پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

رامزاننىڭ يېقىنلاشقانلىقتىن خۇرسەن بولۇپ، كېچىك بالىلارغا تاتلىق-تۈرۈم نەرسىلەرنى تارقىتىش بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كېچىسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كېچىسىدە پائالىيەت ئىلىپ بېرىش توغرا بولامدۇ؟، بەزى دۆلەتلەردە بۇنى خەلقنىڭ ئادىتى دەپ داۋاملاشتۇرىدىكەن، بىزنىڭ يۇرتىمىزدىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر بۇ كېچىدە كىچىك بالىلارغا تاتلىق- تۇرۇم نەرسىلەرنى تارقىتىپ ئادەتلەنگەن، بىزنىڭ قارىشىمىزدا بۇ پەقەت رامىزان ئېيىنىڭ كېلىشىنىڭ يېقىنلاشقانلىقتىن خۇرسەن بولۇش دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. بۇ كېچىدە پەقەت كىچىك بالىلارغا تاتلىق-تۈرۈم نەرسىلەرنى تارقىتىش بىلەن پائالىيەت ئىلىپ بارسا گۇناھ بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كېچىسىدە پائالىيەت ئىلىپ بېرىش يولغا قويۇلمىغان، مەيلى بۇ كېچىدە ناماز ئوقۇش، زىكىر ئېيتىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تاتلىق-تۈرۈم نەرسىلەرنى تارقىتىش ياكى يىمەكلىك تارقىتىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش يولغا قويۇلمىغان.

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدە: شەئباننىڭ ئون بەشىنچى كېچىسىنى مەلۇم ئادەت ياكى ئايرىم ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان. شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كېچىسى باشقا ئادەتتىكى كېچىلەرگە ئوخشاش بىر كېچىدۇر.

    پەتۋا، تەتقىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرى مۇنداق دەيدۇ: "قەدىر كېچىسى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا شەئباننىڭ ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كېچىسى، مىئراج كېچىسى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋېتى قاتارلىق ۋاقىتلارنى خاتىرلەش ئۈچۈن پائالىيەت ئىلىپ بېرىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلاردىن ھېچ قانداق ئەسەر بايان قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئىشلار بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى دىنى ئىشلاردا بىز بۇيرىمىغان ئىشلارنى قىلىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىشى رەت قىلىنىدۇ. مۇشۇ شەكىلدە پائالىيەت ئىلىپ بارغۇچىلارغا مال-دۇنيا ۋە ھەدىيە، سوۋغا-سالاملار بىلەن ياردەم بېرىشى، ھەتتا چايدەك بىر نەرسە تارقىتىشىمۇ توغرا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جامائەتكە نۇتۇق سۆزلەشمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرگەنلىك ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئىنكار قىلىش ۋە بۇنداق سورۇنلارغا قاتناشماسلىق زۆرۈر بولىدۇ". ["دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى" 2-توم 257-258-بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھدىن: بىزنىڭ بەزى ئادەتلىرىمىز بولۇپ، بىز شۇ ئادەت ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلدۇق ۋە بەزى مۇناسىۋەتلەردە ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ كىلىۋاتقان بۇ ئادەتلەرنى داۋاملاشتۇردۇق، مەسىلەن: روزا ھېيت كېچىسىدە باقالە ۋە پېچىنە قاتارلىق نەرسىلەرنى تەييار قىلىش، رەجەپ ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسى ۋە شەئبان ئېيىنىڭ  ئون بەشىنچى كېچىسىدە دەستۇرخانغا گۆش، مىۋە قاتارلىق نەرسىلەرنى تەييار قىلىش، ئاشۇرا كۈنىگە تۈرلۈك شەكىلدىكى ئايرىم تاتلىق-تۈرۈملەرنى تەييار قىلىش قاتارلىق ئىشلار بولۇپ، بۇنداق قىلىش شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ؟، دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە شەرىئەت بەلگىلىگەن دائىرىدە ئۆزىنىڭ خۇرسەنلىكى ۋە خوشاللىقىنى ئىزھار قىلسا توغرا بولىدۇ، كىشىلەر ئۆزئارا بىر-بىرىنى يوقلاپ يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن بىر-بىرىنى كۈتۈۋالسا بولىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھېيت كۈنلىرى يېمەك-ئىچمەك ۋە ئاللاھنى ياد ئېتىش كۈنلىرىدۇر. بۇنىڭدىن قۇربان ھېيت كۈنى ۋە كېيىنكى ئۈچ كۈن مەقسەت قىلىنىدۇ، كىشىلەر قۇربانلىق قىلىپ قۇربانلىقنىڭ گۆشلىرىدىن يەيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىدىن بەھرىلىنىدۇ، شۇنىڭدەك روزا ھېيت كۈنىدىمۇ شەرىئەت بەلگىلىگەن دائىرىدە ئۆزىنىڭ خۇرسەنلىكى ۋە خوشاللىقىنى ئىزھار قىلسا بولىدۇ.

    ئەمما رەجەپ ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسى ياكى شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كېچىسىدە ياكى ئاشۇرا كۈنىدە ئۆزىنىڭ خۇرسەنلىكىنى ئىزھار قىلىشنىڭ شەرىئەتتە ھېچ ئاساسى يوقتۇر، بەلكى ئۇ چەكلەنگەن ئىشلاردىندۇر، مۇسۇلمان كىشى مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە چاقىرىلسا قاتناشماسلىقى كېرەك، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردىن ھەزەر قىلىڭلار، چۈنكى دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلار بىدئەتتۇر، ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.

    رەجەپ ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى بەزى كىشىلەر بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا چىققان مىئراج كىچىسى دەپ ئاتايدۇ، بۇنداق دەپ ئاتاش تارىخى تەرەپتىن ھېچ ئىسپاتلانمىغاندۇر، توغرىلىقى ئىسپاتلانمىغان ھەر قانداق ئىش باتىلدۇر، باتىل ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىشمۇ ئوخشاشلا باتىلدۇر، ھەتتا شۇ كېچىدە مىئراج ھادىسىسى يۈز بەرگەن دەپ پەرەز قىلساقمۇ، ئۇ كېچىدە ئىبادەت ياكى بايراملىق شۇئارلار توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن، ساھابىلاردىن ۋە ئۇلارغا توغرا يولدا ئەگەشكەن ياخشى كىشىلەردىن سەھىھ بىر دەلىل بايان قىلىنمىغان، چۈنكى ئۇلار سۈننەتنى ھەممىدىن بەك ياخشى بىلگۈچى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى ۋە كۆرسەتمىسىگە ئەگىشىشكە بەك ھېرىسمەن كىشىلەردۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلارنىڭ دەۋرىدە بولمىغان ئىشلار توغرىسىدا بىزنىڭ سۆزلىشىمىز قانداق توغرا بولىدۇ؟!.

    ھەتتا شەئباننىڭ ئون بەشىنچى كېچىسىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سەھىھ ھەدىس بايان قىلىنمىغان، بەلكى بەزى تابىئىنلارنىڭ شەئبان ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كېچىسىنى بايرام خۇرسەنلىكىنى ئاشكارا قىلىپ خوشال بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك تارقاتماستىن، ئىبادەت ۋە زىكىرلەر بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنغان". ["ئىسلام پەتىۋالىرى"4-توم 693-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى