سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

قۇرئان تىلاۋېتىنى ئېچىپ قويۇپ تېڭشىماستىن باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

مەن ئۆيدە ياكى سىرتتا بەزى ۋاقىتتا رادىئو ياكى تىلۋېزۇردىن قۇرئان تىلاۋېتىنى ئېچىپ قويۇپ تىڭشىماستىن ئوچۇق قويۇپ قويىمەن، بۇنداق قىلىشىم توغرىمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىزمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، بارلىق ساھابىلىرى ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قۇرئان كەرىمنى تىڭشاش ۋە تىلاۋەت قىلىنىۋاتقاندا جىم تۇرۇش شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ئىشتۇر، ئەمما تىڭشاشنىڭ ۋاجىپلىقى توغرىسىدا ئىككى تۈرلۈك قاراش بار، ئەڭ توغرىسى ۋاجىپ ئەمەس، پەقەت نامازدىكى ھالەتتە ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدۇر. شۇنداقتىمۇ مۇسۇلمان كىشى قۇرئان تىلاۋېتى قىلىنغاندا جىم تۇرۇپ تىڭشاش، زۆرۈر بىر ئىش بولمىسا قۇلاق سېلىشتىن باش تارتماسلىق تەلەپ قېلىنىدۇ، بۇمۇ قۇرئان كەرىمنى ئۇلۇغلىغانلىق، ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە ئېھتىرام قىلغانلىقنىڭ جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئىلگىرى بىز 88728- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بۇنىڭ تەپسىلاتى بايان قىلىنغان.

    سىز ئۆيدە ياكى سىرتتا، ئويغاق ياكى ئۇيقۇلۇق ھالەتتە رادىئو ۋە تىلۋېزۇردىن قۇرئان تىلاۋېتىنى ئېچىپ قويسىڭىز بولىدۇ، لېكىن قۇرئان كەرىم تىلاۋېتى ئوچۇق ۋاقتىدا، تىلاۋەتنى ئارىلاشتۇرىۋېتىدىغان تەشۋىشلەر، ۋاراڭ-چۇرۇڭلار، بىھۇدە پاراڭلار بولماسلىقى كېرەك. شۇنىڭدەك تىلاۋەت قويۇلىۋاتقان ئورۇن پاكىزە، شۇنىڭغا لايىق ئورۇن بولىشى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ھالەتلەردە رادىئو-تىلۋېزۇردىن قۇرئان كەرىم تىلاۋېتىنى توختىتىۋېتىش كېرەك، بۇنداق قىلىشمۇ قۇرئان كەرىمنى ئۇلۇغلىغانلىق ۋە بۇيرۇلغان بويىچە ھۆرمەت قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ. 

    شەيخ ئابدۇل ئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: ئىنسان ئۆيىدە رادىئو ياكى ئۈن ئالغۇدىن قۇرئان كەرىم تىلاۋېتىنى ئېچىپ قويۇپ، ئۇنى توختىتېۋەتمەستىن ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى زىيارەت قىلغىلى ئۆيدىن چېقىپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورالغاندا، شەيخ جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئەگەر قۇرئان تىلىۋېتىنى ئېچىپ قويغاندا، ئەتراپتا تەشۋىش قىلىدىغان، بىكار سۆز قىلىدىغان ۋە ۋاراڭ-چۇرۇڭلار بولمىسا ئۇ ۋاقىتتا تىلاۋەتنى ئېچىپ قويسا بولىدۇ، ئەمما ئەتراپ تېنىچ ئەمەس، ۋاراڭ-چۇرۇڭ، بىكار پاراڭلار كۆپ بولسا، ئۇ ۋاقىتتا تىلاۋەتنى توختىتىۋەتكەن ياخشى بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق ھالەتتە تىلاۋەتنى ئېچىپ قويۇش قۇرئان كەرىمنى ئېھتىرام قىلمىغانلىق ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۆيدە ئادەم يوق ياكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ يوق ياكى بىرەرسى ئۇخلاپ قالغان ياكى بىرەرسى تىڭشاپ تۇرغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا تىلاۋەت پروگراممىسىنى ئېچىپ قويۇپ سىرتقا چېقىپ كەتسە ھېچ ئىش بولمايدۇ".  

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى