سەيشەنبە 3 رەبىئۇسسانى 1440 - 11 دىكابىر 2018
Uygur

ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمىگەن كىشىنىڭ ئىمانى ۋە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھېچ نەرسىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

198330

تارقاتقان ۋاقىت : 15-11-2018

كۆرگۈچىلەر : 218

سۇئال

   بىر كىشىدە ئاخىرەتتە مەنپەت بېرىدىغان ئىمان بىلەن ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان، جەننەت ۋە دوزاخقا ئىشەنمەيدىغان ئىمان جۇغلىشامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش ۋە بۇنىڭغا ئەگەشتۈرۈپ جەننەت ۋە دوزاخقا ئىشىنىش بولسا ئىمانىنىڭ ئالتە ئاساسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرىنى ئىنكار قىلغان كىشى ئاللاھقا ئىشەنمىگەن كاپىر بولىدۇ، دوزاختا ئەبەدىي قالىدۇ، قىلغان ئەمەلىرىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچى بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنْزِلَ إِلَيْهِ مِنْ رَبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللهِ وَمَلائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ لا نُفَرِّقُ بَيْنَ أَحَدٍ مِنْ رُسُلِهِ وَقَالُوا سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا غُفْرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيْكَ الْمَصِيرُ  تەرجىمىسى: «پەيغەمبەر پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان كىتابقا ئىمان كەلتۈردى، مۆمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا ۋە پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان كەلتۈردى. (ئۇلار) «ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز)» دەيدۇ. ئۇلار: «بىز (دەۋىتىڭنى) ئاڭلىدۇق ۋە (ئەمرىڭگە) ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز، مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، ئاخىر يانىدىغان جايىمىز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر» دەيدۇ.»[ سۈرە بەقەرە 285-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:  وَهُمْ بِالْآخِرَةِ هُمْ يُوقِنُونَ  تەرجىمىسى: «(شۇنداق مۆمىنلەركى) ئۇلار نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ ۋە ئاخىرەتكە جەزمەن ئىشىنىدۇ.» [سۈرە نەمل 3-ئايەت].

    ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى كىشىلەرنىڭ يېنىغا چىقتى، تۇيۇقسىز بىر كىشى مېڭىپ كېلىپ:ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئىمان دېگەن نېمە؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىمان دېگەن: ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ۋە ئاخىرەتتە تېرىلىشكە ئىشىنىش دېمەكتۇر،» دېدى. [بۇخارى رىۋايىتى4777-ھەدىس ۋە مۇسلىم رىۋايىتى9-ھەدىس].

ھەدىسى جىبرائىل دەپ ئاتالغان مەشھۇر ھەدسىتە، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ماڭا ئىماندىن خەۋەر بەرسىلە؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىمان دېگەن سېنىڭ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشىڭدۇر، ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىشتۇر،» دېدى. جىبرائىل ئەلەيھىسسالام: راست ئېيتتىڭ دېدى.

    ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىش ئاللاھقا ئىشىنىش بىلەن بىرگىدۇر، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمىگەن كىشى ئاللاھقا ئىشەنگەن مۆمىن بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَلَكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ ... تەرجىمىسى: «سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشۈڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ. بەلكى ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا (يەنى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا)، پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش، ئاللاھنى سۆيۈش يۈزىسىدىن خىش ـ ئەقرىبالارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (يەنى پۇل ـ مېلىدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا)، سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە پۇل ـ مال ياردەم بېرىش، ناماز ئوقۇش، زاكات بېرىش، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، يوقسۇزلۇققا، كېسەللىككە ۋە (ئاللاھنىڭ يولىدا قىلىنغان) ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ. ئەنە شۇلار (يەنى يۇقىرىقى سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەر) (ئىمانىدا) راستچىل ئادەملەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار ئادەملەردۇر.» [سۈرە بەقەرە 177-ئايەت].

   ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  وَالَّذِينَ يُنْفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ رِئَاءَ النَّاسِ وَلَا يُؤْمِنُونَ بِاللهِ وَلَا بِاليَوْمِ الآَخِرِ وَمَنْ يَكُنِ الشَّيْطَانُ لَهُ قَرِينًا فَسَاءَ قَرِينًا  تەرجىمىسى: « ئۇلار ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا ئىشەنمەيدۇ، ئاخىرەت كۈنىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. كىمكى ئۆزىگە شەيتاننى ھەمراھ قىلىدىكەن (ئۇ شەيتاننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىدۇ)، شەيتان نېمىدېگەن يامان ھەمراھ!.» [سۈرە نىسا 38-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قَاتِلُوا الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِاللهِ وَلَا بِاليَوْمِ الآَخِرِ وَلَا يُحَرِّمُونَ مَا حَرَّمَ اللهُ وَرَسُولُهُ وَلَا يَدِينُونَ دِينَ الحَقِّ مِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الكِتَابَ حَتَّى يُعْطُوا الجِزْيَةَ عَنْ يَدٍ وَهُمْ صَاغِرُونَ  تەرجىمىسى: «سىلەر ئەھلى كىتابتىن ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغانلار (يەھۇدىيلار ئۇزەيرىنى ئاللاھنىڭ ئوغلى، ناسارالار ئىيسانى ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېتىقاد قىلىمىز دېگەن بىلەنمۇ ئېتىقاد قىلمىغاننىڭ ئورنىدىدۇر) بىلەن، ئاللاھ (ئۆزىنىڭ كىتابىدا) ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ (سۈننىتىدە) ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام بىلمەيدىغانلار ۋە ھەق دىن (يەنى ئىسلام دىنى) غا ئېتىقاد قىلمايدىغانلار بىلەن، تاكى ئۇلار سىلەرگە بويسۇنۇپ خار ھالدا جىزىيە تۆلىگەنگە قەدەر، ئۇرۇش قىلىڭلار» [سۈرە تەۋبە 29-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  قَدْ خَسِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِلِقَاءِ اللَّهِ حَتَّى إِذَا جَاءَتْهُمُ السَّاعَةُ بَغْتَةً قَالُوا يَا حَسْرَتَنَا عَلَى مَا فَرَّطْنَا فِيهَا وَهُمْ يَحْمِلُونَ أَوْزَارَهُمْ عَلَى ظُهُورِهِمْ أَلَا سَاءَ مَا يَزِرُونَ  تەرجىمىسى: «ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزغا ۋاي ئېست» دەيدۇ. گۇناھلىرىنى ئۈستىلىرىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ (گۇناھلارنى) يۈكلىگىنى نېمىدېگەن يامان!»ئەنئام سۈرىسى 31-ئايەت.

ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:  وَهُمْ بِالْآخِرَةِ كَافِرُونَ  تەرجىمىسى:«ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ»ئەئراپ سۈرىسى 45-ئايەت.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَهْوًا وَلَعِبًا وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا فَالْيَوْمَ نَنْسَاهُمْ كَمَا نَسُوا لِقَاءَ يَوْمِهِمْ هَذَا وَمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ  تەرجىمىسى: «كاپىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە مۇلاقات بولۇشنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىغا ئوخشاش، بىز بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز (يەنى ئۇلارنى دوزاختا قالدۇرىمىز).» [سۈرە ئەئراپ 51-ئايەت].

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  زَعَمَ الَّذِينَ كَفَرُوا أَنْ لَنْ يُبْعَثُوا قُلْ بَلَى وَرَبِّي لَتُبْعَثُنَّ ثُمَّ لَتُنَبَّؤُنَّ بِمَا عَمِلْتُمْ  تەرجىمىسى: «كاپىرلار ھەرگىز تىرىلدۈرۈلمەيمىز دەپ گۇمان قىلىشتى، ئېيتقىنكى: «ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەرۋەردىگارىم بىلەن قەسەمكى، سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، ئاندىن سىلەرگە قىلمىشىڭلاردىن خەۋەر بېرىلىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر» [سۈرە تەغابۇن 7-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:  كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ رَهِينَةٌ * إِلَّا أَصْحَابَ الْيَمِينِ * فِي جَنَّاتٍ يَتَسَاءَلُونَ * عَنِ الْمُجْرِمِينَ * مَا سَلَكَكُمْ فِي سَقَرَ * قَالُوا لَمْ نَكُ مِنَ الْمُصَلِّينَ * وَلَمْ نَكُ نُطْعِمُ الْمِسْكِينَ * وَكُنَّا نَخُوضُ مَعَ الْخَائِضِينَ * وَكُنَّا نُكَذِّبُ بِيَوْمِ الدِّينِ*حَتَّى أَتَانَا الْيَقِينُ  تەرجىمىسى: «ھەر ئىنسان قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (دوزاختا) مەھبۇستۇر، پەقەت ئەسھابى يەمىن (يەنى سائادەتمەن مۆمىنلەر) بۇنىڭدىن مۇستەسنا،ئۇلار جەننەتلەردە بولۇپ، گۇناھكارلاردىن: «سىلەرنى دوزاخقا كىرگۈزگەن نېمە؟» دەپ سورايدۇ ئۇلار (جاۋابەن) ئېيتىدۇ: «بىز ناماز ئوقۇمىدۇق، مىسكىنلەرگە تائام بەرمىدۇق بىز بىھۇدە سۆز قىلغۇچىلار بىلەن بىللە بىھۇدە سۆز قىلاتتۇق، قىيامەت كۈنىنى ئىنكار قىلاتتۇق،تاكى بىز ئۆلگۈچە (شۇنداق قىلدۇق).» [سۈرە مۇددەسسىر 38-47-ئايەتلەر].

   بۇ تېمىدا بايان قىلىنغان ئايەت-ھەدىسلەر كۆپتۇر.

   ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئەي ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئىبنى جۇدئان جاھىلىيەت دەۋرىدە ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلايتتى، مىسكىنلەرگە تائام بېرەتتى، بۇنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسى بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ بىركۈنمۇ: ئەي پەرۋەردىگارىم! ھېساب كۈنىدە مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرگىن دېمىگەن،» دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى214-ھەدىس].

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئۇ كىشى كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ قىلغان ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش، مىسكىنلەرگە تائام بېرىش قاتارلىق ياخشىلىق يوللىرىدا قىلغان ئەمەللىرى ئاخىرەتتە مەنپەئەت بەرمەيدۇ، بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇ بىر كۈنمۇ: ئەي پەرۋەردىگارىم! ھېساب كۈنىدە مېنىڭ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرگىن دېمىگەن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر. يەنى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشكە ئىشەنمىگەن، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشكە ئىشەنمىگەن كىشى كاپىر بولۇپ ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ئاخىرەتلىك ئۈچۈن پايدىسى بولمايدۇ.

   قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالارنىڭ قارىشى شۇنىڭغا بىرلىك كەلدىكى، كاپىرلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇ ئەمەللەرگە بىرەر نېمەت بىلەن ياكى ئازابنى يەڭگىللىتىش بىلەن ساۋاپ بېرىلمەيدۇ".

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كىمكى ئاخىرەت توغرىسىدا يەنى: ئۇ يەردە جەننەت بارمۇ يوقمۇ؟ دوزاخ بارمۇ يوقمۇ؟ تېرىلىش بارمۇ يوقمۇ؟ ئاللاھ تائالا ئۆلۈكلەرنى تېرىلدۈرەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەردە شەك قىلىدىكەن، ئۇ كىشىدە ئىمان ۋە ئېتىقاد بولمايدۇ، ئۇ كىشى ئاخىرەت كۈنىگە، ئۆلگەندىن كېيىنكى تېرىلىشكە، جەننەتكە، دوزاخقا، ئاللاھ تائالانىڭ جەننەتنى تەقۋادارلارغا، دوزاخنى كاپىرلارغا تەييارلىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ كاپىر ھېسابلىنىدۇ. بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن بۇنىڭغا ئىشىنىش زۆرۈر بولىدۇ". [ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى"28-توم 231-بەت].

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "كۆپ ۋاقىتلاردا ئاللاھ تائالا ئۆزىگە ئىشىنىش بىلەن ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشنى، باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشقا ئىشىنىشنى بىرگە كەلتۈردى، چۈنكى ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمىگەن كىشى ئاللاھ تائالاغا ئىشەنگەن بولمايدۇ". ["ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ مەكتۇپلار ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى"8-توم 472-بەت].

    بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن 12295- 12347- ۋە 13994- نومۇرلۇق سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش