پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلمان ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ دىنىغا بولغان مۇھەببىتىنى قانداق زىيادە قىلىدۇ؟

148982

تارقاتقان ۋاقىت : 15-12-2012

كۆرگۈچىلەر : 3827

سۇئال

نېمە ئۈچۈن ئىنساننىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشى زۆرۈر بولىدۇ؟. مەن، بىزنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشىمىزنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن مەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ دىنغا بولغان مەزكۇر مۇھەببەت ۋە ياخشى كۆرۈشنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ زىيادە قىلالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.

بىرىنچى:

ھەقىقەتەن يۇقىرىدا سورالغان سۇئال بىرئاز غەيرىدەك تۇيۇلىدۇ،ئەمما بىزنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشىمىز ياكىئۆز نەپسىمىزنى ئاللاھدىن بەكراق ياخشى كۆرىشىمىز ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. بەلكى ئەجەبلىنەرلىك ئىش بولسا، ئىنسان ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ياراتقۇچىسىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىشى، ئاندىن ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىكى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىئۆزىنىڭ جىنى، ئاتا-ئانىسى،بالا-چاقىلىرى ۋە بارلىق ئىنسانلاردىن يۇقىرى ئورۇنغا قويالماسلىقىدۇر.

گۈزەللىككە ئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق گۈزەللىكنى مەزكۇر گۈزەللىك سەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن گۈزەلدۈر، ئاللاھنىڭ گۈزەللىكى ئۆزىنىڭ ئالى ماقامى ۋە يۈكسەك ئورنى ۋە ئۇنىڭ زاتىغا لايىقدۇر.

يۈكسەكلىككە ئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق يۈكسەكلىكنى مەزكۇر يۈكسەكلىكسەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن كاتتىدۇر ۋە يۈكسەكتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر ۋە قۇدرەتلىكتۇر.

كامالەتكە ئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق كامالەتنى مەزكۇر كامالەت سەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھ تائالا تەڭداشسىز كامالەت، ئالى قۇدرەتۋە يۈكسەك ماقام ئىگىسىدۇر.

ئېھسان ۋە پەزىلەتكە ئىنتىلگۈچىلەر ھەرقانداق ياخشىلىقنى مەزكۇر ئېھسان ۋە پەزىلەتگە بېرىلىدىغان مۇكاپات ۋە چەكسىز نېمەتلەر سەۋەبىدىن ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھنىڭ مەخلۇقلارغا ئاتا قىلغان مەرھىمىتى ۋە ئېھسان-پەزىلىتى ساناپتۈگەتكۈسىز چەكسىزدۇر. مۇشۇنداق ئالى ماقام، كاتتا شان-شەرەپ ئىگىسى بولغان، بۈيۈك ئاللاھ قانداقمۇ ياخشى كۆرەلمىسۇن؟!.

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ياخشى كۆرۈشنىڭ ئەڭ مەنپەئەتلىك، زۆرۈر، يۈكسەك ۋە ئالى ماقامى بولسا؛ قەلىبلەر ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە مايىل بولغان، پىترەت-تەبىئەت ئۇنىڭغا بويسۇنغان،ئۇنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاسمان-زېمىن تۇرغۇزۇلغان، بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ تەبىئىتى ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە مايىل بولغانلىقىدۇر. مانا بۇ، "بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوق" دەپ، گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ سىرىدۇر.

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قەلبلەرنى سۆيگۈ-مۇھەببەت ئۈستىگە بىرلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە بويسۇنۇش ۋە ئىبادەت قىلىشقا يىتەكلىگىچىدۇر. ئىبادەتكەيەككە-يىگانە ئاللاھتىن باشقاھېچكىم لايىق بولالمايدۇ. ئىبادەت ئۇقۇمى؛ ئاللاھ تائالانى كامىل ياخشى كۆرۈش ۋە تولۇق ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىبادەتتە ئاللاھقا باشقا بىرىنى شېرىك كەلتۈرۈش بولسا، ئاللاھ تائالا كەچۈرۈم قىلمايدىغان ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر. ئاللاھ تائالا ھەممە تەرەپتىن ياخشى كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە دالالەت قىلىدىغان ياخشى كۆرۈشلەر، ئىنساننىڭ ئۆز رەببىنى ياخشى كۆرۈشىنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان ساماۋى كىتابلاردا ۋەبارلىق پەيغەمبەرلەر ئۆزئۈممەتلىرىنى ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشكە چاقىردى. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقان تەبىئىتى پىترىتى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئۇلارغا ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرى، قەلبنىڭ نېمەت ئاتا قىلغۇچى ۋە ئېھسان قىلغۇچىنى ياخشى كۆرۈشى قاتارلىقلار،ئىنساننىڭ ئۆز ياراتقۇچىسىنى ياخشى كۆرۈشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.

بارلىق جانلىقلارغا خەيرى-ئېھسان قېلىپ، تۈگىمەس نېمەت ئاتا قىلىۋاتقان، ھېچقانداق شېرىكى يوق، يەككە-يىگانە ئاللاھ ياخشى كۆرۈلۈشكە ئەلۋەتتە ھەقلىقتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا بِكُم مِّن نِّعْمَةٍ فَمِنَ اللَّـهِثُمَّ إِذَا مَسَّكُمُ الضُّرُّ فَإِلَيْهِ تَجْأَرُونَتەرجىمىسى: سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەن، سىلەرگە بىر ئېغىرچىلىق يەتسە، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر. [سۈرە نەھل 53-ئايەت].

ئىنسان، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم، ئالى سۈپەتلىرى ۋە ئۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان چوڭقۇر مەنالار بىلەن تونۇشۇپ چىققاندا، ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز كامالى قۇدرىتىنى،زاتىنىڭ بۈيۈك ۋە ئۈلۈغ ئىكەنلىكىنىبىلىپ يېتەلەيدۇ.

مۇتلەق كامالەت ئىگىسى بولغان ئاللاھنىڭ ئېھسانى ۋە چەكسىز نېمىتىدىن ئىبارەت،ئىككى تۈرلۈك نەرسە، بەندىنىڭئاللاھنى ياخشى كۆرۈشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. ئاللاھ تائالا چەكسىز گۈزەلدۇر ۋە گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ. بەندىلەرگە ئاتا قىلىنغانبارلىق ئېھسان ۋە ئىنئاملار، ئاللاھ تائالا تەرىپىدىنبولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇئاللاھ ھەممىدىن بەكراق ياخشى كۆرۈشكە ھەقلىقتۇر.

سۆيگۈ-مۇھەببەتتە ئاللاھنىڭ غەيرىنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلغانلارنىڭ مەزكۇر قىلمىشى ئىنكار قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭغەيرىنى خۇددى مۆمىنلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَمِنَ النَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ اللَّـهِ أَندَادًا يُحِبُّونَهُمْ كَحُبِّ اللَّـهِ وَالَّذِينَ آمَنُوا أَشَدُّ حُبًّا لِّلَّـهِتەرجىمىسى:بەزى ئادەملەر ئاللاھتىن غەيرىيلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالىدۇ، ئۇلارنى (مۆمىنلەرنىڭ) ئاللاھنى دوست تۇتقىنىدەك دوست تۇتىدۇ، (يەنى ئۇلۇغلايدۇ ۋە ئۇلارغا بويسۇنىدۇ). مۆمىنلەر ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتقۇچىلاردۇر. [سۈرە بەقەرە 165-ئايەت].

مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھ بىلەن، ئاللاھنىڭ غەيرىنى ياخشى كۆرۈشتە باراۋەر قىلغانلارنىڭ، دوزاختا ئۆز مەبۇدلىرىغا تاپا-تەنە قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تَاللَّـهِ إِن كُنَّا لَفِي ضَلَالٍ مُّبِينٍ، إِذْ نُسَوِّيكُم بِرَبِّ الْعَالَمِينَتەرجىمىسى:ئۇلار دوزاختا جېدەللىشىپ ئېيتىدۇ: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىدۇق. ئۆز ۋاقتىدا بىز سىلەرنى (ئىبادەتتە) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قوياتتۇق. [سۈرە شۇئەرا 96-97-ئايەت].

ئاللاھ تائالا بارلىق پەيغەمبەرلەرنى،ئۆزىنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنىڭ تەۋھىدتىن ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەۋەتت ۋە ساماۋى كىتابلارنى نازىل قىلدى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەۋۋىلىدىن ئاخىرىقىسىغا قەدەر بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دەۋىتى مەزكۇر مېتۇدنى ئاساس قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمان-زېمىن، جەننەت-دوزاخ يارىتىلدى. جەننەت پەقەت ئاللاھنى ياخشى كۆرگەنلەر ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغانلار ئۈچۈن تەييار قىلىندى. دوزاخپەقەت ئاللاھقا ئىبادەتتە شېرىك كەلتۈرگەن ۋە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلار ئۈچۈن تەييار قىلىندى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەسەم قىلىپ تۇرۇپ:سىلەرنىڭ بىرىڭلار مېنى ئۆزىنىڭ جېنىدىن، بالىسىدىن، ئاتا-ئانىسىدىن ۋە بارلىق كىشىلەردىن ئارتۇق ياخشى كۆرمىگۈچە مۆمىن بولالمايدۇ دېگەن، ئىكەنۇ-، ئۇنداقتابەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشىنىڭ زۆرۈرلىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟!...

ئەگەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، جېنىمىز ۋە مىلىمىزدىن،بارلىق نەرسىلىرىمىزدىنئارتۇقراقياخشى كۆرۈشكە ھەقلىق بولغانىكەن، ئۇنداقتا ئاللاھ تائالانى ئۇنىڭدىنمۇ بەكراق ياخشى كۆرۈش ۋە ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىشقا ھەقلىق ئەمەسمۇ؟!.

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىنى باي ياكى كەمبەغەل قىلىشى، ساغلامياكى كېسەل قىلىشى، رىزقىنى كەڭرى ياكى تار قېلىشى،ئۇنىڭ ئادالەت ۋە پەزىلىتى، ھايات ۋە ماماتلىق ئاتا قېلىشى، مېھرىبانلىق ۋە مۇلايىملىقى،ياخشىلىق ۋە رەھمىتى، خەيرى-ئېھسانى، ئۇنىڭ ئەيبىنى يېپىشى ۋەئەپۇ قىلىشى، بەندىنىڭ قىلمىشلىرىغا سەۋىر قىلىشى، ئۇنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قېلىشى، قېيىنچىلىقلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشى، ئىنسانغا ھېچبىر ھاجىتى يوق تۇرۇغلۇق ئۇنى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلدۇرۇشى بەلكى ھەممىدىن بىھاجەت تۇرۇپ، ئۇنىڭغا چەكسىز نېمەتلەرنى ئاتا قېلىشى بولسا، ئىنساننىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئاللاھنىڭ بەندىلەرنىڭ ئاسىيلىق قېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى، ئۇنى گۇناھنى تاماملاپ بولغىچە ئاشكارا قىلماستىن بەلكى ئۇنى مۇھاپىزەت قىلىشى، تەۋبە قىلىپ ھەقىقەتكە قايتىشقا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىدەك ھەر-تۈرلۈك نېمەتلەر بىلەن، ئۇنىڭغا ئىنئامقىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى،بەندىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئەڭ چوڭ ئامىللاردىندۇر.

ئەگەرمەخلۇقلاردىن بىرى يەنە بىرىگە ئازراق يامانلىق قىلسا، ئۇلارنىڭ قەلبىدە بىر-بىرىگە بولغان ياخشىكۆرۈش كۆتۈرىلىدۇ ياكى سۇسلىشىدۇ. ئۇنداقتا ئىنسان ئۆزىگە داۋاملىق چەكسىز نېمەتلەرنى ئاتا قىلغۇچى، ئاسىيلىق قىلسىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغۇچى، يامانلىقنى ئەپۇ قىلغۇچى، ھەممىدىن بىھاجەت تۇرۇپبەندىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نېمەتلەرنى ئۈزمەي ئاتا قىلغۇچى ئاللاھنى قانداقمۇ پۈتۈن جىسمى ۋە قەلبى بىلەن ياخشى كۆرمىسۇن!؟ ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىدۇ.بەندە ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېھتىياجلىق تۇرۇپ، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى، ئاللاھنى ئۇلارغا ئېھسان قىلىش ۋەنېمەت ئاتا قىلىشتىن توسۇپ قويمايدۇ.

سىز ياخشى كۆرگەن ياكى سىزنى ياخشى كۆرگەن ئىنسانلار سىزنى مەلۇم غەرەز-مەقسەت بىلەن ياكى ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببەت پەقەت سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈندۇر. ئىلاھى ئەسەردە:بەندەم! ھەممىسى سىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما مەن سېنى سەن ئۈچۈن ياخشى كۆرىمەن دەيدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە شۇنداق مېھرىبانلىق قىلىۋاتسا، بەندە ھېچ ھايا قىلماستىن، ئاللاھدىن يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھنىڭ غەيرىنى ياخشى كۆرۈپ، قەلبى باشقىلارنىڭ مۇھەببىتى بىلەن مەشغۇل بولسۇن؟.

كۆپىنچە ھالەتتە ئۆز-ئارامۇئامىلە قىلىشىۋاتقان ئىنسانلار بىر-بىرىدىن مەلۇم پايدا مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىسە، ئارىسىدىكى مۇئامىلىنى ئۈزىدۇ ياكى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئەمما ئاللاھ تائالا پەقەت سىزنىڭ پايدا-مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ نېمە دېگەن چوڭ پايدا! بىر كوي ئون كويدىنيەتتە يۈز كويغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە زىيادە بولىدۇ، بىر يامانلىق ئۆز باراۋېرىدە بولۇپ، بەندە تەۋبە ياكى ياخشى ئەمەل قىلىشى بىلەن تىزلا ئۆچۈرۈلىدۇ.

ئاللاھ تائالا سىزنى ئۆزىگە ئىبادەت قېلىش ئۈچۈن ياراتتى. دۇنيا-ئاخىرەتتىكى ھەممە نەرسىنى سىزنىڭ پايدىلىنىشىڭىز ئۈچۈن ياراتتى، شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالانى پۈتۈن تېرىشچانلىقىمىز بىلەن رازى قېلىشقا ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ياخشى كۆرۈش-مۇھەببەت قېلىشقا ئەڭھەقلىق ئەمەسمۇ؟.

پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالادىن ھاجىتىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا بەك سېخى ۋە بەك مەردتۇر. ئاللاھ بەندە بىر نەرسە سوراشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئارزۇ قىلغىنىدىنمۇ كۆپرەك نەرسە ئاتا قىلىدۇ. بەندىنىڭ ئازغىنە ياخشى ئەمىلىئۈچۈن، ئۇنىڭغا رەھمىتىنى زىيادە قىلغۇچىدۇر. كۆپلىگەنخاتالىق ۋە كەمچىلىكىنى ئەپۇ قىلغۇچىدۇر.ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَسْأَلُهُ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ كُلَّ يَوْمٍ هُوَ فِي شَأْنٍ تەرجىمىسى:ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھتىن (مەدەت ۋە رىزىق) تىلەيدۇ (يەنى ھەممە ئاللاھقا مۇھتاجدۇر)، ئاللاھ ھەر كۈنى بىر ھالەتتىدۇر يەنى ئاللاھ ھەر ۋاقىت ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئىشلار بىلەن بولۇپ، ئۇلارنى يارىتىپ تۇرىدۇ،ئەھۋاللارنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ، مەخلۇقاتلارنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالانى مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھاجەتلىرى ئالدىرىتىپ قويالمايدۇ، ئۇلارنىڭ سورىغان ھاجەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن،ئۇنى ئاللاھئارىلاشتۇرۇپ قويمايدۇ، بەندىنىڭ تىلەكلىرىنىتوختىماي سوراشلىرى ئۇنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ قويمايدۇ، بەلكى دائىم دۇئا قىلىپ، ئۇنىڭدىن توختاۋسىز ھاجىتىنى سوراپ تۇرغان بەندىلىرىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھاجىتىنى سورىمىغانلارغا غەزەپلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىسىدىن ھايا قىلىدۇ، ئەمما بەندە ئاللاھ تائالادىن ھايا قىلمايدۇ، ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئاشكارا قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئىچى ئاغرىمايدۇ، ئاللاھ ئىچ ئاغرىتىپئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ، ئۆزىنىڭ چەكسىز نېمەتلىرى ۋە خەيرى-ئېھسانلىرى بىلەن، بەندىسىگە ئىكرام قېلىپئۆز رازىلىقىغا چاقىرىدۇ. بەندە بۇنىڭدىن باش تارتتى. ئۇنىڭدىن كىيىن بەندىنىڭ رەببىنى تونىشى ئۈچۈن پەيغەمبەر-ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى، كىتابلارنى نازىل قىلدى.ئاللاھ تائالاھەركۈنى كېچىنىڭ ئۈچىنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا دۇنيانىڭ ئاسمىنىغا چۈشۈپ: كىمىكى مەندىن بىر نەرسە سورىسا، ھاجىتىنى بېرىمەن، كىمىكى مەندىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلسا، ئۇنىئەپۇ قىلىمەن..... دەيدۇ.

ئىنسانغا چەكسىز ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلغۇچى، خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلغۇچى، دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى، قىيىنچىلىقلارنى ئاسان قىلغۇچى،تەلەپلەرنى ئورۇندىغۇچى دائىمى مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك ئاللاھنى، قەلبلەر قانداقمۇ ياخشى كۆرمىسۇن؟!. [كېسەل ۋە ئىلاج ناملىق ئەسەرنىڭ 534- 538 - بەتلىرىگە قارالسۇن].

ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېمەتلىرىنىڭ سىرى ئىچىپ تاشلانسا ئىدى، (ئۇلار مەزكۇر نېمەتلەرنى بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن) بەندىلەرنىڭ قەلبى ئاللاھ تائالاغا بولغان مۇھەببەت ۋە سىغىنىشئىلكىدە ئېرىپ كەتكەن بولاتتى. لېكىن قەلبلەر ئىنسانىيلىق تەقەززاسى ئىچىدىكى سەۋەپكە ئالاقىدار بولغان دۇنيادا بولغاچقا،تاكامۇللاشقان نېمەتنى ئاشكارا كۆرۈشتىنپەردىلەنگەن. ئۇنداق بولمىغاندا، قەلب ئاللاھنى تونۇش ۋە ياخشى كۆرۈشنىڭ لەززىتىنى تىتىغاندىن كېيىن،باشقا بىرىگە باش ئېگىشى ياكى ئۇنىڭ غەيرىگە مۇھەببەت قىلىشى مۇمكىن بولغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلاردىن بولۇپ، ھەممىنى بىلگۈچى غالىپ ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر.[تەرىق ئەلھىجرەتەين 281-بەت]

ئىككىنچى: ئاللاھ تائالا بەندىلەرگە ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ يوللىرىنى بايان قېلىپ مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّـهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْوَاللَّـهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ ، قُلْ أَطِيعُوا اللَّـهَ وَالرَّسُولَ فَإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّـهَ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَتەرجىمىسى:ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئېيتقىنكى، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ. [سۈرە ئال-ئىمران 31-32- ئايەت].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّـهُتەرجىمىسى:ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، دېگەن ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "سىلەر ئۈچۈن، سىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغاندىنمۇ ئارتۇق نەرسە ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھنىڭ سىلەرنى ياخشى كۆرۈشى، سىلەرنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرگىنىڭلاردىنمۇ ياخشىراقدۇر".

بەزى دانىشمەنلەر مۇنداق دەيدۇ: "سېنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرۈشۈڭدىكى مەقسەت،ئۇنى ياخشى كۆرۈشۈڭلا ئەمەس بەلكى ماھىيەتتە ياخشى كۆرۈلۈشۈڭدۇر.

ھەسەن ئەلبەسرى ۋە باشقا سەلەپ ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "بەزى كىشىلەر ئاللاھنى ياخشى كۆرىمىزدەپ ئويلايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ مەزكۇر قارىشىنى بۇ ئايەت بىلەن ئىمتىھان قىلدى:قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَ فَاتَّبِعُونِي يُحْبِبْكُمُ اللَّـهُ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ذُنُوبَكُمْوَاللَّـهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ ، قُلْ أَطِيعُوا اللَّـهَ وَالرَّسُولَ فَإِن تَوَلَّوْا فَإِنَّ اللَّـهَ لَا يُحِبُّ الْكَافِرِينَتەرجىمىسى:ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئېيتقىنكى، ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر ئۇلار (ئىتائەت قىلىشتىن) يۈز ئۆرۈسە، ئاللاھ كاپىرلارنى (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنى) دوست تۇتمايدۇ. بۇ ئايەتنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قېلىشنىڭ كاپىرلارنىڭ پرىنسىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مەزكۇر سۈپەتلەر بىلەنسۈپەتلەنگۈچىلەرنى ياخشى كۆرمەيدۇ، گەرچە ئۇ كىشىلەر ئۆز نەپسىدە بىز ئاللاھنى ياخشى كۆرىمىز ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى قىلىمىز، ئىنسى-جىنلارنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىمىز دەپ ئويلىسىمۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ياقتۇرمايدۇ». [ئىبنى كەسىر 2- توم 32 بەت].

شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھيۇقىرىقى ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشنىڭ ۋاجىپلىقى، ياخشى كۆرۈشنىڭ ئالامىتى، نەتىجىسى ۋەمېۋىسىنىڭ دەلىلىدۇر. قُلْ إِن كُنتُمْ تُحِبُّونَ اللَّـهَتەرجىمىسى:«ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار يەنى سىلەر پەزىلەتتە ئەڭ ئالى بولغان مەرتىۋىنىداۋا قىلىۋاتىسىلەر، ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئالى يۈكسەك مەرتىۋە بولمايدۇ، بۇ پەقەت ئاغزاكى دەۋا بىلەن ھاسىل بولمايدۇ، بەلكى بۇ سۆز ھەقىقى سەمىمىيەتۋە راستچىللىق بىلەن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، ئىماندا راستچىل بولۇشنىڭ ئالامىتى، سۆز-ھەرىكەت ۋە بارلىق ئىشلاردا، دىننىڭ ئەسلى ۋە جۇزئى مەسىلىلىرىدە،ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىگە تولۇق بويسۇنۇش، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن دەۋاسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۇ بەندىنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدۇ، خاتالىقىنى ئەپۇ قىلىدۇ، رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ، بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك قىلىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھەقىقى ئەگەشمىگەن كىشى ئاللاھ تائالانى ھەقىقى ياخشى كۆرگەن بولمايدۇ. چۈنكى بەندىنىڭ ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈشى، ئۇ كىشىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشىنى ۋاجىپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشلار تېپىلمىغان كىشىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنى، يالغاننى دەۋا قىلغانلىقىدۇر. گەرچە ئۇ كىشىنىڭ قەلبىدە ياخشى كۆرۈش بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولمىغانلىقى ئۇچۈن، مەزكۇر ياخشى كۆرۈشنىڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ.

بارلىق كىشىلەر يۇقىرى ئايەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ، بەندىنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى ۋە مۇھەببىتى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىشى ۋە ئۇنىڭ يولىنى قانچىلىك تۇتۇشىغا بېقىپ، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىدىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئىتائىتىدىن قانچىكى يىراقلاشسا، ئاللاھنىڭ سۆيگۈسىدىن شۇنچە يىراقلىشىدۇ". [تەپسىرىي سەئدىي 128-بەت].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: كىمكى مېنىڭ دوستۇمغا دۈشمەنلىك قىلىدىكەن، مەن ئۇنىڭغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن، بەندەمنىڭ ماڭا مەن پەرز قىلغان ئەمەل ئارقىلىقيېقىنلىق ئىزدىگىنى، مەن ئۈچۈن باشقا ھەرقانداق ئەمەللەر ئارقىلىق يېقىنلىق ئىزدىگىنىدىنمۇ سۆيۈملۈكتۇر. بەندەم پەرز ئەمەللەردىن سىرت،مەن ئۇنى ياخشى كۆرگۈنچە قەدەر، نەپلە ئەمەللەر بىلەن ماڭا داۋاملىق يېقىنلىشىدۇ، قاچانكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرسەم ئۇنىڭغا ئاڭلايدىغان قۇلىقى، كۆرىدىغان كۆزى، تۇتىدىغان قولى ۋە ماڭىدىغان پۇتى بولۇپ بېرىمەن (يەنى مەزكۇر ئەزالىرىنى ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەر قىلىمەن)، ئەگەر مەندىن نېمىنى سورىسا شۇنى بېرىمەن، ئەگەر ماڭا سېغىنىپ مەندىن پاناھلىقتەلەپ قىلسا، مەن ئۇنى ئۆز پاناھىمغا ئالىمەن.[ئىمام بۇخارى رىۋايىتى 6502- ھەدىس].

بۇ ھەدىس قۇددىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىدىن شۇنى چۈشۈنىمىزكى، كىمكى ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىكەن، بۇ ياخشى كۆرۈش،ئۇنى پەرز ۋە نەپلە ئەمەللەرگە ھېرىسمەن بولۇشقا ئۈندەيدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بەندە رەببىگە يېقىنلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇئىنسان، ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۈشىنى ھاسىل قىلىدۇ.

ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:"ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، بەزى ۋاقىتتا ئاللاھنى مۇكەممەل تونۇش، ئاللاھنىڭ ئالى ئىسىم، گۈزەل سۈپەتلىرىنى،كۆز قاماشتۇرىدىغان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى مۇلاھىزە قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە پۇختا، ھېكمەت بىلەن ياراتقان مەخلۇقاتلىرىئۇستىدە ئويلىنىش ۋەپىكىر قىلىش ئارقىلىقھاسىل بولىدۇ.يۇقىرىداسۆزلەنگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ رەھمىتى، ھەممىنى بىلىپتۇرىدىغان بىلىش قۇدرىتى، ئىش-ھەرىكەتلەردىكى ھېكمىتى ۋە كامالى قۇدرىتىنى ئىسپاتلايدۇ".

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىگە كۆرە ئۇنى ياخشى كۆرۈڭلار، مېنى ئاللاھ سۆيگۈسى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈڭلار. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئالبانى زەئىپ دەپ قارىغان].

سەلەپ ئالىملىرىنىڭ بەزىسى مۇنداق دەيدۇ:ئاللاھنى تونىغان كىشى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن كىشى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدۇ، ئاللاھ سۆيگۈسىئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى: پەرز. بۇ ئاللاھ بۇيرىغان بارلىق پەرز ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىش، چەكلىگەنھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش، تەقدىردە بېكىتىلگەندەرد-ئەلەملەرگە سەبىر قىلىشئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش مۇشۇ ئەمەللەرگە ئاساسەن بولمىغاندا، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنى يالغاندۇر.

بەزىلەر يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھنى ياخشى كۆرىمەن دەپ دەۋا قىلىپ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلمىغانلار يالغانچىلاردۇر. كىمكى چەكلەنگەن ئىشلاردىن بىرەرسىنى قىلسا ياكى بۇيرۇلغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلمىسا، ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتى تولۇق ئەمەستۇر. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ نەپسى ۋە ھاۋايى-ھەۋىسىنى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتىدىن يۇقىرى بىلدى. ئەگەر ئۇ كىشىدە ئاللاھقا بولغان مۇھەببەت -ياخشى كۆرۈش كامىل بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلانغان بولاتتى. مەزكۇر ئىنسان قەلبىدە پەرز بولغان مۇھەببەتنىڭ تولۇق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ھاياتىدا ئاللاھ ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشلار سادىر بولىدۇ. شەيتانى ھەۋىسىنى ئاللاھنىڭمۇھەببىتىنىڭ ئۇستىگە قويۇش، بەندىنىڭ ئىمانىنىئاجىزلاشتۇرىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:مۇسۇلمان ئىمانى كامىل بولغان ھالەتتە زىنا قىلمايدۇ....

ئىككىنچى: پەزىلەتلىك ئەمەللەر. بەندە نەپلە ئەمەللەرنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىپ،ياخشى كۆرۈلمەيدىغان-شەكلىك ئىشلاردىن ساقلىنىپ، تەقدىردە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىشلارغا رازى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز مۇنداق دەيدۇ: "ھەر كۈنى مەندە ئاللاھنىڭ قازايى-قەدرىگە رازى بولۇش بىلەن خۇرسەنلىك ھاسىل بولىدۇ". ئۇ ئوغلى سالىھ ۋاپات بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ ئۇنى ياخشى كۆرگەچكە قەبزە روھ قىلدى، مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنىڭ ئاللاھقا بولغان مۇھەببىتىمگە زىت كېلىشىدىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن".

تابىئىنلارنىڭ بەزىسىكېسەللىك ۋاقتلىرىدا مۇنداق دەيدۇ:"نەپسىم ماڭا ياخشى كۆرۈلگۈچىدۇر، ئۇ مەندىنمۇ بەك ئاللاھقا ياخشى كۆرۈلگۈچىدۇر". [پەتھۇلبارىي ئىبنى رەجەپ1- توم 46-48- بەتلەرگە قارالسۇن].

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى ئۆز مۇھەببىتىگە نائىل بولىدىغان ئەمەللەرگە مۇيەسسەر قىلسۇن.

تەرجىمە قىلغۈچى ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: نىزامىددىن تەمكىنى

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى