پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

خانىم قىزلارنىڭ يۈزىنىڭ تۈكىنى ئېلىۋېتىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەن خانىم قىزلارنىڭ قېشىدىن بىر نەرسىنى ئېلىۋېتىشنىڭ توغرا ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن يۈزىنىڭ تۈكىنى ئېلىۋەتسە قانداق بولىدۇ؟، خانىم قىزلارنىڭ ئۈستۈن لېۋىنىڭ ئۈستىدىكى ياكى يۈزىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى تۈكلەرنى ئېلىۋېتىشى توغرىمۇ؟، بولۇپمۇ يۈزىنىڭ تۈكى كۆپ بولۇپ كەتسە؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى:  دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 17 -توم 133 -بەتتە مۇنداق كەلگەن:  قاشنىڭ تۈكلىرىنى ئېلىۋېتىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قېشىنى تەرگەنلەرگە لەنەت قىلغان، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش تۇر ۋە شەيتاننىڭ ئەمىلىدۇر، ئەگەر يولدىشى قېشىڭنى تەرگىن دېسە، بۇنداق شەرىئەتكە ئاسىيلىق قىلىدىغان ئىشتا يولدىشىغا ئىتائەت قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىدىغان ئىشتا مەخلۇققا ئىتائەت قىلىش كېرەك بولمايدۇ، ھەقىقەتەن ئىتائەت دېگەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دېگەندەك ياخشى ئىشلاردا بولىدۇ.

    ئىككىنچى:  قاشنىڭ تۈكىدىن باشقا بەدىنىنىڭ ھەممە تۈكىنى ئالسا توغرا بولىدۇ.

    دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 17 -توم 130 -بەتتە مۇنداق كەلگەن: "خانىم قىزلارنىڭ بەدىنىنىڭ تۈكىنى ئىلىشى ئەسلىگە ئەمەل قىلىشتۇر، چۈنكى ئايالنىڭ ئېرىگە چىرايلىق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، قېشىنىڭ تۈكىنى ئېلىشتىن باشقا بەدەننىڭ تۈكلىرىنى ئىلىشتىن چەكلەيدىغان باشقا بىر دەلىل يوق".

    يەنە دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 5-توم 197-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "ئىسلامدا ئىككى قېشىنىڭ ئارىسىدىكى تۈكلەرنى يۇلىۋېتىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ دېگەندە ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: ئۇنى يۈلىۋېتىش توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ قاشنىڭ قاتارىدىن ئەمەس دېگەن.  

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى