پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلمان ئەرنىڭ خرىستىئان ئايالىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىشى كېرەك بولامدۇ؟

سۇئال

مۇسۇلمان ئەرنىڭ خرىستىئان ئايالىنىڭ پىتىر سەدىقىسىنى بېرىشى كېرەك بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئىلگىرى بىز 99353- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا ئۆلىمالارنىڭ: مۇسۇلمان ئەر ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئايالىنىڭپىتىر سەدىقىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدىكى ئىختىلاپىنى بايان قىلدۇق.

ئەمما ئايالى ئەھلى كىتاب(خرىستىئان ياكى يەھۇدى)بولسا ئەرنىڭ ئايالى ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بېرىشى كېرەك بولمايدۇ، ئۇنداق بولىشى: پىتىر سەدىقىسى پەقەت مۇسۇلمانلارغا پەرز بولىدۇ.

بۇنىڭ دەلىلى: ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامپىتىر سەدىقىسىنى، مۇسۇلمانلاردىن بۇلغان قۇلغا، ھۆرگە، ئەرگە، ئايالغا، كېچىك-چوڭلارغاخورمىدىن، ئارپىدىن بىر سادىن(ئۈچ كىلۇ ئەتراپىدا) پەرز قىلدى. [بۇخارى رىۋايىتى1503-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى984-ھەدىس].

ھەدىستىكى: مۇسۇلمانلاردىن دېگەن سۆزدىن پىتىر سەدىقىسىنىڭ پەرھىز بولىشى ئۈچۈن مۇسۇلمان بولۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ، شۇڭا پىتىر سەدىقىسى كاپىرغا پەرز بولمايدۇ، بۇ ئۆلىمالارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدۇر. ["سۇبۇلۇس سالام"1-توم 538-بەت].

"مۇغنى مۇھتاج" ناملىق ئەسەر 2-توم 112-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: "پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ:مۇسۇلمانلاردىندېگەن سۆزى بويىچە ئەسلى كاپىرغا پىتىر سەدىقىسى بېرىش كېرەك بولمايدۇ. بۇ ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكى، ماۋەردى رەھىمەھۇللاھمۇ شۇنداق دېگەن: چۈنكى پىتىر سەدىقىسى دېگەن پاكىزلاش بولۇپ، كاپىرلار ئۇنىڭغا لايىق ئەمەس.

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ: "پەتھۇلبارى"3-توم 369-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ئەرگە، ئايالغا دېگەن سۆزىنىڭ كۆرۈنۈشىدىن پىتىر سەدىقىسىنىڭ ئايال كىشىگە ئېرى بولسۇن ياكى تۇل بولسۇن ئوخشاشلا پەرھىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن: مۇسۇلمان ئۆلىمالىرى:مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئۆزىنىڭ كاپىر خوتۇنى ئۈچۈن پىتىر سەدىقىسى بەرمەيدىغانلىقىغا ئىتتىپاق كەلگەن".

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى