پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

نىپاس قېنى توققۇز ئاي داۋاملاشقان ئايالنىڭ نامازنى تەرك قىلىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

دوستۇمنىڭ نىپاس مۇددىتى توققۇز ئاي داۋاملاشقان بولۇپ، دوستۇم بۇ مۇددەت ئىچىدە بەك ئاز ناماز ئوقۇپتۇ، كۆپ ۋاقىتلاردا ئاساسەن ناماز ئوقۇماپتۇ، ھازىر قانداق قىلىشى كېرەك؟، ئەگەر بىز نىپاسنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋاقتىنى ئاتمىش كۈن دېسەك، قالغان ۋاقىتتىكى نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ؟، ئەگەر قازاسىنى قىلسا قانداق قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئۆلىمالار نىپاسنىڭ ئەڭ ئۇزاق مۇددىتى توغرىسىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلىرى ئىلگىرى بايان قىلىندى، بۇنىڭدىكى كۈچلۈك قاراش: قىرىق كۈن دېگەن قاراش بولدى. 

     ئىككىنچى: ئايالنىڭ نىپاس مۇددىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كەلگەن قان، ئەگەر ئايالنىڭ ئايلىق ئادەت ۋاقتىدا كەلگەن بولسا، بۇ ھەيزنىڭ قېنى ھېسابلىنىدۇ، ئايال بۇ ۋاقىتتا ئايلىق ئادىتى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ناماز ئوقۇمايدۇ، روزا تۇتمايدۇ، يولدىشى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلمايدۇ، بۇ ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق، ئەمما كەلگەن قان ئايلىق ئادەتنىڭ غەيرىدىكى ۋاقىتلاردا بولسا، بۇ ئىستىھازە-خۇن كېسىلى – دېيىلىدۇ، خۇن كېسىلى بولغان ئايال: ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، يولدىشى بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىدۇ، ھەر نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە ھەر پەرىز ناماز ئۈچۈن ئايرىم تاھارەت ئالىدۇ، بۇ تاھارەت بىلەن پەرىزدىن باشقا خالىغان نەپلە نامازلارنى ئوقۇيدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن 106464- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئۈچىنچى: خۇن كېسىلى بولغان ئايالنىڭ بىلمەسلىكتىن نامازنى تەرك قىلغانلىقى توغرىسىدا، ئۆلىمالار: ئۇ ئايال تەرك قىلغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ ئىككى خىل قاراشتا بولدى:

    بىرىنچى قاراش: ئۇ ئايالغا تەرك قىلغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولىدۇ.

   ئىككىنچى قاراش: ئۇ ئايالغا تەرك قىلغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ. بۇ شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ تاللىشىدۇر.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان ئايال ئۆز ئېتىقادىدا ناماز ئوقۇسام بولمايدۇ دەپ مەلۇم مۇددەت نامازنى تەرك قىلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تەرك قىلغان نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك قاراش بار، بىرى ئىمام مالىك ۋە باشقا ئۆلىمالار ئېيتقاندەك، ئۇ نامازلارنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ دېگەن قاراش، چۈنكى خۇن كېسىلى بولۇپ قالغان بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: مەن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان غەيرى بىر ھالەتتە بەك قاتتىق ھەيز كۆرىمەن، بۇ مېنى ناماز ۋە روزىدىن چەكلەپ قويىدۇ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى كېيىن زۆرۈر بولىدىغان ئىشقا بۇيرىغان ئەمما ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشقا بۇيرىمىغان". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"21-توم 102-بەت].

    شەيىخ ئىنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر قېيىنچىلىق بولمىسا دەسلەپكى كۈنلەردە ئوقۇيالماي تەرك قىلغان نامازلىرىنى ئوقۇشى ياخشى بولىدۇ، چۈنكى خۇن كېسىلى بولۇپ قىلىپ مەن قاتتىق ھەيز كۆرىمەن يەنى ھەيز بەك كېلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نامازنى تەرك قىلىمەن دېگەن ئايالنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆتكەنكى نامازنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرىمىغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنى ئالتە ياكى يەتتە كۈن ھەيز ۋاقتى بولىدىغانلىقى، ئاينىڭ قالغان ۋاقىتلىرىدا بولسا نامازنى تولۇق ئوقۇشقا بۇيرىدى، تەرك قىلغان نامازلىرىنى قايتىدىن ئوقۇشقا بۇيرىمىدى، ئەگەر ئۇ ئايال تەرك قىلغان نامازلىرىنى قايتىدىن ئوقۇغان بولسا ياخشى بولاتتى، چۈنكى ئۇ ئايال سوئالنى ۋاقتىدا سورىمىغان بولىشى مۇمكىن، ئەگەر قايتىدىن ئوقۇمىسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11-توم 276-بەت].

    دوستىڭىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى مۇمكىن بولسا ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى قىلىشتۇر، مۇشۇ مۇددەتتە ئۆتۈپ كەتكەن نامازنىڭ قازاسىنى ھەر كۈنى مۇمكىن بولغان دەرىجىدە ئادا قىلىدۇ، چۈنكى ئۇزۇن مۇددەت ئادەتتە نامازنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ۋاقىتتا، نامازنى تەرك قىلىش بىلەن سوئال سوراشقا سەل قارىغانلىقى ئاشكارا بولىدۇ، ئاندىن ئۇ ئايال نامازنى بەزى ۋاقىتتا ئوقۇغان، بۇ ئۇ ئايالنىڭ نامازنى تولۇق ئوقۇشنى بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 31803- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى