ئاڭلىدۇق، نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىنىنى ئەرزىمەس دۇنياغا ساتتى، بۇنىڭ سەۋەبى؛ ئۇلارنىڭ كۇپرى مۇھىتتا ياشىغانلىقى، غەيرى دىدىكىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش جەريانىدا قەلبنىڭ ئۆلگەنلىكى سەۋەبىدىن بولغاندۇر.

مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن بۆلۈنۈش ۋە ئىختىلاپلارغا ئارىلىشىپ قالماسلىق، بولۇپمۇئۆز ئارا بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرىدىغان، دىنى قېرىنداشلىقنى ئۈزۈشكە ئىلىپ بارىدىغان ئىختىلاپقا ئارىلىشىپ قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن پىتنىنى مۇلاھىزە قىلغاندا، پىتنىگە ئارىلىشىپ قالغان كىشى ئۈچۈن دىن-دۇنيالىق تەرەپتىن ھاسىل بولغان زېياننى كۆرگەندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بۇ پىتنىگە ئارىلىشىپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سەنا ئېيتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق پىتنىگە ئارىلىشىش چەكلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن قول ئۈزۈشكە بۇيرىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَلْيَحْذَرِ الَّذِينَ يُخَالِفُونَ عَنْ أَمْرِهِ أَن تُصِيبَهُمْ فِتْنَةٌ أَوْ يُصِيبَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ تەرجىمىسى:پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار دۇنيادا چوڭ بىر پىتنىگە يولۇقۇشتىن، يا ئاخىرەتتە قاتتىق بىر ئازابقا دۇچار بولۇشتىن قورقسۇن." [سۈرە نۇر 63-ئايەت]. "مىنھاج ئەسسۈننەتۇن نەبەۋىيە" ناملىق ئەسەر 4-توم 410-بەت.

2-مۇسۇلماننىڭ دىنىنى ساقلاشقا ياردىمى بولىدىغان ئىشلاردىن: ئىمانىنى كۈچلاندۇرۇش. مۇھىم بولغان تائەت-ئىبادەتلەرنى كۈچىنىڭ يىتىشچە ئادا قىلىش. چەكلەنگەن ئىشلارنى تولۇق تەرك قىلىش. زۆرۈر بولغان تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، ناماز بولۇپ، مۇسۇلمان نامازنى پەرىز، ۋاجىب، سۈننەتلىرى بىلەن خۇشۇ بىلەن ئۆز ۋاقتىدا ئادا قىلىش كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَأَقِمِ الصَّلَاةَإِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَىٰ عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنكَرِ تەرجىمىسى:نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئوقۇغىن، ناماز ھەقىقەتەن قەبىھ ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ. [سۈرە ئەنكەبۇت 45-ئايەت].

دىندا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇيرۇغان تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلىشقا، ئاياللار، مال-دۇنيا ۋە يۈز -ئابرۇي قاتارلىق دۇنيانىڭ پىتنىسىدىن ھەزەر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىدى. چۈنكى بۇ ئىشلار مۇسۇلماننىڭ دىنىنى سىتىۋىتىشىگە سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئىنساننىڭ كەچتە مۇسۇلمان بولۇپ، ئەتتىگەندە كاپىر بولۇپ كىتىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئەتتىگەندە مۇسۇلمان بولۇپ كەچتە كاپىر بولۇپ كىتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسىدەك پىتنىگە دۇچ كىلىشتىن ئىلگىرى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار، بىر ئادەم مۆمىن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ، كاپىر ھالەتتە كەچ قىلدۇ ياكى مۆمىن ھالەتتە كەچ قىلىپ، كاپىر ھالەتتەتاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئۆزىنىڭ دىنىنى ئەرزىمەس دۇنياغا تىگىشىدۇ. [مۇسلىم رىۋايىتى118-ھەدىس].

شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مۇھىم بولغان ئىش: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى قاراڭغۇ كېچىنىڭ پارچىسىدەك، ئىنسان مۆمىن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ كاپىر ھالەتتە كەچ قىلىدىغان، بىر كۈندىلا ئىسلامدىن يېنىۋىلىپ مۇرتەد بولۇپ كىتىدىغان پىتنىدىن ئاگاھلاندۇردى. ئاللاھ ھەممەيلەننى بۇنداق پىتنىدىن ساقلىسۇن، ئاللاھ تائالادىن تىنچ-ئامانلىقنى سورايمىز، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ ئىنسان ئۆزىنىڭ دىنىنى ئەرزىمەس دۇنياغا تىگىشىدۇ، ئەرزىمەس دۇنيا دېگەن، پەقەت مال ئەمەس بەلكى مال-دۇنيا، يۈز-ئابرۇي، ئەمەل-مەنسەپ، خانىم-قىزلار ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، دۇنيادا مەنپەئەتلىنىدىغان نەرسىنىڭ ھەممىسى ئەرزىمەس دۇنيا دېيىلىدۇ. دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەرزىمەس نەرسىلەردۇر.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مۆمىن ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ كاپىر ھالەتتە كەچ قېلىدىغان ياكى مۆمىن ھالەتتە كەچ قىلىپ كاپىر ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدىغان كىشىلەر بولسا ئۆزىنىڭ دىنىنى ئەرزىمەس دۇنياغا تىگىشكەن كىشىلەردۇر.

ئاللاھ تائالادىن بىزنى ۋە سىلەرنى پىتنىدىن ساقلىشىنى سورايمىز ۋە پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن داۋاملىق پاناھلىق تىلەيمىز". ["سالىھلار باغچىسىنىڭ شەرھىسى"2 -توم 20-بەت].

مۆمىننىڭ ئىمانىنى كۇچلاندۇرۇشنىڭ بايانى توغرىسىدا 34171 نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

3- دۇئا قىلىش. ئاللاھ تائالا بىزگە دۇئا قىلىشنى كۆرسەتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دىنىنى پىتنىدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەرگە مەنپەئەتى بولىدىغان دۇئالارنىڭ جۇغلانمىسىنى تەلىم بەردى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: اهْدِنَا الصِّرَاطَ الْمُسْتَقِيمَ تەرجىمىسى: بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن. [سۈرە پاتىھە 6-ئايەت].

بۇ دۇئانى ۋىتىر نامىزىدا ئوقۇيمىز: «اللَّهُمَّاهْدِنِيفِيمَنْهَدَيْتَ،وَعَافِنِيفِيمَنْعَافَيْتَ،وَتَوَلَّنِيفِيمَنْتَوَلَّيْتَ،وَبَارِكْلِيفِيمَاأَعْطَيْتَ،وَقِنِيشَرَّمَاقَضَيْتَ» تەرجىمىسى: ئى ئاللاھ! مېنى سەن ھىدايەت قىلغانلار قاتارىدا ھىاديەتكە باشلىغىن، ماڭا سەن ساقلىق ئاتا قىلغانلار قاتارىدا ساقلىق ئاتا قىلغىن، مېنى سەن ھىمايە قىلغانلار قاتارىدا ھىمايە قىلغىن، بەرگەن نېمەتلىرىڭدە ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن، سەن تەقدىر قىلغان ئىشلارنىڭ شەررىدىن مېنى ساقلىغىن.... [تىرمىزى رىۋايىتى464-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى 1425-ھەدىس. بۇ دۇئانى مۇسۇلمان كىشى ۋىتىردا قۇنۇت ئوقۇغاندا ئوقۇيدۇ، بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن دۇئالار بولۇپ، دۇئا قىلغۇچى دۇئاسى ئارقىلىق ئاللاھ تائالادىن مۇكەممەل دىن، توغرا يولغا باشلاشنى، بۇ يولدا مۇستەھكەم قىلىشنى، شۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىدىغان ئەڭ قىسقا، ياخشى يولغا باشلاپ قويۇشنى سورايدۇ.

4-ناچار ھەمراھلاردىن يىراق بولۇش. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان ئۆزى ئارىلاشقان كىشىنىڭ دىنىدا بولىدۇ، سىلەرنىڭ بىرىڭلار كىم بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىغا قارىسۇن. [ئەبۇ داۋۇت رىۋايىتى4833-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى 2378- نومۇرلۇق ھەدىستە ھەسەن دەپ رىۋايەت قىلغان].

ئىمام خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سەن پەقەت دىنىدىن ۋە ئامانىتىدىن رازى بولىدىغان كىشىلەر بىلەن دوست بولغىن، سەن ئۇنداق كىشىلەر بىلەن دوست بولغاندا، ئۇلار سېنى ئۆزىنىڭ دىنى ۋە ساغلام ئىددىيەگە يىتەكلەيدۇ، سەن ئۆزۇڭنىڭ دىنىڭدىن مەغرۇرلىنىپ كەتمىگىن، دىنى ۋە پىكرى قارىشىدىن رازى بولمايدىغان كىشىلەرگە ئارىلىشىپ ئۆزۇڭنى خەتەرگە ئۇچراتمىغىن". ["ئەلئۇزلە" ناملىق ئەسەر 141-بەت].

5-شەرئى ئىلىملەرنى ئۈگۈنۈش ۋە ئىشەنچىلىك ئىلىم ئىگىلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش.

مۇسۇلمان كىشى دىنىدا پىتتىگە ئۈچرىغاندا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىغان قورال شەرئى ئىلىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بىلىمسىز كىشى دىندا پىتنىگە كۆپ ئۇچرايدۇ، سىز قەبىرلەر ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان، ئۆلۈكلەردىن پايدا-زېيان كىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ بىقىڭ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئويلانسىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن بىلىمسىز-جاھىللاردىن ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. ئەمما ئىلىم-مەرىپەتلىك تۇرۇپ دىنىنى ئەرزىمەس دۇنياغا سىتىپ يىگەن كىشى ئازغۇن ھېسابلىنىدۇ.

ئۈچىنچى: دىنىدا پىتنىگە چۈشۈپ قالغان كىشىلەر بولسا:

1- ئاللاھ تائالاغا سەمىمى تەۋبە قىلىپ، سەل قارىغان قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىشى، ئۇ ئىشقا قەتئى قايتماسلىق ئىرادىسى بىلەن پىتنىدىن يىراق بولۇشقا بەل باغلاش ۋە پۈتۈنلەي ئۆزىنى ئۇنىڭدىن تارتىشى كېرەك.

2-ئۆزىنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتىنى پاكىزە مۇھىتقا ئۆزگەرتىش كېرەك.

3-پىتنىدىن خالاس بولۇش ئۈچۈن ئىخلاس ۋە سەمىمىلىك بىلەن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشى كېرەك.

4-دۇئاغا ياخشى ئەمەللەرنى ئەگەشتۈرۈپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياخشى ئىشلارنى كۆپ قىلىشقا تېرىشىشى لازىم. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَأَقِمِ الصَّلَاةَ طَرَفَيِ النَّهَارِ وَزُلَفًا مِّنَ اللَّيْلِ إِنَّ الْحَسَنَاتِ يُذْهِبْنَ السَّيِّئَاتِذَٰلِكَ ذِكْرَىٰ لِلذَّاكِرِينَ،وَاصْبِرْ فَإِنَّ اللَّـهَ لَا يُضِيعُ أَجْرَ الْمُحْسِنِينَ﴾ تەرجىمىسى: كۈندۈزنىڭ ئىككى تەرىپىدە (يەنى ئەتىگەندە ۋە كەچقۇرۇن ۋاقىتلىرىدا) ۋە كېچىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ناماز ئۆتىگىن. شۈبھىسىزكى، ياخشى ئىشلار ئارقىلىق يامان ئىشلار يۇيۇلىدۇ. بۇ چۈشەنگۈچىلەر ئۈچۈن ۋەز – نەسىھەتتۇر. ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. [سۈرە ھۇد 114-115-ئايەتلەر].

5- ئىنسان ئۆز ئىشىدا دەلىل-پاكىتلىق بولىشى، ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى كۆرىدىغان، پىتنىنىڭ قايسى تەرەپتىن كىلىدىغانلىقىنى، شەيتاننىڭ قانداق ئازدۇرىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولىشى كېرەك. ئەگەر پىتنە نەپسى شەھۋەت تەرەپتىن بولسا، توي قىلىش ئارقىلىق ئۆز نەپسىنى ساقلاشقا تېرىشچانلىق قىلىشى لازىم. ئەگەر توي قىلىشقا قۇربى يەتمىسە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك كۆپ روزا تۇتۇش ئارقىلىق نەپسىنى ساقلاش كېرەك.

ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " كۆپ روزا تۇتۇشتىن بولغان مەقسەت: نەپسى شەھۋىتىنى كېسىشتىن ئىبارەتتۇر".

ئەگەر پىتنە، شەك-شۈبھە ياكى شەھۋەتتىن باشقا يوللاردىن بولغان بولسا، ئۇ ۋاقتىدا ئۇنىڭ قارشىسى بىلەن تاقابىل تۇرۇش كېرەك. يۇقىرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەنۋە ئاگاھلاندۇرغان پىتنىدىنساقلىنىشنىڭ سەۋەپلىرىنى قىلىش كېرەك.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى