يەكشەنبە 21 جىمادۇسسانى 1446 - 22 دىكابىر 2024
Uygur

تاھارەتتە ئارقىمۇ-ئارقىدىن يۇيىدىغان ئەزالارنىڭ ئارىسىنى ئۈزۈپ قويسا، تاھارەتنى قايتىدىن ئېلىش كېرەك بولامدۇ؟

سۇئال

ئىنسان تاھارەت ئېلىۋاتقاندا ئىشىك چېكىلگەن بولسا، تاھارەتنى كامىل ئېلىشتىن ئىلگىرى بېرىپ ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ ئۆيگە كىرگەن كىشىگە: كۈتۈپ تۇرۇڭ تاھارەت ئېلىۋاتاتتىم دېسە، ئۇ كىشى تاھارەتنى ئىشىكنى ئاچىدىغان ۋاقىتتا توختىغان ئورۇندىن داۋاملاشتۇرامدۇ ياكى يېڭىدىن ئالامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ مەسىلە: تاھارەتنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىش تاھارەتنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتىمۇ دېگەن ئاساسقا قارىتا بېكىتىلىدۇ.

   تاھارەتنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىش تاھارەتنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتى دېگەنلەر ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىشىنىڭ قائىدىسىنى بېكىتىش ۋە تاھارەتتە يۇيىدىغان ئەزالارنىڭ ئارىسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈزۈلۈش توغرىسىدا پەرقلىق قاراشتا بولدى.

   ھەنبەلى مەزھەپ ئالىملىرى تاھارەتتىكى ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىشنىڭ قائىدىسى: تاھارەتتە نورمال ۋاقىتتا ئىككىنچى بىر ئەزانى يۇيۇشنى بىرىنچى ئەزانى يۇيۇپ ئۇ ئەزا قۇرۇپ بولغىچە كېچىكتۈرمەسلىك دېگەن قاراشتا بولدى.

    مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئىنساپ" 1-توم 141-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" تاھارەتتىكى ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىش: نورمال ۋاقىتتا ئىككىنچى بىر ئەزانى يۇيۇشنى بىرىنچى ئەزانى يۇيۇپ ئۇ ئەزا قۇرۇپ بولغىچە كېچىكتۈرمەسلىك دېمەكتۇر، بۇ مەزھەپتىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر". 

    ئىككىنچى قاراش: تاھارەتتىكى ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىشنىڭ قائىدىسى شۇ يەرنىڭ ئۆرپىسىگە قارىلىدۇ، ئۆرپىدە بۇ ئىش ئوچۇق پاسىل-ئۈزۈش- دېيىلسە، بۇ پاسىل ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىشنى ئۈزۈۋېتىدۇ، ئۆرپىدە پاسىل ئەمەس دەپ قارالغان بولسا ئۇ پاسىل بولمايدۇ. بۇ قاراش ئىمام ئەھمەدتىن رىۋايەت قىلىنغان.

    مىرداۋىي رەھىمەھۇللاھ "ئەلئىنساپ" 1-توم 141-بەتتە ئىمام ئەھمەتنىڭ: ئۆرپىدە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشمۇ پاسىل دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ دېگەن سۆزىنى بايان قىلغان.

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بەزى ئالىملار-بۇ ئىمام ئەھمەدتىن رىۋايەت قىلىنغان-ئەزانىڭ قۇرۇشى بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆرپىدە ئارىلىقتىكى ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن بولىشىمۇ پاسىل ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ دەپ قارايدۇ. تاھارەتتە ئەزالارنى بىر-بىرىدىن ئۈزمەي يېقىن ئارىلىقتا تاماملاش كېرەك. كىشىلەر: بۇ كىشى تاھارەتنىڭ ئارىسىنى ئۈزمەي ئارقىمۇ-ئارقا ئالدى دېسە، بۇ ئارقىمۇ-ئارقا ئالغانلىق دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ، ئالىملار نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆرپىنى ئېتىبارغا ئالغان، لېكىن بەزى ۋاقىتتا ئۆرپە قائىدە بولالمايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ھۆكۈم يېقىن ئەزالارنىڭ قۇرۇشىغا ئالاقىدار بولىدۇ". ["شەرھىل مۇمتى" 1-توم 193-بەت].

     سوئالدا زىكىر قىلىنغان ئىش دېگەن پەقەت ئىشىكنى ئېچىپ قويۇش بولۇپ بۇ تاھارەتتىكى ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىشنى ئۈزۈپ قويۇش دەپ ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ، بىز بۇ قائىدىنى دېسەكمۇ ياكى ئارقىمۇ-ئارقا ئېلىشنى بېكىتسەكمۇ ئوخشاش، ئىشىكنى ئېچىشقا ئۇزۇن ۋاقىت كەتمەيدۇ، يۇيۇپ بولغان ئەزا قۇرۇپ بولغىچە ئىشىكنى ئېچىپ قايتىپ تاھارەتنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

     ئەمما ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ يەنە باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا تاھارەتنى يېڭىدىن ئېلىش كېرەك بولىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى