شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

تاماكا چەككۈچى بىلەن تاماكا چەككەن ۋاقىتتا بىرگە ئولتۇرۇشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

سۇئال

ھارام قىلىنغان تاماكا ھەريەردە شۇنداقلا خىزمەت ئورنىدا بولسۇن، ئائىلىدە ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا كەڭ كۆلەمدە تارقالغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. مېنىڭ سوئالىم: تاماكا چېكىۋاتقان كىشى بىلەن بىر جايدا ئولتۇرۇش توغرىمۇ؟، ئەگەر ئائىلىدە ياكى جامائەت سورۇنلىرىدا بولسۇن تاماكا چېكىۋاتقان جايدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش كېرەكمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

قېرىندىشىمىز سۆزلەپ ئۆتكەندەك، تاماكا چىكىش قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئومۇمى ھۆكمى بويىچە ھارامدۇر. تاماكا كىيىن پەيدا بولغان نەرسە بولغانلىقى ئۈچۈن، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن مەخسۇس تاماكا دېگەن ئىبارە بىلەن ھەدىس بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ ئەمما ئىسلامنىڭ ئومۇمى پرىنسىپى ۋە قۇرئان-ھەدىستە بايان قىلىنغان بەزى دەلىللەر تاماكىنىڭ كەسكىن ھارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ يېنىڭىزدا، تاماكا چېكىدىغان ئادەم تاماكا چەكمەكچى بولسا، ئۇنىڭغا مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ: قېرىندىشىم! تاماكا چەكمەڭ، بۇنى قىلىش چەكلەنگەن بۇ مۇسۇلمانغا ھالال (توغرا) بولمايدۇ دەڭ. ئەگەر سىز ئۇ كىشىگە مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلسىڭىز بەلكىم ئۇ كىشى تاماكا چەكمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى بۇ بىز ۋە باشقىلار كۆپ قېتىم تەجرىبە قىلغان ئىشلاردىندۇر، نەسىھەت قىلغاندىن كېيىنمۇ ئۇ كىشى: ھە، دەپ قويۇپ تاماكىنى چېكىۋەرسە، سىز ئۇ كىشىنىڭ يېنىدىن دەرھال تۇرۇپ كېتىشىڭىز كېرەك. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَقَدْ نَزَّلَ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ أَنْ إِذَا سَمِعْتُمْ آيَاتِ اللَّـهِ يُكْفَرُ بِهَا وَيُسْتَهْزَأُ بِهَا فَلَا تَقْعُدُوا مَعَهُمْ حَتَّىٰ يَخُوضُوا فِي حَدِيثٍ غَيْرِهِ ۚ إِنَّكُمْ إِذًا مِّثْلُهُمْ تەرجىمىسى: ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگىچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار، بولمىسا گۇناھتا ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر. [سۈرە نىسا 140-ئايەت].

بۇ جامائەت سورۇنلىرىدا شۇنداق بولىدۇ. ئەمما خىزمەت ئورنى بولسا نەسىھەت قىلىسىز، نەسىھەتكە قۇلاق سالمىسا، سىز خىزمىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئۇ كىشى بىلەن ئىشخانىدا بىرگە تۇرىشىڭىزنىڭ ھېچ گۇناھى بولمايدۇ، چۈنكى خىزمەت زۆرۈردۇر، ئۇنى دەپ خىزمەتتىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ.

مەنبە: پەزىلەتلىك شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىيننىڭ "ئەركىن ئۇچرىشىش" ناملىق پروگراممىسى 54/101دىن ئىلىندى