شەنبە 23 زۇل ھەججە 1445 - 29 ئىيۇن 2024
Uygur

بارمىقى جاراھەتلەنگەن كىشى قانداق تاھارەت ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

مېنىڭ پۇتۇمنىڭ بارمىقىدا جاراھەت بولۇپ ئۇنى تىڭىۋەتسەم بولامدۇ؟ تاھارەت ئالغاندا قانداق قىلىمەن؟، بۇنداق ھالەتتە ئاياغنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىش توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: تاھارەتتە ئاللاھ تائالا يۇيۇشقا بۇيرىغان ئەزالارنى كامىل، چالا قويماي تولۇق يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ.

   ئەگەر يۇيۇشقا بۇيرۇلغان ئەزادا جاراھەت بولسا، يۇيۇش سەۋەبىدىن ئەزاغا زەرەر يېتىدىغان ياكى ساقىيىشى كېچىكىپ قالىدىغان ئىش بولسا، ئەزا ئوچۇق بولسا، ئۇنىڭغا سۇ بىلەن مەسىھ قىلىش مۇمكىن بولسا سۇ بىلەن مەسىھ قىلىنىدۇ، ئەگە ئوچۇق بولۇپ سۇ بىلەن مەسىھ قىلىش مۇمكىن بولمىسا، ئەزالاردىن يۇيۇش مۇمكىن بولغانلىرىنى يۇيىدۇ، يۇيۇش ۋە سۇ بىلەن مەسىھ قىلىش مۇمكىن بولمىغانلىرىغا تەيەممۇم قىلىدۇ.

    ئەگەر ئەزانى تېڭىپ قويغان ياكى يىپىشتۇرغۇچ يەملەپ قويغان بولسا ياكى ئەزاغا سۇ يېتىشنى چەكلەپ قويىدىغان دورىلار قويۇلغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تېڭىقنىڭ ياكى يىپىشتۇرغۇچنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئىمام ئەھمەد مۇنداق دېگەن: "تاھارەت ئالغاندا جاراھەتكە سۇ تىگىپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، لاتىنىڭ ياكى پايپاقنىڭ ئۈستىدىن مەسىھ قىلىدۇ.

   شۇنىڭدەك جاراھەتكە دورا قويۇلغان بولسا، ئۇنى ئېلىۋىتىشتىن ئەنسىرىسە ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىمام ئەھمەد ئەسرەمنىڭ رىۋايىتىدىن ئىبنى ئۆمەرگە تۇتاشقان ئىسناد بىلەن دەلىل بايان قىلغان، ئىبنى ئۆمەرنىڭ پۇتىنىڭ بارمىقىغا جاراھەت چىققاندا ئۇنىڭغا ئۇلاغنىڭ ئۆتىنى كەيدۇرۇپ تاھارەت ئالغاندا ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلغان.

    ئەگەر ئىنساننىڭ تىرنىقى سۇنۇپ كەتسە ياكى بارمىقىغا جاراھەت چىقسا، ئۇنىڭغا سۇ تىگىپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە ئۇ يەرنى تېڭىپ قويۇپ ئۈستىگە مەسىھ قىلسا توغرا بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد بۇنىڭغا دەلىل بايان قىلغان. قازى ئەبۇ يەئلا مۇنداق دەيدۇ: تاھارەت ئالغاندا، جاراھەتنىڭ ئۈستىدىكى يىپىشتۇرغۇچنى ئېلىۋەتسە زەرەر يەتمىسە ساق ئورۇننى يۇيىدۇ، جاراھەت ئۈچۈن تەيەممۇم قىلىدۇ، جاراھەتنىڭ ئورنىغا مەسىھ قىلىدۇ. ئەگەر ئېلىۋەتسە زەرەر يېتىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا يېپىشتۇرغۇچ تېڭىقنىڭ ھۆكۈمىدە بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىدۇ". ["ئەلمۇغنى"1-توم 172-173-بەت. "پىقھى توپلاملىرى" 14-توم 273-بەتكە قارالسۇن].

   سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ:"تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالارنىڭ بىرىدە جاراھەت بولسا، ئۇ ئورۇننى يۇيۇش ياكى مەسىھ قىلىش مۇمكىن بولمىسا، يۇسا ياكى مەسىھ قىلسا جاراھەتنىڭ ساقىيىشى كېچىكىدىغان ياكى ئاغرىقى زىيادە بولۇپ كېتىدىغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا شۇ ئەزاغا تەيەممۇم قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا كومىتېتى ئىككىنچى بۆلۈم 5-توم 357-بەت.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالاردا جاراھەت بولسا، بۇ بىر قانچە باسقۇچتا بولىدۇ:

   بىرىنچى باسقۇچ: يۇيىدىغان ئەزا ئوچۇق بولۇپ يۇسا زېيىنى بولمىسا، بۇ يۇيىلىدىغان ئەزا بولسا، بۇ ئەزانى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ.

   ئىككىنچى باسقۇچ: يۇيىدىغان ئەزا ئوچۇق بولۇپ مەسىھ قىلسا تەسىرى بولماي، يۇسا زېيىنى بولسا، بۇ باسقۇچتا يۇماستىن مەسىھ قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.

    ئۈچىنچى باسقۇچ: يۇيىدىغان ئەزا ئوچۇق بولۇپ مەسىھ قىلسا ۋە يۇسا زېيىنى بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تەيەممۇم قېلىنىدۇ.

   تۆتىنچى باسقۇچ: يۇيىدىغان ئەزا تېڭىق ياكى يېپىشتۇرغۇچ بىلەن ئورالغان بولسا، بۇ باسقۇچتا تېڭىقنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۇيۇشتىن بىھاجەت بولىدۇ، تەيەممۇم قىلىشتىن بىھاجەت بولمايدۇ. ["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ پەتىۋالىرى ۋە رىسالىلىرى توپلىمى" 11-توم 121-بەت].

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈملەرگە كۆرە: بارماقنى يۇسا زەرەر بولمىسا ئۇنى يۇيۇش ۋاجىپ بولىدۇ. ئەگەر يۇسا زەرەر بولسا، مەسىھ قىلسا رەزەر بولمىسا مەسىھ قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.  ئەگەر يۇسا ۋە مەسىھ قىلسا زەرەر بولىدىغان بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بارماق تېڭىقلىق بولسا تېڭىقنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسىڭىز كۇپايە قىلىدۇ.

    ئىككىنچى: ئاياغقا مەسىھ قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، سىز ئاياغنى ئىككى پۇتىڭىزنى تولۇق يۇيۇپ كىيگەن بولسىڭىز ياكى يۇيۇشقا قادىر بولغان جاينى يۇيۇپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك جاراھەتلەنگەن ئەزاغا مەسىھ قىلىپ ئاياغنى كىيگەن بولسىڭىز تولۇق تاھارەت بىلەن كىيگەن بولىسىز، ئۇ ۋاقىتتا سىز ئۈچۈن مۇقىم بولغاندا بىر كېچە-كۈندۈز، سەپەر قىلغاندا ئۈچ كېچە كۈندۈز مەسىھ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.

    ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " تېڭىققا مەسىھ قىلىپ ئاياغنى كامىل تاھارەت ئىلىپ كىيگەن بولسا، ئاياغقا مەسىھ قىلىش توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئاياغقا مەسىھ قىلىش دېگەن كەسكىنلىكتۇر. چۈنكى تاھارەت ناقىس بولۇپ قالسا، ئەسلىدە ناقىس بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ داۋام قىلىدۇ، بۇ مەسىھ قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى چەكلىمەيدۇ. خۇددى خۇن كېسىلى بولغان ئايالنىڭ ئۈزۈرسى يوق بولۇشتىن ئىلگىرى تاھارىتىنىڭ ناقىس بولغانلىقىغا ئوخشاشتۇر. ئەگەر تاھارەت ئىلىپ بولۇپ جاراھەتنى تاڭغان بولسا، تېڭىقنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىش توغرا بولىدۇ. ["ئەل مۇغنى" 1-توم 176-177-بەت]. 

    ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئاياغنى تاھارەت بىلەن كىيگەن بولسا، ئۇنىڭغا مەسىھ ۋە تېڭىققا مەسىھ قىلسا بولىدۇ". ["ئەلپۇرۇ" 1-توم 198-بەت].

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى