شەنبە 18 شەۋۋال 1445 - 27 ئاپرىل 2024
Uygur

كېرىش ھەققى ئۆتەش شەرتى بىلەن ئىلان ئورۇنلىرىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا

سۇئال

   ئىلان ئورۇنلىرىدىن پۇل تېپىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ مەسىلەن: (NEOBUX) شېركىتى ئالدىن پۇل ئۆتەيدىغان شىركەت بولۇپ، سىز دەسلەپتە بەش يۈز(500) دوللار پۇل تاپشۇرىسىز، بۇنىڭ بىلەن بىر يىللىق كىرىش ھەققىگە ئىگە بولىسىز، ھەر ھەپتىدە كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن سىزگە ئىلان چىقىرىدۇ، ھەر ھەپتىدە سىزگە ئەللىك(50) دوللار پۇل بېرىدۇ، بۇ ئىش ئون ئۈچ ئاي(13ئاي) داۋاملىشىدۇ، بۇ شەكىلدىكى كومۇسسيۇننىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ ئورۇن پەقەت كىرىش ھەققى ئۆتىگەندىن كېيىن مۇئامىلە قىلىشنى قوبۇل قىلىدىغان بولسا، بۇ ئورۇن بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا مال بىلەن قىمار ئويناش ۋە كېلىشىمدە جازانە شەكلىدە مال ئالماشتۇرۇش بولىدۇ.

    دوكتۇر سائىي سۇۋەيلىمدىن: يۇقىرىدىكى مەسىلىگە يېقىن بىر مەسىلە توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇ كىشى مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن. يۇقىرىدا سۆزلەنگەن ئورۇندا ئىلان سەھىپىسى ئۈچۈن پۇل تۆلەش كېرەك بولىدۇ، پۇل تۆلەش ئىشى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

   1-كىرىش ھەققى ياكى باشقا تۈردىكى ھەق تۆلىمەستىن پەقەت ئىلان سەھىپىسى ئېچىش، بۇ تۈردە ئاللاھ خالىسا ھېچ خاتالىق بولمايدۇ، لېكىن قويۇلىدىغان ئىلان ھارام ياكى چەكلەنگەن ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدىغان ۋە شەرىئەت مەنئىي قىلغان ئىشلاردىن يىراق بولىدىغان بولىشى شەرت قىلىنىدۇ.

   2- ئىلان سەھىپىسى ئېچىش ئۈچۈن قايتۇرۇلمايدىغان كىرىش ھەققى ئۆتەيدىغان تۈر، كومۇسسىيۇن مىقدارى كىرىش ھەققىنىڭ ھەجىمىگە مۇناسىپ بولىدۇ، كىرىش ھەققى زىيادە بولغانسېرى كومسسىيون ھەققىمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە زىيادە بولىدۇ، بۇ ھەقنىڭ مەلۇم بىر قىسمى  شېركەتنىڭ ئىلان ئورنىنى ئىدارە قىلىش ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدۇ، قالغان مەبلەغ كومىسسىيون شەكىلدە قالغان ئابونتلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.  

   ئېنىقكى بۇ تۈردىكى كومىسسىيۇن نەق پۇلنى نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئىشتىراك قىلغۇچى پۇل تۆلەيدۇ، بۇ پۇلدىن باشقىلار كومسسىيون ھەققىگە ئېرىشىدۇ، ياكى باشقىلار تۆلەيدۇ، ئۇ كىشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ، ئېلان سېتىشتىن كىرگەن كېرىم، ئىشتىراكتىن كىرگەن كېرىمدىن ئاز بولىدۇ، كۆپ ۋاقىتتا بۇ ئىشتىراك كېرىمى بولۇپ بۇنىڭدىن كومىسسىيون  پۇلى كېرىم بولىدۇ. نەق پۇلنى زىيادە قىلىش ۋە كېچىكتۈرۈش بىلەن نەق پۇلغا ئالماشتۇرۇش بۇ تۈرگە كېرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدا يەنە ئالدامچىلىقتىن باشقا ئىشتىراكقا ئالاقىدار بولغان نەرسىنى بىلمەسلىك بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ جازانە بىلەن قىمارنىڭ ئارىسىنى جەملەيدۇ.  (مەن مۇسۇلمان تورى).

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى