يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىسىدا نامەھرەملەر بىر-بىرىگە ئارىلاشماي ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قانداق ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟

158651

تارقاتقان ۋاقىت : 06-03-2015

كۆرگۈچىلەر : 3373

سۇئال

مەن سىلەرنىڭ تور بەتتىن نامەھرەملەرنىڭ ئارىلىشىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىر قانچە پەتىۋالارنى ئوقۇدۇم، مەن بەزى يازمىلاردا زىتلىق بارلىقىنى تونۇپ يەتتىم، بەلكىم مەن خاتالاشقان بولۇشۇم مۇمكىن. مەسىلەن: 75945-نومۇرلۇق پەتىۋادا، "ئەر ئۇستازنىڭ قىزلارغا بىۋاستە دەرس ئۆتۈشى توغرا ئەمەس پەقەت ئارىسىدا پەردە تارتىپ ئاندىن دەرس ئۆتىشى كېرەك" دەپ بايان قىلىنىپتۇ. ئاندىن 113431-نومۇرلۇق پەتىۋادا، "ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە قىزلار ئالى مەكتەپتە ئوغۇللار بىلەن ئارىلىشىپ دەرس ئالسا بولىدۇ" دەپ بايان قىلىنىپتۇ. مەن ماراكەشتە ياشايمەن، بۇ يەردە قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشى ئائىلىدە بولسۇن، ئۇرۇغ-تۇغقانلار ئارىسىدا بولسۇن ياكى كوچىلاردا كىشىلەر بىلەن بولسۇن كۈندىلىك ھاياتنىڭ نامايەندىسى. ھېچكىم بۇنى ئىنكار قىلمايدۇ، ھەتتا مەسچىتنىڭ ئىماملىرىمۇ قىز-ئوغۇللارنىڭ ئارىلىشىپ يۈرۈشىنى توغرا دەپ قارايدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشى قايسى دەرىجىگىچە بولسا بولىدۇ بۇنىڭدىكى قائىدىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەرمەيدۇ. مەن ھەرقانداق ھالەتتە ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىغا قوشۇلمايمەن. مېنىڭ سورايدىغان سوئالىم: بەزىلەر، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ياشايدىغان مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە ئۆز-ئارا ئۇچرىشىش بولماي تۇرۇپ قانداقمۇ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؟ قايسى ئىش ياخشى بولىدۇ؟ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قىلىشمۇ ياكى ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشمۇ؟ دەپ سورايدۇ. توغرىسى: بىز ئەركەك ۋە ئايال ئۇرۇغ-تۇغقانلارنى ئۆيگە چاقىرغاندا ئۇلارنى ئايرىم-ئايرىم ئۆيگە باشلاپ، ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىشىدىن ساقلىنالايمىز. لېكىن بىز ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ قالغاندا قانداق قىلىمىز؟، چۈنكى ئۇنداق ھالەتتە ئارىلىشىشتىن خالى بولغىلى بولمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا پىتنە بولىشى ئېنىق، بىز قانداق قىلىمىز؟ ئۇلارنىڭ چاقىرىقىنى رەت قىلىمىزمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان يېقىن كىشىلەر بار. ئاتا-ئانىمىز تەرىپىدىن بولغان تاغا تۇغقانلىرىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ يات ھېسابلىنامدۇ؟، ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ ياشىشى ئومۇملىشىپ كەتكەن مۇشۇنداق بىر جەمئىيەتتە بۇ قىيىنچىلىقتىن قانداق ساقلانغىلى بولىدۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن. لېكىن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىمىز. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىشلار توغرىسىدا توغرا كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟ ئاللاھ تائالا قىلغان خىزمىتىڭلار ئۈچۈن ياخشى مۇكاپات بەرسۇن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ھۆرمەتلىك سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىم! سىز، كۈچىمىزنىڭ يېتىشچە چەكلەنگەن ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىمىز دەپ ئىشەنچ قىلىدىكەنسىز، ئەپۇ قىلىڭ، بىزنىڭ سىزگە دەيدىغىنىمىز، بىز پەقەت ئائىلە مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قىلىشقىلا قوشۇلمايمىز، بەلكى شۇنىڭغا دەۋەت قىلىمىز ۋە بۇنى كۈچلاندۇرىمىز. چۈنكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ روسۇلى بىزنى ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە سىلە-رەھىم يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بۇ پەزىلەتلىك ئەمەلگە تەۋسىيە قىلىدۇ.

ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى بۇ ئىككى ئىشنىڭ بىر بىرىگە ھەرگىزمۇ زىت ئەمەسلىكىنى بىلىش، يەنى شەرىئەتتە چەكلەنگەن ئارىلىشىشتىن ساقلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق ۋە سىلە-رەھىمنىمۇ داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىنلىقىنى سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىزنىڭ بىلىشى ئىنتايىن رۆرۈردۇر.

سىلەر ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى ئىشلار بولسا باشقا دۆلەتلەردىمۇ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان ئىش بولۇپ، شۇنداقتىمۇ دىننى تۇتۇپ ياشاشقا ھېرىسمەن كىشىلەر بۇنداق ئارىلىشىشتىن ساقلىنىپ، تەبىئىي ھاياتلىقنى نورمال داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. لېكىن ھەر بىر كىشىدە بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىرادە ۋە ھېرىسمەنلىك بولۇش كېرەك. مەسىلەن: سىلەر تۇغقانلارنى چاقىرغاندا ئەر-ئاياللارنى ئايرىم-ئايرىم جايغا باشلىغان بولساڭلار، ئۇلارمۇ سىلەرنى چاقىرغاندا سىلەرنىڭ ئايرىم ئولتۇرۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆي ھەرقانچە تارچىلىق بولسىمۇ سىلەرنى ئارىلاشتۇرماي، ئايرىم باشلاشقا تېرىشىدۇ.

ئەمما كوچىلاردا ياكى كېرىش ئېغىزى بىر بولغان جايلاردا ئەر-ئاياللارنىڭ ئۇچرىشىپ قىلىشى تەبىئىي بولۇپ، شەرىئەتتە بۇنىڭدىن چەكلەش ۋە بۇنىڭغا قاتتىقلىق قىلىش توغرىسىدا دەلىل بايان قىلىنمىغان. شۇنداقتىمۇ كېيىنكى پىتنىلەردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۈچىنىڭ يېتىشچە بۇنداق جايلاردىمۇ ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشقا تېرىشىش لازىم.

ئى قېرىندىشىم! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، جەننەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەت، ھېرىپ-چارچاشلارغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك، چۈنكى جەننەت ئىنسان ياقتۇرمايدىغان، كۆڭلى خالىمايدىغان قېيىن ئىشلار بىلەن قورشالغان. شۇنداقتىمۇ ئىنسان ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىشتا سەۋىرچان بولىشى كېرەك. مانا بۇ سەۋرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇۋەپپەق قىلغانغا قەدەر ياخشىلىققا ھېرىسمەن بولۇش لازىم. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئىلىم تەلىم ئىلىش بىلەن بولىدۇ، مۇلايىملىق كەڭ قورساقلىق بىلەن بولىدۇ، كىمكى ياخشىلىقنى تاللايدىكەن ئۇنىڭغا ياخشىلىق بېرىلىدۇ، كىمكى يامانلىقتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدىكەن، ئۇ ساقلىنىدۇ. [تەبرانى رىۋايىتى 2663-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى