چارشەنبە 15 شەۋۋال 1445 - 24 ئاپرىل 2024
Uygur

بىزگە كەلگەن ياخشىلىق ۋە نېمەتلەرنىڭ ھەممىسى بىز كەسىپ قىلىپ ئىرىشكەن بولىلى ياكى باشقىلار تەرىپىدىن بىزگە يەتكىنى بولسۇن ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن رىزىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

   ئاللاھ تائالانىڭ بىزنىڭ رىزىقلىرىمىزنى پۈتىۋەتكەنلىكىنى بىلىمەن، بىزگە تەقدىر قىلىنغان رىزىقنىڭ دائىرىسىگە كىرىدىغان نەرسىلەر قايسى؟بۇنىڭغا بىز تۈرلۈك يوللار بىلەن كەسىپ قىلغان ۋە ئېرىشكەن نەرسىلەرلا كىرەمدۇ ياكى بىزگە يېقىنلىرىمىز ۋە باشقىلار ھەدىيە قىلغان نەرسىلەرمۇ كىرەمدۇ؟، بۇمۇ بىزگە ئاتا قىلىنغان رىزىقنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

"ئەررەززاق" رىزىق ئاتا قىلغۇچى دېگەن ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىدىن بىرىدۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالْإِنْسَ إِلَّا لِيَعْبُدُونِ * مَا أُرِيدُ مِنْهُمْ مِنْ رِزْقٍ وَمَا أُرِيدُ أَنْ يُطْعِمُونِ * إِنَّ اللَّهَ هُوَ الرَّزَّاقُ ذُو الْقُوَّةِ الْمَتِينُ  تەرجىمىسى: «جىنلارنى،ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم، ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ئاللاھنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر)». [سۈرە زارىيات 56-58ئايەت].

"    ئەررەززاق" رىزىق ئاتا قىلغۇچى دېگەن ئىسىمنىڭ ئاشۇرما سۈپەت شەكلى بولۇپ، مەنىسى:" كۆپ ئىنئام قىلغۇچى"دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە بىكىتىۋەتكەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئۆز خەزىنىسىدىن چۈشۈرگەن نەرسىدۇر. ئۇ مال بولسۇن ياكى پەرزەنت بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن ياكى ئىلىم بولسۇن ياكى ئەخلاق بولسۇن ياكى تەننىڭ ساقلىقى بولسۇن مۇشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە ئاتا قىلغان رىزقىدۇر، بۇنى ئۇلار ئۆزى كەسىپ قىلسۇن ياكى مىراس ئالسۇن ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنسۇن، شۇنىڭدەك ھالال بولسۇن ياكى ھارام بولسۇن مۇشۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بەندىسىگە ئاتا قىلىنغان رىزىقتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَفِي السَّمَاءِ رِزْقُكُمْ وَمَا تُوعَدُونَ  تەرجىمىسى: «ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاب بار». [سۈرە زارىيات 22-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا بِكُمْ مِنْ نِعْمَةٍ فَمِنَ اللَّهِ﴾ تەرجىمىسى: «سىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان نېمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بەرگەندۇر». [سۈرە نەھىل 53-ئايە].

     پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنسانغا باشقىلاردىن يېتىدىغان مال قاتارلىق نەرسىلەرنى رىزىق دەپ ئاتىغان. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىنسان سورىماستىن ئۇنىڭغا ئاللاھ ئاتا قىلغان مالدىن بىر نەرسە يەتكەن بولسا، بۇمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۇ كىشىگە ئاتا قىلغان رىزقىدۇر.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 7908-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىد 5921 –ھەدىستە سەھىھ دەپ كەلتۈرگەن].

     قەقا ئىبنى ھەكىمدىن بايان قىلىنغان ئەسەردە، ھەقىقەتەن ئابدۇل ئەزىز ئىبنى مەرۋان ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا" ھاجىتىڭ بولسا ماڭا يەتكۈزگىن دەپ خەت يازغان، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ ئۇنىڭغا جاۋاب خەت يىزىپ مۇنداق دېگەن: "مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئۆزۈڭنىڭ يېقىنلىرىدىن باشلىغىن، ئۈستۈن قول تۆۋەن قولدىن ياخشىدۇر» مەن ئۈستۈن قولنى بەرگۈچى قول، تۆۋەن قولنى ئالغۇچى قول دەپ ئويلايمەن، مەن سەندىن بىر نەرسە سورىمايمەن، ئاللاھ سەن ئارقىلىق ماڭا يەتكۈزگەن رىزىقنىمۇ قايتۇرمايمەن"  [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى  6402-ھەدىس، مۇسنەدنى تەھقىق قىلغۇچىلار سەھىھ دېگەن].

    بەيھەقى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ سۇلايماندىن ماڭا يەتكەن خەۋەردە مۇنداق دېگەن: " ئەرراززاق"  دېگەن:  رىزىققا كېپىل بولغۇچى، ھەر بىر جانلىققا يېتەرلىك قۇۋىتىنى بىرىپ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلغۇچى دېمەكتۇر.

ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن ئىنسانغا يەتكەن نەرسىنىڭ ھەممىسى ھالال بولسۇن ياكى ھارام بولسۇن بۇ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان رىزقىدۇر، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ كۈندىلىك قۇۋۋىتى ۋە تۇرمۇش مەئىشىتىنى قىلغۇچىدۇر" .  [ئىسىم ۋە سۈپەتلەر"1-توم 172-بەت].

     ئىسلام پېشۋاسى ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رىزىق دېگەن سۆزدىن ئاللاھ تائالا بەندىسىگە ھالال قىلىپ بەرگەن ۋە ئىگە قىلغان نەرسىلەر مەخسەت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئىنسان غىزالىنىدىغان نەرسىلەر ئىرادە قىلىنىدۇ.  بىرىنچىسىنىڭ مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ «بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى نەپىقە قىلىڭلار». «بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى نەپىقە قىلىدۇ»، بۇ ھالال ۋە ئۆزى ئىگە بولغان رىزىقتۇر، بۇنىڭغا ھاراق ۋە ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەر كىرمەيدۇ.

 ئىككىنچىسىنىڭ مىسالى: ئاللاھ تائالانىڭ: «زېمىندىكى بارلىق جانلىقلارغا رىزىق بېرىشگە ئاللاھ كىپىلدۇر» ئاللاھ تائالا چارۋىلارغا رىزىق بېرىدۇ، ئۇلاردا ئىگە بولۇش دەيدىغان سۈپەت بولمايدۇ ۋە بۇنى ئاللاھ ئۇلارغا شەرئى يول بىلەن ھالال قىلىپ بەردى دىيىلمەيدۇ، چۈنكى چارىپايلارغا تەكلىپ بولمايدۇ، شۇنىڭ كىچىك بالىلار ۋە ئەقىلسىزلەرگىمۇ تەكلىپ بولمايدۇ، لىكىن چارىپايلارغا ئىگىدارچىلىق بولمايدۇ ۋە چەكلەنگەن نەرسىلەرمۇ بولمايدۇ.

چەكلەنگەن نەرسىلەر دېگەن: ئىنسان غىزالىنىدىغان، ئاللاھ ئۇ ئىنساننىڭ غىزالىنىدىغانلىقىنى بىلىپ رىزىق قىلىپ بەرگەن ۋە بېكىتكەن نەرسە بولۇپ ئۇ ئاللاھ ھالال قىلغان ۋە ئىگە قىلغان نەرسىنىڭ ئەكسىدۇر.  بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يارىتىلىشى ئانىسىنىڭ قىرىق كۈن مەنىيلىك ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن ئاشۇنىڭغا ئوخشاش قىرىق كۈن قان ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن ئاشۇنىڭغا ئوخشاش قىرىق كۈن چاينالغان گۆش ھالەتتە بولىدۇ، ئاندىن بىر پەرىشتە ئەۋەتىلىدۇ، تۆۋەندىكى تۆت تۈرلۈك ئىشنى يېزىشقا بۇيرۇلىدۇ: ئۇنىڭ رىزقىنى يازغىن، ئەجىلىنى يازغىن، قىلىدىغان ئەمىلىنى يازغىن ۋە بەختلىك ياكى بەخىتسىز ئىكەنلىكىنى يازغىن دېيىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا روھ پۈدىلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ جىنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى!سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئەلۋەتتە جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن جەننەتنىڭ ئارىسى بىر گەز قالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا يېزىلغان تەقدىر ئىلگىرى بولىدۇ، ئاندىن ئۇ دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ۋە دوزاخقا كىرىدۇ، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بىرىڭلار دوزاخ ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسى بىر گەز قالىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا يېزىلغان تەقدىر ئىلگىرى بولىدۇ، ئاندىن ئۇ جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى قىلىدۇ ۋە جەننەتكە كىرىدۇ».

    ھارام رىزىق بولسا ئاللاھ تائالا تەقدىر قىلغان، پەرىشتىلەر يازغان نەرسە بولۇپ، ئۇ ئاللاھنىڭ خالىشى ۋە پەيدا قىلىشى ئاستىدىكى نەرسىدۇر، شۇنداق بولسىمۇ ئاللاھ ئۇنى ھارام قىلدى، ئۇنىڭدىن چەكلىدى، ئۇنى قىلغۇچى ئاللاھنىڭ غەزىبى، سۆكۈشى ۋە ئازابىغا ھەقلىق بولغۇچىدۇر، ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر. [پەتىۋالار مەجمۇئەسى"8-توم545-بەت].

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى