جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

شەبان ئېيىنىڭ ھەر پەيشەنبە كۈنىدە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش توغرىسىدىكى ھەدىس توقۇلمىدۇر

سۇئال

ماڭا ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق بىر خەت كەلدى: "ئۇلۇغ شەئبان ئېيىنىڭ ھەر پەيشەنبە كۈنىدە ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇش توغرىسىدا مۇنداق بىر ھەدىس بايان قىلىنغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ ھەر رەكەتتە پاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇپ ئاندىن ئىخلاس سۈرىسىنى يۈز قېتىم ئوقۇپ، نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يۈز قېتىم دۇرۇت يوللىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق بارلىق ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ بۇ سۆزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكچى، بۇ ئىككى رەكەت نامازنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟، ئىخلاس سۈرىسىنى ئىككى رەكەت نامازنىڭ ئىچىدە ئوقۇيامدۇ ياكى نامازدىن كېيىنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ھەدىس توپلاملىرىدا بۇ ھەدىسنىڭ ھېچ ئەسلى يوق، بەلكى بۇ شەئبان ئېيىدا ناماز ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا توقۇلغان ھەدىسلەردىن بولىشى مۇمكىن، شەئبان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، بۇ ئايدا ناماز ئوقۇش ۋە شەباننىڭ يېرىمىدا ئىبادەت قىلىش توغرىسىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆزلىمىگەن نۇرغۇن يالغان ھەدىسلەر توقۇلغان.

       بۇ توغرىدا ئەللامە ئىبنى ھەجەر ھەيتەمى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: رەجەپ ئېيىنىڭ ئاۋۋالقى جۈمە كېچىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە شەئبان ئېيىنىڭ يېرىمى توغرىسىدا مەشھۇر بولغان ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەسلى يوق، يالغان، باتىل ھەدىسلەردىندۇر. بۇ ھەدىسلەر ئىمام غەزالىنىڭ "ئىھيائۇل ئۇلۇمىددىن" قاتارلىق ئەسەرلەردە بايان قىلىنغان. ["بۈيۈك پىقھى پەتىۋالىرى" 1-توم 184-بەت].

    شۇنىڭدەك بۇ ئاينىڭ ھەپتىلىرىنىڭ بەزى كۈنلىرىدە ناماز ئوقۇش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەرمۇ توقۇلمىدۇر.

    ئىمام شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ھەپتىنىڭ يەكشەنبە، دۈشەنبە ۋە باشقا كۈنلىرىدە ناماز ئوقۇش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ توقۇلما ھەدىس ئىكەنلىكى توغرىسىدا ھەدىس قائىدىسىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئارىسىدا ھېچ ئىختىلاپ يوق، بۇ شەكىلدە ناماز ئوقۇشنى دىنى ئالىملارنىڭ ھېچ بىرى ياخشى دەپ قارىمىغان". ["ئەل پەۋائىدىل مەۋزۇئە"1-توم 74-بەت].

    بۇنداق توقۇلما، يالغان ھەدىسكە ئەمەل قىلىش توغرا بولمايدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ھەقىقى ئەگىشىشنى خالىغان كىشىگە سەھىھ ھەدىسلەر كۇپايە قىلىدۇ.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى