پەيشەنبە 16 شەۋۋال 1445 - 25 ئاپرىل 2024
Uygur

يېمەك يېگەندە بىسمىللا دېيىش ۋە ئۇنىڭغا زىيادە قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

بىر كىشى يېمەك يېيىشنى باشلىغاندا "بىسمىللاھ" دېگەننىڭ ئورنىغا "بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم" دېسە توغرا بولامدۇ؟، مەن ھەمشىلىرىمنىڭ بىرى بىلەن بۇ توغرىدا دەتالاش قىلىپ قالدىم، مەن ئۇنىڭغا بىسمىللاھدىن زىيادە دېيىش بىدئەت دېدىم، لېكىن ئۇ سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالدى، بۇ مەسىلىدە توغرا بولغىنىنى كۆرسۈتۈپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    يېمەك يېگەندە دېيىش يولغا قويۇلغان سۆز "بىسمىللاھ" دېيىشتۇر، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: سىلەرنىڭ بىرىڭلار يېمەك يېگەندە، بىسمىللاھ دېسۇن، ئەگەر دەسلەپتە دېيىشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئەۋۋىلىدە ۋە ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن دېسۇن. [تىرمىزى رىۋايىتى1781-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دېگەن].

    بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم دېيىش توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشتى، كۆپچىلىك ئۆلىمالار بۇنداق دېسىمۇ ھېچ گەپ يوق دېدى.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يېمەك يېگەندە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم دېسە ياخشى بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق دېيىش مۇكەممەلدۇر". ["پەتىۋا كۇبرا" ناملىق ئەسەر 5-توم 480-بەت].

    پىقھى توپلاملىرى ناملىق ئەسەر 8-توم 92-بەتتە مۇنداق كەلگەن: پىقھى ئۆلىمالىرى يېمەك يېگەندە دەسلەپتە ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاش سۈننەتتۇر، بۇنىڭ پېئىلى: "بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم" دۇر"دېگەن.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاشتا بىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان مۇھىم ۋە ئەۋزەل سۆز: "بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم" دېيىشتۇر، ئەگەر "بىسمىللاھ" دېسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ ۋە سۈننەت ھاسىل بولىدۇ. ["ئەلئەزكار"1-توم 231-بەت].

    بۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەۋزەل دېگەن قاراشنى ئىپادىلەيدىغان ئايرىم بىر دەلىل كۆرمىدىم". ["پەتھۇلبارى"].

    شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن دەيمەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىدىنمۇ ئەۋزەل نەرسە بولمايدۇ، يولنىڭ ياخشىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر، يېمەك يېيىشنى باشلىغاندا پەقەت بىسمىللاھ دېيىش بېكىتىلگەن ئىكەن ئۇنىڭغا بىر نەرسىنى زىيادە قىلىش ئەۋزەل ئەمەس، بەلكى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ سۆز بىز ھەدىستە بايان قىلغان سۈننەتنىڭ خىلاپىدىدۇر. يولنىڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر". [سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"1-توم 343-بەت].

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، ياخشىسى يېمەك يېيىشنى باشلىغاندا "بىسمىللاھ" دېيىش كېرەك، بۇنىڭغا بىر نەرسىنى زىيادە قىلماسلىق لازىم، ئەگەر زىيادە قىلىپ: "بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم" دېسە كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا ھېچگەپ بولمايدۇ.

    ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى