بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: تاھارەتنىڭ پەرىزلىرىدىن بېشىغا مەسىھ قىلىش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ﴾ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار.» [سۈرە مائىدە 6-ئايەت].
ئالىملار بېشىنىڭ مەسىھ قىلىش مىقدارى توغرىسىدا ھەممىسىگە مەسىھ قىلامدۇ ياكى بەزىسىگە مەسىھ قىلسا كۇپايە قىلامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشتى. ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەد بېشىنىڭ ھەممىسىگە مەسىھ قىلىش پەرىز دېگەن قاراشتا بولدى، بۇ كۈچلۈك قاراش.
تاھارەت ئالغاندا بېشىغا مەسىھ قىلىش ئىككى شەكىلدە بولىدۇ:
بىرىنچىسى: قولىنى ھۆل قىلغاندىن كىيىن بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىگە يەنى پېشانىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ مەسىھ قىلىپ ھەتتا گەردىنىگىچە سىلايدۇ ئاندىن قولىنى يەنە بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىگە قايتۇرىدۇ.
ئىككىنچىسى: بېشىنىڭ ھەممىسىگە مەسىھ قىلىدۇ، چېچىنىڭ يۆلىنىشى بويىچە مەسىھ قىلىدۇ ۋە چېچىنىڭ ھەيئىتى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ ئۇسۇلدا مەسىھ قىلىش، ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن چېچى ئۇزۇن بولۇپ قولىنى قايتۇرغاندا چېچىنىڭ چۇۋۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ھەممە كىشىگە مۇناسىپ كېلىدۇ.
رۇبەيئە بىنتى مۇئەۋۋەز ئىىنى ئەپرا رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىدا تاھارەت ئالغان، بېشىنىڭ ئۈستىدىن چېچىنىڭ ھەممىسىگە مەسىھ قىلغان، چېچىنىڭ ھەيئىتىدىن ھېچ نەرسە ئۆزگەرمىگەن». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 26484 -ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد 128رىۋايىتى 128-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].
ئىراقى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى ؛ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسىھ قىلىشنى چېچىنىڭ ئۈستىدىن باشلاپ ئاستىغىچە داۋاملاشتۇرغان، بۇنى بېشىنىڭ ھەممە تەرىپىدە شۇنداق قىلغان." ["ئەۋنىل مەئبۇدتىن ئىلىندى" ].
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ "ئەلمۇغنى" 1-توم 87-بەتتە مۇنداق دېگەن: تاھارەت ئالغان كىشىنىڭ چېچى ئۇزۇن بولۇپ مەسىھ قىلغاندا قولىنى كەينىگە قايتۇرسا چېچىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىسە، قولىنى كەينىگە قايتۇرمايدۇ. بۇنىڭغا ئىمام ئەھمەد دەلىل كەلتۈرگەن، بىر كىشى ئۇنىڭدىن: چېچى دولىسىغا يېتىدىغان كىشى قانداق مەسىھ قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئىمام ئەھمەد ئۇ كىشىگە يۈزلىنىپ، قولىنى بېشىنىڭ ئۈستىدىن بىر ئۆتكۈزۈپ كەينىگە قايتۇرماستىن چېچىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن كىشى مۇشۇنداق مەسىھ قىلىدۇ، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ مۇشۇنداق ھەدىس بايان قىلىنغان دېدى. خالىسا رۇبەيئەنىڭ ھەدىسىدە بايان قىلىنغاندەك مەسىھ قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ يېنىدا تاھارەت ئالغان، بېشىنىڭ ئۈستىدىن چېچىنىڭ ھەممىسىگە مەسىھ قىلغان، چېچىنىڭ ھەيئىتىدىن ھېچ نەرسە ئۆزگەرمىگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
ئىمام ئەھمەدتىن: ئايال كىشى قانداق مەسىھ قىلىدۇ؟ دەپ سورىغاندا، مۇشۇنداق دەپ قولىنى بېشىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاندىن بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئەكەلدى، ئاندىن قولىنى كۆتۈرۈپ مەسىھنى باشلىغان جايدا قويۇپ، قولىنى كەينىگە يەنى گەردىنىگە ئەكەلدى، مەسىھدىكى پەرىزنىڭ مىقدارى تولۇق بولغاندىن كىيىن قايسى شەكىلدە مەسىھ قىلسا توغرا بولىدۇ.
ئىككىنچى: ئايالنىڭ بېشىدا چاچ بۇغقۇچ، قىسقۇچ ۋە چازا قاتارلىق نەرسىلەر بولسا، ئۇ نەرسىلەر بېشىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ياپقان بولسا، بېشىنىڭ ھەممىسىگە مەسىھ قىلىش پەرىز دېگەن قاراشقا كۆرە، ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش كېرەك بولىدۇ.
باجى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئايالنىڭ چېچى يۇڭ ياكى باشقا چاچلار بىلەن كۆپ بولۇپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭغا مەسىھ قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق ھالەتتە چاچنىڭ تېگىگە سۇ يەتمەيدۇ، ئەگەر سۇ يەتكەن تەقدىردىمۇ بەزىسىگە يېتىدۇ، بۇ چاچنىڭ ھەممىسىگە مەسىھ قىلىش پەرىز دېگەن قاراشقا ئاساسەندۇر ". ["ئەلمۇنتەقا"1/38. ].
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ ئايالنىڭ بېشىغا مەسىھ قىلىشتا يەڭگىل قاراشنى ئاساس قىلىپ بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىگە مەسىھ قىلسا كۇپايە قىلىدۇ دېدى.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بېشىغا مەسىھ قىلىشنىڭ پەرىز ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپ يوق. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: «بېشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار»، ئەمما پەرىزلىك مىقدارىدا ئىختىلاپ قىلىشتى، ئىمام ئەھمەدتىن ھەر بىر كىشى ئۈچۈن بېشىنىڭ ھەممىسىگە مەسىھ قىلىش پەرىز دەپ بايان قىلىنغان، بۇ خەرقىنىڭ ۋە مالىكى مەزھىپىنىڭ ئوچۇق قارىشى.
ئىمام ئەھمەدتىن بېشىنىڭ بەزىسىگە مەسىھ قىلسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ دەپ بايان قىلىنغان. بېشىنىڭ بەزىسىگە مەسىھ قىلسا كۇپايە قىلىدۇ دېگەنلەر: ھەسەن بەسەرىي، سۇپيان سەۋرىي، ئەۋزائىي، ئىمام شافىئىي ۋە ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرى، لېكىن ئىمام ئەھمەدتىن ئوچۇق بولغىنى ئەرلەرنىڭ ھەققىدە بېشىنىڭ ھەممىسىگە مەسىھ قىلىش، ئاياللارنىڭ ھەققىدە بولسا بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىگە مەسىھ قىلسا كۇپايە قىلىدۇ دېگەن قاراشتۇر.
خەللال مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەتنىڭ مەزھىپىدە، ئايال بېشىنىڭ ئالدىغا مەسىھ قىلسا كۇپايە قىلىدۇ، مۇھەننا مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد، بېشىغا مەسىھ قىلىشتا ئايالنىڭ ھۆكمى ئاسان بولۇشنى ئۈمىت قىلىمەن دېگەن ئىدى، مەن ئۇنىڭغا: نېمە ئۈچۈن؟ دېسەم، ئۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ بېشىنىڭ ئالدىغا مەسىھ قىپتىكەن دېدى". ["ئەلمۇغنى" 1/86. ].
مۇشۇ قاراشقا ئاساسەن: ئايالنىڭ بېشىدا چاچ بۇغقۇچ بولسا ئۇنىڭ زېيىنى يوق، لېكىن كۆپ بولۇپ كەتسە ئۇنى ئېلىۋەتكەن ياخشىدۇر.
ئۈچىنچى: ئايال بېشىنىڭ چېچىنى بىر ئۆرۈم ياكى ئۇششاق قىلىپ بىر قانچە ئۆرۈم قىلىۋالسا بولىدۇ، تاھارەت ئالغاندا قانداق بولسا شۇ بويىچە مەسىھ قىلىدۇ.
شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن:" ئايالنىڭ ئورىۋالغان چېچىغا مەسىھ قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ: ئايال چېچىنى ئورىۋالغان بولسۇن ياكى قويۇۋەتكەن بولسۇن چېچىغا مەسىھ قىلسا بولىدۇ، لېكىن چېچىنى بېشىنىڭ ئۈستىگە يۆگىۋەتمەي چوققىسىدا قويۇپ قويۇشى كېرەك، چۈنكى بېشىغا يۆگىۋالسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ سۆزىنىڭ قاتارىغا چۈشۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەمەن: «كىيىم كىيگۈچى يالىڭاچ ئاياللار، ئۇلارنىڭ باشلىرى تۆگىنىڭ قىڭغىيىپ قالغان لوكىسىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ ۋە جەننەتنىڭ پۇرىقى بەك يىراق جايدىن كىلىدىغان تۇرسىمۇ ئۇلار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ.» [شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالىرى11/152].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.