دۇشەنبە 15 شەۋۋال 1443 - 16 ماي 2022
Uygur

ھەم-قايغۇ بىزنى بەك مەشغۇل قىلىپ قويدى دېيىش توغرىسىدا

سۇئال

    مەن ۋە ئايالىم بىز ھەممە ئىش توغرىسىدا كۆپ پىكىر قىلىمىز، بىشىمىزدىن ئۆتكەن قىيىنچىلىق كۆپ غەم-قايغۇنى ئۆزىمىزگە يۈكلەيمىز، بۇ ئىش بىزنىڭ كۈندىلىك تائەت-ئىبادەتلىرىمىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى بارمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    قەدىرلىك ھەمشىرەم، بىزگە ئىشەنچ قىلغانلىقىڭىزغا رەھمەت، ئاللاھ تائالادىن سىزنى ۋە بىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى، ھەقنى ھەق كۆرسىتىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىشنى، باتىلنى باتىل كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىن يىراق قىلىشنى، بىزگە ھەق بىلەن ئارىلاشتۇرىۋەتمەستىن ئوچۇق قىلىپ بېرىشنى سورايمىز. سىزنىڭ سورىغان سوئالىڭىزغا تۆۋەندىكىچە مەسلىھەت بېرىمىز:

    بىرىنچى: پىكىر قىلىش بولسا، بىزنىڭ ھاياتىمىزدا، ئومۇمى ۋە خۇسۇسىي ئىشلىرىمىزدا، دۇنيا ھاياتىمىزدىن قانداق پايدىلىنىمىز، كىشىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىمىز دېگەن ئىشلار ئويلىنىش زۆرۈر بولغان مۇھىم ئىشتۇر، ئاللاھ تائالانىڭ كالامى بولغان قۇرئان كەرىم بىزنى نۇرغۇن ئايەتلەردە پىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى: (ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ ئاللاھنى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) «پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن)( ئۆزۈڭلاردا ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، بۇنى كۆرمەمسىلەر)(پىكىر قىلمامسىلەر)(ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر) بۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن ئايەتلەر ھايات يولىمىزدا، ھەرىكەتلىرىمىز-ئىشلىرىمىزدا بەلكى ۋە ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدە بىزنى پىكىر قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.

    چۈنكى پىكىرنىڭ ئۆزى قىيىنچىلىق پەيدا قىلمايدۇ، بەلكى پىكىر قىلىش زۆرۈر بولغان بىر تەلەپ بولۇپ، بىزنى دىنىمىز بۇنىڭغا بۇيرىدۇ ۋە قۇرئان كەرىم پىكىر قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ.

    ئىككىنچى: ئەگەر پىكىر ئىنساننىڭ تەبىئىي ئىش-ئەمەللىرى ۋە ھاياتلىقتىكى ئۈمىد-ئارزۇلىرىغا توسالغۇ بولىدىكەن، ئۇ ۋاقىتتا پىكىر قىلىش ئىنساننىڭ ئۆزىدە ياكى جەمئىيەتتە ھەل قىلىش تەس بولغان بىر ئىشقا ئۆزگىرىدۇ!. گوياكى ئۇ كىشى ئۆز ئۈستىگە ئىلىشتىن ئارتۇق بىر ئىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندەك بولىدۇ، ئۆز نەپسىنى كۆپ پىكىر قىلىش بىلەن مەشغۇل قىلىپ ئىلگىرى قىلىدىغان ئىشنى كىيىن ۋە كېيىن قىلىدىغان ئىشنى ئىلگىرى قىلالمايدۇ، بەلكى بۇ كىشى غەم-قايغۇ، پاراكەندىچىلىك ۋە چارچاش بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، ئىجات قىلىش، تەرەققى قىلىشتىن چېكىنىدۇ، ھەيرانلىق ۋە ئىككىلىنىشتىن قۇتۇلالمايدۇ، كەسكىن قارار قىلالمايدۇ.

     ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەقلى-قابىلىيىتى دائىرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىپ ھەممە نەرسىنى پىكىر قىلىمەن دەپ، بىلىش مۇمكىن بولمايدىغان غەيبى ئىشلارغا ئۆتۈپ كەتسە، بۇ شەكىلدە پىكىر قىلىش شەرئى جەھەتتىن قىيىنچىلىق بولىدۇ، بەلكى بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە زىيانلىق بولغان ئىشلارغا قىزىقتۇرىدىغان شەيتانغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.

     ئۈچىنچى: ھەر نەرسىدە پىكىرگە ئالاقىدار ئىشلار كۆپ بولىدۇ، بۇ ئىش ئەر-ئايال ئىككىڭلارنىڭ ھەممە قىيىنچىلىق توغرىسىدا پىكىر قىلىشقا تۈرتكە بولۇپتۇ، بۇ ئۆز دائىرىسىدە تەبىئىي ئىش، لېكىن بۇ شەكىلدە پىكىر قىلىش ئىككىڭلارنىڭ تەبىئىي ھاياتىڭلارغا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك، بۇنىڭدىن مەقسەت: ھەممە ئىشقا پىكىر قىلىش سىلەرنى دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ئىلىپ بارامدۇ؟ ھايات يۆلىنىشىڭلار مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە پىكىر قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت چېقىرىشقا مۇۋاپىقمۇ؟ ئەگەر مۇۋاپىق بولۇپ قالسا، بۇ يەردە بىر قىيىنچىلىق يوق، ئەگەر مۇۋاپىق ئەمەس بولۇپ قالسا، ئىككىڭلار ئۆز ئىخىتىيارىڭلار بىلەن مۇشۇنداق ئىشنى ھەل قىلىمىز دەپ نۇرغۇن ۋاقىتنى زايە قىلدىڭلار، مانا بۇ قىيىنچىلىقنى تېپىپ چېقىش ۋە ئۇنى ئىقرار قىلىشتۇر، بىز قىيىنچىلىقنىڭ تۈرىنى بىلگەن ۋاقتىمىزدا، بۇنى قانداق ھەل قىلىشنىڭ مۇناسىپ يولىنى تېپىش بىزگە ئاسان بولىدۇ.

    تۆتىنچى: بۇ قېيىچىلىقلاردىن غالىپ كېلىش بولسا ۋاقىت چىقىرىپ مەشىق قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەن بۇنىڭغا قادىر بولالايسىلەر، ئىشنى باشلاش ئۈچۈن قارار قىلىشقا ئىگە بولالايسىلەر، بۇ ئىشتا ئىككىڭلار ئۆزۈڭلارغا ئىشىنىشىڭلار زۆرۈر بولىدۇ.

     بەشىنچى: سىلەرگە بىر پىكىرنى دەي: سىلەر ئىشلىرىڭلارنى ۋە قىيىنچىلىقلىرىڭلارنى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىڭلار:

    بىرىنچى دەرىجە: خىزمىتىڭلار ياكى مۇشكۈل ئىش بىۋاستە سىلەرنىڭ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىڭلارنى ئۇزىۋېتىدىغان ھالەتتە بەك تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ دەپ مۇشۇ تېمىغا ئالاقىدار شەكىلدە پىكىر قىلىش كېرەك، باشقا تېما، چۈشەنچىلەرنى ئۈزۈش كېرەك، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قېيىن بولىدىغان ھالەتكە تاشلاپ قويماسلىق كېرەك.

     ئىككىنچى دەرىجە: خىزمەت بىلەن قىيىنچىلىقنىڭ ئارىسى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپتىن ئوخشاش بولۇپ قالسا، ئاخىرىدا سىلەر بۇنىڭ بىر تەرىپىدە بولىسىلەر، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ئىستىخار قىلىش كېرەك، ئەتراپتىكى يېقىنلىرىمىزدىن مەسلىھەت ئالساقمۇ بولىدۇ، بۇنىڭ ئورنىغا شەرىئەتكە ۋە ئۆرپ-ئادەتكىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارىغان باشقا بىر ئىشنى ئالماشتۇرساق بولىدۇ، بۇنىڭدىنمۇ بەك چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك كېرەك.

    ئۈچىنچى دەرىجە: خىزمەت ياكى قىيىنچىلىق سىلەرگە ئالاقىدار بولماستىن بەلكى باشقىلارغا ئالاقىدار ئىش بولسا، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق ئىشلار ئارىلىشىپ ئۆزىمىزنى، ۋاقتىمىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك، چۈنكى بۇ ئىككىڭلارغا ئالاقىسىز ئىش بولۇپ، سىلەرنىڭ پىكرىڭلار بۇ ئىشنى ئىلگىرى-كىيىن قىلالمايدۇ.

     ئالتىنچى: بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ۋە ھايات مەسىلىلىرىمىز تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتمەيدۇ:

    -نۇرغۇن ئىشلار ئۆتتى ۋە ئاخىرلاشتى، بۇ ئىشلار توغرىسىدا كۆپ باش قاتۇرۇش كېرەك بولمايدۇ، پەقەت كەلگۈسى ئۈچۈن تەجرىبە-ساۋاق بولۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمىزدىن پايدىلانساق بولىدۇ، ئۆتكەن ھايات قايتمايدۇ، ئۆتكەن ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇشنىڭ كېرىكى يوق.

    -كەلگۈسىدىكى توغىرسىدا ، كەلمىگەن ئىشلار توغىرسىدا كۆپ مەشغۇل بولۇشنىڭ كېرىكى يوق، چۈنكى كەلگۈسىدە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز، بىزگە ھازىر قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى كۆز ئالدىمىزدىكى كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك بولغان ئىشلار، كېيىنكى ئىشلار توغىرسىدا ۋاقتى كەلگەندە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىمىز ۋە ئۇ توغرىدا قارار چىقىرىمىز.

    -بىز ياشاۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىشلار، بۇ توغرىدا بىز ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىشىمىز كېرەك، ئەتراپتىكىلەر بىلەن مەسلىھەت قىلساق بولىدۇ، ئالاقزادە بولماستىن ۋە چەكتىن ئاشۇرۋەتمەستىن پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ، ئاخىرىدا ئىشىمىز ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن بىز ئارزۇ قىلغاندەك داۋام قىلىدۇ، بىز ئىستىخارە قىلىش ۋە مەسلىھەت سوراش قاتارلىق ئىشلارنى قالغاندىن كېيىن ئىختىيارلىق ئاللاھ ئىخىتىيار قىلغان ئىشتا بولىدۇ.

     يەتتىنچى: ئۆزىنى بۇنىڭغا ئادەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۆپ ،مەشىق قىلىش كېرەك بولىدۇ، ئەر-ئايال ئىككىڭلار بۇ ئىشتا بىرلىككە كېلىپ ھەمكارلاشساڭلار، بىر-بىرىڭلار ئاگاھلاندۇرۇپ زۆرۈر بولمىغان تېمىلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن چەكلىسەڭلار، تەدرىجى ئۆزۈڭلارنى ھاياتلىقتىكى چوڭ ئىشلارنىمۇ ھەل قىلالايدىغان قابىلەت ئىگىسى تاپىسىلەر.

     سەككىزىنچى: تەشۋىشلىنىش تېمىسىدا يېزىلغان گۈزەل بىر كىتاپ بار، بۇ كىتاب بىلەن مۇشۇ تېما بىلەن ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئەمەلنى مۇئامىلە قىلىش يولىنى بايان قىلىدۇ، بۇ كىتابنى ئوقۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇ "دىل كارىنجىنىڭ""تەشۋىشلىنىشنى تاشلاپ، ھاياتنى باشلا" دېگەن كىتابى.

     توققۇزىنچى: ھەممىدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن نىيەتنى توغرىلاش ۋە سەمىمى بولۇش كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ياردەم بېرىدۇ ۋە توغرا يول كۆرسىتىدۇ. 

  ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: مەنبە: ئەھمەد مۇقبىل. "بۈگۈنكى ئىسلام"