شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلىۋەتكەن بولۇپ، ئۇ ئايالغا نەخ پۇل، نىشانلىشىش ھەققى ۋە ھەدىيەلەرنى بەرگەن ۋە كېيىن يەنە بىر نەرسىلەرنى بېرىشنى توختام قىلغان بولسا ئۇ كىشىنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا؟

175314

تارقاتقان ۋاقىت : 06-12-2022

كۆرگۈچىلەر : 511

سۇئال

  ھاممامنىڭ قىزى بىلەن نىكاھلاندىم، لېكىن بىرگە بولمىدىم، بۇ بىر قانچە سەۋەبلەر بىلەن تالاققا ئىلىپ باردى، مەن ئەللىك مىڭ كوي تويلۇق، ئوتتۇز مىڭ كوي نىشانلىشىش، يەنە كىيىن ئەللىك مىڭنى بېرىدىغان بولدۇم، ئۇنىڭدىن كېيىن ماڭا مۇمكىن بولسا كېيىن بېرىدىغاننى يۈز مىڭ كوي قىلىپ بېرىڭ، چۈنكى مېنىڭ ھاممامنىڭ قىزىنىڭمۇ كېيىن ئالىدىغىنى يۈز مىڭ كوي بوپتۇ دېدى، شۇنداق قىلىپ كېيىن بېرىدىغانغا ئوتتۇز مىڭ كوي  يېزىپ، يەتمىشنىڭ كوينى يەتكۈزۈپ بېرىدىغانغا ھۆججەت يېزىپ قول قويدۇم، ئۇ قىزنىڭ شەرئى ھەققى قانچىلىك بولىدۇ؟ ، مەن تويلۇق مېھرى ئۈچۈن ئەللىك مىڭنى، نىشان ھەققى ئۈچۈن ئوتتۇز مىڭنى بەردىم ئۇ پۇللار ھازىر ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ھەدىيە-سوغاتلارنى بەردىم، كېيىن بېرىدىغان مېھرىنى ئەللىك مىڭغا پۈتۈشكەن، كېيىن ھاممامنىڭ قىزىنىڭكىگە ئوخشاش بولسۇن دەپ يەنە ئەللىك مىڭنى زىيادە قىلدى، مەن يەنە ئۇنىڭغا بىر ئۆي سوغات قىلىشقا ئىتتىپاق كەلدىم، مەن ھازىرغىچە ئۆيگە ئايلىق پۇل تۆلەيمەن، ئۆينى يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالىمەن، ئايالنىڭ ئۇ ئۆيدىمۇ ھەققى بارمۇ؟ بۇ ھەدىيە توي قىلىش شەرتى بىلەن بولامدۇ ياكى ئۇ شەرت ھېساب بولمامدۇ؟، ھازىر ئۆي مېنىڭمۇ ۋە ئايالنىڭمۇ قولىدا ئەمەس، مەن ئۇنى ئىككى يىلدىن كېيىن تاپشۇرۇپ ئالىمەن، بۇ توغرىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن، ئاللاھ سىلەرگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

 بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئەر كىشى ئايالىنى بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تويلۇق مېھرى ئاتىغان بولسا، ئۇ ئايالغا ئاتىغان تويلۇق مېھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:وَإِنْ طَلَّقْتُمُوهُنَّ مِنْ قَبْلِ أَنْ تَمَسُّوهُنَّ وَقَدْ فَرَضْتُمْ لَهُنَّ فَرِيضَةً فَنِصْفُ مَا فَرَضْتُمْ إِلَّا أَنْ يَعْفُونَ أَوْ يَعْفُوَ الَّذِي بِيَدِهِ عُقْدَةُ النِّكَاحِ وَأَنْ تَعْفُوا أَقْرَبُ لِلتَّقْوَى وَلَا تَنْسَوُا الْفَضْلَ بَيْنَكُمْ إِنَّ اللَّهَ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ‏ تەرجىمىسى: «ئەگەر سىلەر ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە مەھرى تەيىنلىنىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار، تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار، ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە (يەنى مەھرىدىن ۋاز كېچىپ پۈتۈنلەي ئالمىسا) ياكى نىكاھنىڭ تۈگۈنى ئۆز ئىلكىدە بولغان ئەرلەر ئۆتۈنسە (يەنى تەيىنلەنگەن مەھرىنىڭ ھەممىسىنى بەرسە)، شۇ بويىچە بىر تەرەپ قىلىش لازىم. سىلەر ئۆتۈنسەڭلار، (ئۆتۈنگەن ئادەم) تەقۋادارلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ئۆزئارا ئېھسان قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە بەقەرە 237 ئايەت].

    "پىقھى توپلاملىرى" 39 -توم177 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "پىقھى ئالىملىرى شۇنىڭغا ئىتتىپاق كەلدىكى، بىر كىشى ئايالىنى بىرگە بولۇشتىن ئىلگىرى تالاق قىلغان بولسا، ئۇ ئايالغا تويلۇق مېھرى بېكىتكەن بولسا، ئۇ ئايالغا ئاتىغان تويلۇق مېھرىنىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بەقەرە سۈرىسىنىڭ 237 ئايىتىدۇر. بۇ ئايەت مۇشۇ باپتا ئەمەل قىلىش زۆرۈر بولغان ئوچۇق دەلىلدۇر".

   مېھرى دېگەن تويلۇق، نىشانلىشىش ۋە كېيىنكى لازىمەتلىك ئۈچۈن بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ توپلانمىسىدۇر، سىزگە كېيىن بېرىدىغان پۇلنىڭ يېرىمىنى بېرىش كېرەك بولىدۇ، سىزگە يىگىرمە بەش مىڭنى قايتۇرىدۇ، نىشانلىشىش ئۈچۈن بېرىلگەننىڭ يېرىمىنى قايتۇرىدۇ، سىز ئۇ ئايالغا ئەللىك مىڭنى بېرىسىز، چۈنكى كېيىن بېرىدىغىنى يۈز مىڭدىن زىيادە بولۇپ قالدى.

    ئىككىنچى:  ئەگەر تالاق ئايال تەرەپتىن تەلەپ قىلىنغان بولسا، تويلۇق مېھرىدىن باشقا بەرگەن ھەدىيەلەرنى سىز تەلەپ قىلىپ ئالسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ھەدىيەلەر توي قىلىش مەقسەتتە بېرىلگەن، مەقسەت يوقالغاندىن كېيىن ئۇنى قايتۇرۇۋېلىش توغرا بولىدۇ.

   شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ شەرىئەت قائىدىسىگە مۇۋاپىق بولغان مەزھەپلەرنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىجرا بولۇۋاتقان دەلىلدۇر. ھەر قانداق كىشى مەلۇم بىر سەۋەپ ئۈچۈن بىر نەرسە ھەدىيە قىلغان ياكى سوغات بەرگەن بولسا، سەۋەپ تىپىلسا سوغات بولىدۇ، سەۋەپ تىپىلمىسا سوغات بولمايدۇ، سەۋەبنىڭ ھارام بولىشى بىلەن ھارام بولىدۇ، ھالال بولىشى بىلەن ھالال بولىدۇ.  ئەگەر ھەدىيەنى نىكاھتىن بۇرۇن توي قىلىمىز دەپ ۋەدىلىشىپ بەرگەن بولسا، ئۇ ئايال باشقا كىشى بىلەن توي قىلغان بولسا، ئۇنى قايتۇرۇۋالىدۇ، ئىلگىرى بەرگەن نەخ پۇلمۇ تويلۇق مېھرىدىن ھېسابلىنىدۇ، توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ گەرچە ئۇنى تويلۇق مېھرى دەپ ئاتىمىسىمۇ، ئۆرپىدە ئۇنى تويلۇق مېھرى دەپ بىلىدىغان بولسا، شۇ كۇپايە قىلىدۇ" .  ["چوڭ پەتىۋالار توپلىمى"  5 -توم 472 بەت].

    ئۆينى سىز قايتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ، بۇنىڭدا تالاقنى ئايال تەرەپ تەلەپ قىلغان بولسۇن ياكى سىز قىلغان بولۇڭ، چۈنكى ئۇ ئۆي دېگەن تاپشۇرۇپ ئېلىنمىغان ھەدىيە بولۇپ ئۇنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن يېنىۋالسا توغرا بولىدۇ. "پىقھى توپلاملىرى"  6 -توم164 - بەتتە مۇنداق كەلگەن: " كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ھەدىيەنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇن قايتۇرۋالسا توغرا بولىدۇ، ئەگەر تاپشۇرۇپ ئالغان بولسا ئۇ ۋاقىتتا قايتۇرۇۋېلىش شاپىئى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، پەقەت ئاتا بالىسىغا بەرگەن ھەدىيە بولسا قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ، ئەمما ھەنەفى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا يات كىشىگە بەرگەن ھەدىيەنىمۇ قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ.

    ئەمما مالىكى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ئاتا بالىسىغا بەرگەن ھەدىيەنى قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ، يات كىشىلەرگە بەرگەن ھەدىيەلەر بولسا ئۇنى تاپشۇرۇپ ئىلىشتىن بۇرۇنمۇ ياكى تاپشۇرۇپ ئېلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ قايتۇرۋىلىشقا بولمايدۇ".

    ئەگەر سىز ئايالىڭىزغا بەرگەن كېچىك ھەدىيەلەرنى ئالماي، ئۆينى بەرمىسىڭىز ياخشى بولىدۇ.  ئاللاھ تائالادىن سىزگە ئۇنىڭ ئورنىغا يانىمۇ ياخشى ھەمراھ ئاتا قىلىشنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى