سەيشەنبە 21 شەۋۋال 1445 - 30 ئاپرىل 2024
Uygur

مۇددەتكە بۆلۈپ سېتىشتا كېچىكتۈرگەنلىكنىڭ جەرىمانىسىنىڭ ئورنىغا بانكا ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئىلىش ئۈچۈن شەرىئەتكە ئۇيغۇن بىر يول تېپىش توغرىسىدا

سۇئال

سىلەر ئىلگىرى 140603- نومۇرلۇق سوئالدا: ئىسلامى بانكىنىڭ ئۆز خېرىدارىغا مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆتەيدىغان ھەقنى ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلاشقان ۋاقىتتا بانكىغا ئۆتەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن جەرىمانە قويۇشنى شەرت قىلىشنى دۇرۇس ئەمەس دەپ بايان قىلغان. مېنىڭ سوئالىم: بۇ يەردە ئىسلام بانكىلىرى خېرىدارلىرىغا شەرت قىلىدىغان ئۆي-مۈلۈك سودىسىغا ئوخشاش سودىلاردا مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆتەيدىغان ھەقنى ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلاشقان ۋاقىتتا بانكىغا ئۆتەشنى لازىم تۇتۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان جەرىمانىنىڭ ئورنىغا شەرىئەتتە دۇرۇس بولىدىغان باشقا بىر يول يوقمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ىبانكا خېرىدارغا بىر زېمىننى مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆتەشكە ساتقاندا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا پۇلنى ئۆتىمىسە ئىقتىسادى جەرىمانە قويۇشنى شەرت قىلىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆتەش دېگەن خېرىدارنىڭ زىممىسىدىكى قەرز، قەرز ئۆتەشنى كېچىكتۈرگەنلىككە جەرىمانە قويۇش بولسا جازانە ھېسابلىنىدۇ. 

    بانكا ئۆز ھەققىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خېرىدارغا جەرىمانىنى شەرت قىلسا يوللۇق بولىدۇ، يەنى: باشقا بىر كىشىنى كېپىل قىلىپ، خېرىدار ھەقنى ئۆتىمىسە ياكى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن كېچىكتۈرسە، ھەققىنى كېپىل بولغان كىشىدىن تولۇقلاپ ئېلىشقا قادىر بولىدۇ.

    شۇنىڭدەك بانكا يەنە بىر نەرسىنى گۆرۆگە ئالسا بولىدۇ، شۇنىڭ جۈملىسىدىن: سېتىلغان مالنىڭ ئۆزىنى ئالسا، ئۇ مال خېرىدار بانكىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىپ بولغىچە بانكىنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا گۆرۆ ھېسابىدا بولۇپ، خېرىدار ئىشلەتسە بولىدۇ، گۆرۆگە ئېلىشنىڭ پايدىسى: خېرىدار ئۇنى ئۆز ئالدىغا ساتالمايدۇ، يەنە: خېرىدار بانكىنىڭ ھەققىنى ئۆتەشكە قادىر بولالمىغاندا، مەھكىمىگە مۇراجىئەت قىلماستىن بانكا ئۇنى سېتىپ ھەققىنى ئېلىۋېلىشنى شەرت قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.

    شۇنىڭدەك كاپالەت ۋاسىتىلىرىدىن: بانكىنىڭ خېرىداردىن مۇددەتكە بۆلۈپ ئۆتەيدىغان ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن بانكىدا خېرىدارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى چۈشكەن ۋاقىتتا يۆتكەپ بېرىلىدىغان ھېساب نومۇرى بولىشى شەرت قىلىنىدۇ. 

   كاپالەت ۋاسىتىلىرىدىن: ھەقنى ۋاقتىدا ئۆتىمىگەن خېرىدارنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈپ بۇنى بارلىق بارلىق بانكىلارغا يوللاپ بۇ تىزىملىكتىكى كىشىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلماسلىققا ئىتتىپاقلىشىش كېرەك.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى