شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

قىبلىنىڭ يۆلىنىشىنى بىلەلمىگەن مۇساپىر نامازنى قانداق ئوقۇيدۇ؟

سۇئال

سىلەرنىڭ "سەپەر نامىزى" ۋە "سەپەردە ناماز ئوقۇغاندا قايسى تەرەپكە يۈزلىنىش" توغرىسىدىكى سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىڭلارنى ئوقۇدۇم. بىز سەپەر جەريانىدا قىبلىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن بىر ۋاستە تاپالمىدۇق، بۇ خۇددى ئامېرىكىدا قىبلىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى سوراش ئۈچۈن مۇسۇلمان تېپىش تەس بولغانغا ئوخشاشتۇر. قىبلە كۆرسەتكۈچنى ئىشلىتىشكە كۆپ ئۇرۇنغان بولساممۇ لېكىن ئۇنى توغرا ئىشلىتەلمىدىم، مۇشۇنداق ھالەتتە نامازنىڭ ۋاقتى چىقىپ كېتىشتىن ئەنسىرىسەك، نامازنى قايسى يۆلۈنۈشكە توغرا كەلسە شۇ تەرەپكە قاراپ ئوقۇپ، كىيىن قايتا ئىئادە قىلساق بولامدۇ؟. بىزنىڭ بىلىشىمىزچە ئاللاھ تائالا زېمىننىڭ ھەممىسىنى بىز ئۈچۈن ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلدى؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

نامازدا قىبلىگە يۈزلىنىش نامازنىڭ سەھىھ بولۇشىنىڭ شەرتى ئىكەنلىكىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق. مۇشۇ شەرتنى تۇرغۇزۇشقا قادىر بولۇپ تۇرۇپ، تەرك قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى باتىل بولىدۇ (يەنى توغرا بولمايدۇ). بەزى ھالەتلەردە قىبلىگە يۈزلىنىش ئەمەلدىن قالىدۇ، ئۇنى ئىلگىرى 65853 -نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلدۇق.

مۇسۇلمان كىشى قىبلىنىڭ يۆلىنىشىنى بىلىشكە قادىر بولالمايدىغان جايدا بولسا، ئۆز قارىشىدا قىبلىنىڭ تەرىپى دەپ تەكىتلىگەن تەرەپكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇيدۇ، بۇ نامازنى كىيىن قايتا تەكرار ئوقۇمايدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ئوقۇغان نامىزى توغرا بولىدۇ.

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر يۈرۈشتە ياكى سەپەردە بولغان ئىدۇق، ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، بىز قىبلە توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشىپ قالدۇق، ھەر بىر كىشى ئۆز ئالدىغا ناماز ئوقۇدى ۋە ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ناماز ئوقۇغان جايغا سىزىق سىزىپ قويدى، تاڭ يورىغاندا قارىساق، بىز قىبلىگە ئەمەس بەلكى باشقا تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇپتىمىز، بىز بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا سۆزلەپ بەرگەن ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھېچ بىرىمىزنى نامازنى قايتا ئوقۇشقا بۇيرۇمىدى ۋە ئوقۇغان نامىزىڭلار توغرا بولۇپتۇ، دېدى. [دارى قۇتنى، ھاكىم ۋە بەيھەقىي رىۋايىتى. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ باشقا ھەدىسلەر بىلەن بىرگە بۇ ھەدىسنى"ئىرۋائۇل غەلىل" ناملىق ئەسەردە (291)ھەسەن دېگەن].

شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: قىبلىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ بېقىپ باشقا تەرەپكە قاراپ ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "مۇسۇلمان كىشى سەپەردە ياكى قىبلىنى كۆرسىتىپ قويىدىغان كىشىلەرنى تېپىش تەس بولغان شەھەرلەردە، قىبلىگە يۈزلىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ بېقىپ، خاتالىشىپ باشقا تەرەپكە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولىدۇ.

ئەمما مۇسۇلمانلار شەھرىدە بولۇپ تۇرۇپ، يۇقىرىقىدەك خاتالىق سادىر بولسا، ئۇ كىشىنىڭ نامىزى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى شەھەردە قىبلىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كىشىلەرنى تاپالايدۇ، ياكى مەسچىتكە قاراپ قىبلىنىڭ قايسى تەرەپكە كېلىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ." ["پەتىۋالار توپلىمى" ناملىق ئەسەر 10 -توم 420-بەت].

ئىككىنچى: بۇ يەردە قىبلىنىڭ يۆلىنىشىنى بىلىشنىڭ يوللىرى ئىنتايىن كۆپ، مۇسۇلمان سەپەر قىلغان ۋاختىدا بارغان جايدا قىبلىنىڭ قايسى تەرەپكە كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن ياكى ئۇ يەردە قىبلىنىڭ قايسى تەرەپكە كېلىدىغانلىقىنى سورايدىغان بىرەر مۇسۇلمان يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان بولسا، ئۇ كىشى سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى قىبلىنىڭ تەرىپىنى بىلىشنىڭ بەزى يوللىرىنى ئۈگۈنىشى كېرەك. ھازىر بۇنى ئۆگنىش بەك ئاسان، بۇنى كومپاس ئارقىلىق ياكى قىبلىنىڭ يۆلىنىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پروگرامما قاچىلانغان سائەت ئارقىلىق ياكى كۈنگە ياكى ئايغا قاراش ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشى نامازنى توغرا شەكىلدە ئادا قىلىش ئۈچۈن قىبلىنىڭ يۆلىنىشىنى بىلىشكە ياردەمچى بولىدىغان بەزى بىلىملەرنى ئۆگىنىشى زۆرۈر بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى