غەرب دۆلەتلىرىدە ئۆي-مۈلۈكچىلىك ئىشلىرىدا ئارىچىلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سوئال 146747

يولدىشىم ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك ئىشلىرىدا ئارىچىلىق قىلىدۇ، بۇنداق قىلىشى توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئەسلىدە ئۆي مۈلۈك ئىلىم-سېتىم ۋە ئىجارە ئىشلىرىدا ئارىچىلىق قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، بۇنىڭ قارىشىدا ئىككى تەرەپتىن ياكى ئىككى تەرەپنىڭ بىرىدىن ھەق ئالىدۇ، لېكىن ھاراق ساتىدىغان دۇكان سودىسى، جازانە ئىشلىرى، قىمارخانا، چالغۇ ئەسۋاپلىرى ياكى ناخشا-ئۇسۇل مەشق قىلىدىغان ئورۇن قاتارلىق ھارامغا ياردەم بولىدىغان ئىشتا ئارىچىلىق قىلىش توغرا بولمايدۇ. ئارىچىلىق قىلغۇچى سودىدىن بولغان مەقسەتنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلسە، ھەق ئىلىپ بولسۇن ياكى بىكارغا بولسۇن ئۇ ئىشقا ياردەم بېرىشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىقتۇر.» [سۈرە مائىدە 2-ئايەت].

ھارامغا ياردەم بېرىشنىڭ قاتارىدىن: بانكىدىن بولسۇن ياكى باشقا يول بىلەن بولسۇن جازانە يولى بىلەن بىنا سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېنىق بولغان كىشى بىنا تېپىپ بېرىش، ئۇ كىشىنىڭ ھارامغا قەدەم بېسىشىغا ياردەم بېرىشنى ئاسانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر ئۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلمەي بىنا ئېلىشقا ياردەم بەرگەن بولسا گۇناھ بولمايدۇ، شۇنىڭدەك جازانە مۇئامىلىسى قىلىدىغان كىشى مالنى ھازىر قىلغان بولسا، ئۇ كىشىگە بىنانى كۆرسەتسە گۇناھ بولمايدۇ، چۈنكى جازانە بىلەن مال قەرز ئالغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ زېمىن ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشى دۇرۇس بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ياردەم بەرسە توغرا بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 110006-22905- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

شۇنىڭدەك ئارىچىلىقنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا 45726- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ئىجارە ۋە ياللاش
خىزمەتلەرنىڭ ھۆكمى

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android