دۇشەنبە 17 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 18 نويابىر 2024
Uygur

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولغان ۋە مۇستەھەپ بولغان ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا

سۇئال

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرى بايان قىلىنغان ھەدىسىنى بىلىمىز. مېنىڭ سوئالىم: مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز ئۈچۈن بولغان مۇشۇ ھەقلەرنى ئادا قىلمىساق گۇناھكار بولىمىزمۇ؟بىزنىڭ ئۈستىمىزگە گۇناھ بولامدۇ؟،  مۇشۇ ياخشى خىزمىتىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ تائالادىن چەكسىز ئەجىر-ساۋاپ تېلەيمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى، سالامى ۋە بەرىكىتى بولسۇن.

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننىڭ ئۈستىدىكى ھەققى كۆپتۇر، ئۇنىڭدىن قىلمىسا بولمايدىغان، ھەر بىر كىشىنىڭ ئادا قىلىشى كېرەك بولغان، ئەگەر تەرك قىلسا گۇناھكار بولىدىغان ھەقلەر بار. بەزىلەر قىلسا قالغانلاردىن گۇناھ چۈشۈپ كېتىدىغان ھەقلەر بار. ۋاجىپ بولمىغان قىلمىسا گۇناھكار بولمايدىغان مۇستەھەپ بولغان ھەقلەر بار.

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئېدىم: مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئۈستىدە بەش تۈرلۈك ھەققى بار: سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، ۋاپات بولسا جىنازىسىگە ئەگىشىش، دەۋەت قىلسا چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىش، چۈشكۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدە ئېيتقان كىشىگە جاۋاپ بېرىش». [بۇخارى رىۋايىتى1240-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2162-ھەدىس].

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئۈستىدە ئالتە تۈرلۈك ھەققى بار دېگەندە، ساھابىلار: ئۇلار قايسى ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى!؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇچراشقاندا سالام بېرىش، چاقىرسا ئىجابەت قىلىش، نەسىھەت تەلەپ قىلسا نەسىھەت قىلىش، چۈشكۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدە ئېيتقان كىشىگە جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، ۋاپات بولسا جىنازىسىگە ئەگىشىشتۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 2162-ھەدىس].

شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “مۇسۇلماننىڭ ھەققى دېگەن سۆزدىن بولغان مەقسەت: تەرك قىلىش توغرا بولمايدىغان، قىلىش ۋاجىپ ياكى مۇستەھەپ ياكى ۋاجىپقا ئوخشاش تەكىتلەنگەن، تەرك قىلىش توغرا بولمايدىغان ھەقتۇر. بۇ ئىككى چۈشەنچىنى ئورتاق قوللىنىش بابىدىن ئىككى مەنىدە قوللانسا بولىدۇ. ھەق بەزىدە ۋاجىپ مەنىسىدە ئىشلىتىلىنىدۇ. بۇنى ئىبنى ئەرەبىي شۇنداق زىكىر قىلغان. يەنە ھەق دېگەن سۆز: بېكىگەن، لازىم بولغان، راستچىللىق قاتارلىق مەنالاردا ئىشلىتىلىنىدۇ. ئىبنى بەتتال مۇنداق دەيدۇ: “بۇ يەردە ھەقتىن بولغان مەقسەت: ھۆرمىتىنى قىلىش ۋە سۆھبەتداش بولۇشتۇر”. [“نەيلىل ئەۋتار” 4-توم 21-بەت].

سالام بىر كىشىگە قىلىنغان بولسا سالامغا جاۋاپ بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، جامائەتكە قىلىنغان بولسا ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇش پەرز كۇپايە بولىدۇ. ئەسلى قائىدىدە دەسلەپتە سالام قىلىش سۈننەت بولىدۇ.

“پىقھى توپلاملىرى” 11-توم 314-بەتتە مۇنداق كەلگەن: “سالامنى بۇرۇن قىلىش ئالاھىدە تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاراڭلاردا سالامنى ئاشكارا قىلىڭلار»، سالام بىر كىشىگە قىلىنغان بولسا سالامغا جاۋاپ بېرىش ۋاجىپ بولىدۇ، جامائەتكە قىلىنغان بولسا ئۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇش پەرز كۇپايە بولىدۇ، ئارىدىن بىر كىشى جاۋاپ بەرسە باشقىلاردىن ساقىت بولىدۇ، ئەگەر ھەممەيلەن جاۋاپ قايتۇرغان بولسا مەيلى بىرلىكتە قايتۇرسۇن ياكى بىر-بىرىگە ئۇلاپ قايتۇرسۇن ھەممىسى پەرزنى ئادا قىلغان بولىدۇ، ئەگەر سالامغا ھېچ كىشى جاۋاپ بەرمىسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى گۇناھكار بولىدۇ. مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماننىڭ ئۈستىدىكى ھەققى بەشتۇر: سالامغا جاۋاپ بېرىش…”.

2-ئەمما كېسەل يوقلاش پەرز كۇپايىدۇر. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “كېسەل يوقلاش پەرز كۇپايىدۇر”.  “ئىبنى ئۇسەيمىن رىسالىلىرى ۋە پەتىۋالىرى توپلىمى”13-توم 1085-بەت.

3-جىنازىگە ئەگىشىشمۇ پەرز كۇپايىدۇر. بۇ توغرىدا 67576- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

4-چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش: كۆپچىلىك ئالىملار شەرئى ئۈزۈر بولمىغان ئەھۋالدا توي زىياپىتىگە چاقىرىلسا ئىجابەت قىلىشنى ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. تويدىن باشقا چاقىرىقلار بولسا مۇستەھەپدۇر. لېكىن ئومۇمى جەھەتتىن چاقىرىققا ئىجابەت قىلىشنىڭ شەرتلىرى بولىدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن 22006– نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

5- چۈشكۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدە ئېيتقان كىشىگە جاۋاپ بېرىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا پەرقلىق قاراشلار بار. “پىقھى توپلاملىرى” 4-توم 22-بەتتە مۇنداق كەلگەن: “بۇ شاپىئى، ھەنبەلى ۋە ھەنەپى مەزھەپ قاراشلىرىغا كۆرە سۈننەتتۇر. مالىكى مەزھەپ ئالىملىرى ۋە ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشىدا ۋاجىپ بولماقلىقى بىلەن پەرز كۇپايىدۇر. “ئەلبايان” ناملىق ئەسەردىن مەشھۇر بىر قاراشتا پەرز ئەين دېيىلگەنلىكى نەقىل قىلىنغان. بۇنىڭ دەلىلى: «چۈشكۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدە ئېيتقاننى ئاڭلىغان ھەرقانداق مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۇ كىشىگە: ئاللاھ سىزگە رەھىم قىلسۇن دەپ” جاۋاپ بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ».

ئەڭ كۈچلۈك بولغان قاراش بولسا: چۈشكۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدە ئېيتقاننى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشىگە: ئاللاھ سىزگە رەھىم قىلسۇن دەپ جاۋاپ قايتۇرۇش ۋاجىپتۇر. بۇ توغرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا چۈشكۈرۈكنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەسنىگەننى ياقتۇرمايدۇ، ئىنسان چۈشكۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدە ئېيتسا، بۇنى ئاڭلىغان ھەر قانداق مۇسۇلماننىڭ: “ئاللاھ سىزگە رەھىم قىلسۇن دەپ” جاۋاپ بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ». [بۇخارى رىۋايىتى 6223-ھەدىس].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: يۇقىرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشكۈرسە ۋە ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتسا، بۇنى ئاڭلىغان ھەر بىر مۆمىن-مۇسۇلماننىڭ ئاللاھ سىزگە رەھىم قىلسۇن دەپ” جاۋاپ بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ”. ئىمام تىرمىزىمۇ ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: “چۈشكۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدە ئېيتقان كىشىگە: ئاللاھ سىزگە رەھىم قىلسۇن دەپ جاۋاپ بېرىش” توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ بابى” دەپ باپ كەلتۈرگەن. بۇ چۈشكۈرۈككە جاۋاپ بېرىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ توغرا قاراشتۇر. بۇنىڭ ۋاجىپلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەر ئوچۇق بايان قىلىندى ئۇنىڭغا قارشى ھېچ بىر دەلىل بايان قىلىنمىدى.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

بۇ توغرىدىكى ھەدىسلەردىن يۇقىرىدا ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىس، يەنە بىر ھەدىستە: مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشى ھەققىدە بەش تۈرلۈك ئىش ۋاجىپ بولىدۇ دېيىلگەن. بۇ ھەدىسمۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان.

يەنە: سالىم ئىبنى ئۇبەيدتىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: چۈشكۈرۈپ ھەمدە ئېيتقان كىشىگە: “ئاللاھ سىزگە رەھىم قىلسۇن” دەپ جاۋاپ بەرسۇن دىيىلگەن. ئىمام تىرمىزى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ ئۈستىدە ئالتە تۈرلۈك ھەققى بار. ئۇچراشقاندا سالام بېرىش، چاقىرسا ئىجابەت قىلىش، چۈشكۈرۈپ ئاللاھقا ھەمدە ئېيتقان كىشىگە جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، ۋاپات بولسا جىنازىسىگە ئەگىشىش ۋە ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى ئۇ قېرىندىشى ئۈچۈن ياخشى كۆرۈشتۇر». [ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن ھەدىس دېگەن].

يەنە بۇ ھەدىس باشقا يول بىلەنمۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلىنغان. بەزى ئالىملار ئىسنادتىكى ھارىل ئەئۋەر دېگەن كىشى توغرىسىدا سۆز قىلغان. بۇ باپتا يەنە ئەبۇ ھۈرەيرە، ئەبى ئەييۇپ، بەرا ئىبنى مالىك ۋە ئىبنى مەسئۇد (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) قاتارلىقلاردىن بايان قىلىنغان ھەدىسلەر بار.

ئىمام تىرمىزى ئەبى ئەييۇپتىن بايان قىلغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار چۈشكۈرسە ھەر قانداق ھالەتتە ئاللاھ تائالاغا مەدھىيىلەر بولسۇن دېسۇن، بۇنى ئاڭلاپ جاۋاپ بېرىدىغان كىشى: ئاللاھ سىزگە رەھىم قىلسۇن دېسۇن، چۈشكۈرگەن كىشى: ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن، ئىشلىرىڭلارنى ياراملىق قىلسۇن دېسۇن». بۇ دالالەتتىن تۆت يول باردۇر.

بىرىنچىسى: تەۋىل قىلىش ئېھتىماللىقى بولمىغان ئوچۇق لەۋزى بىلەن چۈشكۈرۈپ ھەمدە ئېيتقان كىشىگە جاۋاپ بېرىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى ئوچۇق لەۋزى بىلەن سابىت بولدى.

ئىككىنچىسى: جاۋاپ بېرىشنى ھەقلىق بولدى دېگەن لەۋزى بىلەن كەلتۈردى.

ئۈچىنچىسى: ۋاجىپلىقىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان “ئەلا” دېگەن ھەرىپ بىلەن كەلتۈردى.

تۆتىنچىسى: بۇيرۇق لەۋزى بىلەن كەلتۈردى. شەكسىزكى، چۈشكۈرۈپ ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتقان كىشىگە جاۋاپ بېرىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشتا بۇنىڭ كۆپ يوللار بىلەن ھەدىس بايان قىلىنغان.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

“ئىبنى قەييىمنىڭ: سۈنەن ئەبۇ داۋۇدقا يازغان ھاشىيەسى” 13-توم 259-بەتتىن ئېلىندى”.

يەنە مۇنداق دەيدۇ: “ھەدىسنىڭ كۆرۈنىشى مۇنداق باشلانغان: “چۈشكۈرۈپ ئاللاھ تائالاغا ھەمدە ئېيتقاننى ئاڭلىغان ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ چۈشكۈرگۈچىگە جاۋاپ قايتۇرىشى پەرز ئەين بولىدۇ. جامائەتنىڭ ئارىسىدىن بىر كىشىنىڭ جاۋاپ بېرىپ قويۇشى كۇپايە قىلمايدۇ. بۇ ئالىملارنىڭ بىر قارىشىدۇر. مالىكى مەزھىبىدىكى ئىبنى ئەبۇ زەيد ۋە ئەبۇ بەكىر ئىبنى ئەرەبىي قاتارلىق ئىككى ئالىممۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. بۇنىڭ باشقا چارىسى يوق”. [“زادىل مىئاد” 2-توم 437-بەت].

6-نەسىھەت قىلىشنى تەلەپ قىلسا، نەسىھەت قىلىش: نەسىھەت قىلىش توغرىسىدىكى كۈچلۈك قاراش بولسا، پەرز كۇپايە شەكلىدە ۋاجىپتۇر.

ئىبنى مۇپلىھ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئىمام ئەھمەد ۋە ئۇنىڭ يارانلىرىنىڭ ئوچۇق سۆزى: مۇسۇلمانغا نەسىھەت قىلىش گەرچە نەسىھەت قىلىشنى تەلەپ قىلمىسىمۇ ۋاجىپ بولىدۇ. بۇ ھەدىسلەردە ئوچۇق بايان قىلىنغان”. [ئىبنى مۇپلىھنىڭ” شەرىئەت ئەدەپلىرى” ناملىق ئەسىرى 1-توم 307-بەت].

موللا ئەلى قارى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ئەگەر سىزدىن نەسىھەت تەلەپ قىلسا، سىزنىڭ نەسىھەت قىلىشىڭىز ۋاجىپ بولىدۇ، شۇنىڭدەك نەسىھەت تەلەپ قىلمىسىمۇ نەسىھەت قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ”. [“مىرقاتۇل مەپاتىھ” 5-توم 213-بەت].

ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: “ھەقىقەتەن ھەقلىق بولدى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدىن ۋاجىپلىقنى بىلدۈرىدىغانلىقى ئېنىق چىقىدۇ. بۇ ئىبنى باتتالنىڭ: “بۇ يەردە ھەقتىن بولغان مەقسەت: ھۆرمىتىنى قىلىش ۋە سۆھبەتداش بولۇش” دېگەن سۆزىگە زىت كېلىدۇ. بۇ يەردە ئېنىق بولغىنى پەرز كۇپايە شەكلىدە ۋاجىپتۇر”. [“پەتھۇل بارى” 3-توم 113-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى