شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

غەم-قايغۇ، قىيىنچىلىقنىڭ كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش توغىرسىدا

سۇئال

   مۇھەممەد ھۈسني مالىكى  يازغان "ئەبۋابۇلفەرەج" ناملىق كىتابتىن دۇئالارنى تاللاپ ئوقۇسام توغرا بولامدۇ؟، غەم-قايغۇ، قىيىنچىلىقنىڭ كېتىشى ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان دۇئالار بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   " ئەبۋابۇلفەرەج " ناملىق كىتابنى تولۇق كۆرۈپ چىقمىدىم لېكىن ئۇنىڭ بەزى ئابزاسلىرى " پەتھى دۇئاسى، ئوت دۇئاسى، قۇرتۇلۇش دۇئاسى دېگەندەك توغرا بولمىغان لەپزىلەرنى، چەكتىن ئاشقان ۋە باشقا بىدئەت دۇئالارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولۇپ.

   ئەمما غەم-قايغۇ، قىيىنچىلىقنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن قىلىدىغان دۇئالاردىن:

   1-ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق بىر كىشىگە غەم-قايغۇ يەتكەندە: ئى ئاللاھ! مەن  سېنىڭ قۇلۇڭمەن، قۇلۇڭنىڭ ۋە دېدىكىڭنىڭ ئوغلىمەن، تەقدىرىم سېنىڭ قولۇڭدىدۇر، مېنىڭ ئۈچۈن تەقدىر قىلغانلىرىڭ ھەر زامان يۈرگۈچىدۇر ۋە ئادالەتنىڭ ئۆزىدۇر، ئاللاھ ئۆزۇڭ شۇنداق ئاتىغان ياكى كىتابىڭ ئارقىلىق چۈشۈرگەن ياكى بەندىلىرىڭدىن بىرەرسىگە بىلدۈرگەن ياكى ئۆز دەرگاھىڭدىكى غەيىپلەر قاتارىدا بىزگە بىلدۈرمىگەن بارچە ئىسىملىرىڭنى ۋاستە قىلىپ سەندىن قۇرئان كەرىمنى كۆڭلۈمنىڭ باھارى، قەلبىمنىڭ نۇرى، قايغۇلىرىمنى يوق قىلغۇچى ۋە ئەندىشىلىرىمنى كەتكۈزىۋەتكۈچى قىلىشىڭنى سورايمەن دەپ دۇئا قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ غەم-قايغۇ، قىيىنچىلىقلىرىنى كەتكۈزىۋېتىپ ئورنىغا ئاسانچىلىقنى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، دېگەندە، ساھابىلار: ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ دۇئانى ئۈگىنىۋالىمىزمۇ؟ دېۋىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئەلۋەتتە، بۇ دۇئانى ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك» دېدى. [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 3528 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" 199 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   2-ئەبى بەكرەتە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئوقۇيدىغان دۇئالار: ئەي ئاللاھ! رەھمىتىڭنى ئۈمىت قىلىمەن، مېنى كۆز-يۈمۈپ ئاچقۇچىلىكمۇ ئۆزۈمگە تاشلاپ قويمىغىن، مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىمنى ياخشى قىلغىن، سەندىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 5090-ھەدىس. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 27898-ھەدىس. شەيخ ئەلبانىي ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   3-ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا بۇ دۇئانى ئوقۇيتتى: «ئاسىيلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدىغان ئۇلۇغ ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، كاتتا ئەرىشنىڭ رەببىدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئاسمان- زېمىننىڭ ۋە كاتتا ئەرشنىڭ رەببى بولغان ئۇلۇغ ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوقتۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 2730-ھەدىس]. ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ "مۇسلىمنىڭ شەرھىسىدە" مۇنداق دەيدۇ: "بۇ كۆڭۈل بۆلۈش تەلەپ قىلىنىدىغان كاتتا ھەدىستۇر، زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغاندا بۇ دۇئانى كۆپ قىلىش كېرەك، تەبەرىي مۇنداق دەيدۇ: سەلەپلەر بۇ دۇئانى كۆپ قىلاتتى ۋە بۇنى قىيىنچىلىق دۇئاسى دەپ ئاتايتتى، ئەگەر بۇ زىكىر دۇئا ئەمەس دېيىلسە، بۇنىڭ جاۋابى مەشھۇر قاراشتا ئىككى تەرەپتىن بولىدۇ: بىرى: بۇ زىكىر بىلەن دۇئا باشلىنىدۇ ئاندىن خالىغان دۇئانى قىلىدۇ. ئىككىنچى: بۇ توغرىدا سۇپيان بىن ئۇيەينە رەھىمەھۇللاھنىڭ جاۋابى: سەن ئاللاھ تائالانىڭ: «كىمكى بىر نەرسە سوراشنىڭ ئورنىغا مېنىڭ زىكرىم بىلەن مەشغۇل بولىدىكەن ئۇ كىشىگە سورىغان كىشىگە بەرگەننىڭمۇ ياخشىسىنى بېرىمەن» دېگىنىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟.

   شائىر مۇنداق دەيدۇ: " ئىنسان سېنى مەدھىيىلىسە، ئۇنىڭ مەدھىيلىشى بىر كۈنى مۇكاپاتلىنىدۇ". مۇمكىن بولسا سىز توربىتىمىزدىكى "غەم-قايغۇنىڭ ئىلاجى" ناملىق رىسالىغا مۇراجىئەت قىلىڭ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى