يەكشەنبە 19 شەۋۋال 1445 - 28 ئاپرىل 2024
Uygur

نامازدا ئىماملىق قىلىشقا كىمنىڭ لايىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا

سۇئال

    نامازدا ئىماملىق قىلىشقا كىم لايىق بولىدۇ؟، بۇ سوئالغا بېرىلىدىغان جاۋاپ قۇرئان، ھەدىستىن بولغان دەلىللەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى؟.

    ئىككىنچى سوئال:

    زىكىر قىلىش ئارىسىدا: ئىللەللاھ دېيىش توغىرمۇ؟، بۇنداق زىكىر قىلىشتىن نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: نامازدا ئىماملىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشى: نامازنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلدىغان ۋە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلغان بولىشى كېرەك.

    ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جامائەتكە ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلغان، قېرائىتى ياخشى كىشى ئىمام بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سۈننەتنى ياخشىراق بىلىدىغان بىرسى ئىمام بولسۇن». [ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 1530-ھەدىس].

    ھەدىستىن بولغان مەقسەت: ئاللاھنىڭ كىتابىنى ياد قىلغان ۋە ئۇنى تەجۋىد بىلەن گۈزەل ئوقۇيدىغان كىشى ئىمام بولسۇن دېمەكتۇر. بۇ توغرىدا ئەمىر ئىبنى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «مەن قۇرئان كەرىمنى ھەممىدىن كۆپرەك ياد قىلغان ئىدىم، ئايەتلەر دىلىمغا ئورناپ كەتكەن، مەككە پەتىھ قىلىنغاندا، قوۋمنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بولۇشقا ئالدىرىدى، داداممۇ قەبىيلەم بىلەن بىللە مۇسۇلمان بولۇشقا ئالدىرىدى، دادام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن: ئاللاھ بىلەن قەسەم! مەن سىلەرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدىم، پالانى نامازنى پالانى ۋاقىتتا ئادا قىلىڭلار، پالانى نامازنى پالانى ۋاقىتتا ئادا قىلىڭلار، ناماز ۋاقتى بولغاندا، سىلەردىن بىرىڭلار ئەزان ئوقۇپ نامازغا چاقىرسۇن. قۇرئان ئايەتلىرىنى كۆپ ياد قىلغىنىڭلار ئىمام بولسۇن دېدى. ئۇلار بىر-بىرىگە قاراشتى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇرئاننى مەندىنمۇ كۆپرەك ياد بىلىدىغان بىرسى يوق ئېدى، مەن يولدىن ئۆتكەن كىشىلەردىن قۇرئاننى ئاڭلاپ كۆپ ياد قىلغان ئىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنى ئىماملىققا ئۆتكۈزۈپ قويدى، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئالتە ياكى يەتتە ياشتا ئېدىم». [بۇخارى  رىۋايىتى 4051-ھەدىس].

    بىزنىڭ ئىمام بولغۇچى چوقۇم نامازنىڭ ھۆكۈملىرىنى بىلشى كېرەك دېيىشىمىز، بەزى ۋاقىتتا ئىمامنىڭ تاھارىتى بۇزۇلىدىغان ياكى نامازنى كام ئوقۇپ قويىدىغان بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا نامازنىڭ ھۆكۈملىرىنى ياخشى بىلمىسە نامازنى كام ئوقۇش ياكى باتىل قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىمۇ ۋە باشقىلارنى خاتالىققا چۈشۈرىدۇ.

    ئىلگىرى ئۆتكەن ھەدىسنى ئالىملار: قارىلىقتا ئوخشاش بولسا ئۇلارنىڭ دىننى بەكراق چۈشىنىدىغان بىرى ئىمام بولسۇن دېمەكتۇر.

    ئىمام نەۋەۋىي، ئىمام مالىك، ئىمام شاپىئى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى مۇنداق دەيدۇ: قارىدىن پەقىھ بولغىنى ئىماملىققا بەك لايىقتۇر، چۈنكى قارى دېگەن ئېھتىياجلىق بولغان ئايەتكە پىششىق بولسىمۇ پىقھى ئەھكاملارغا پىششىق ئەمەس، نامازدا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، توغرىنى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن پەقىھ بولۇش كېرەك دەيدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالاممۇ ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا قىرائەتنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ ياخشى ئوقۇيدىغان مەشھۇر قارىلار بولسىمۇ ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئىماملىققا ئۆتكۈزدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەدىستىكى قۇرئاننى بەكراق ياخشى ئوقۇيدىغان دېگەندىن بولغان مەقسەت: دىننى ياخشى چۈشىنىدىغان پەقىھ دېمەكتۇر. شۇنداقتىمۇ ھەدىستىكى: ئۇلار قىرائەتتە ئوخشاش بولسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن سۈننەتنى بەكراق بىلىدىغان كىشى ئىمام بولسۇن دېگەندىن مۇتلەق قارىنى ئىمام قىلىشنىڭ دەلىلى ئىپادىلىنىدۇ. ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 5-توم 177-بەت].

    نەۋەۋىي ھەدىسنى دەلىل قىلىشتا گەرچە ئىمامى شافىئىي خىلاپلىق قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ سۆزىدىكى ئېتىبارغا ئالىدىغان ئاساس، ساھابىلارنىڭ ئارىسىدا بىزنىڭ زامانىمىزدىكىدەك، قىرائەتنى چېرايلىق قېلىپ  شەرئى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغانلىرى يوق، ساھابىلارنىڭ ھەممىسى شەرئى ھۆكۈملەرنى ياخشى بىلەتتى.

    ئىبنى قۇدامە مۇنداق دەيدۇ: ئىككەيلەننىڭ بىر نامازغا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى ياخشى بىلسە، يەنە بىرى زاكاتقا ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى ياخشى بىلىدۇ، نامازنىڭ ھۆكۈملىرىنى ياخشى بىلىدىغىنى نامازدا ئىماملىققا لايىق بولىدۇ. ["ئەل مۇغنى" 2-توم 19-بەت].

    دائىمىي پەتىۋا كومىتېتى مۇنداق دەيدۇ: "يۇقىرىدىكى ئىشلار بىلىنسە، ئىماملىققا يارايدىغان كىشى بولغان ئەھۋالدا جاھىل كىشى ئىمام بولىۋېلىشى توغرا بولمايدۇ. پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش ياكى ئۆزىدىنمۇ تۆۋەنرەك كىشىلەرگە ئىمام بولۇپ ئوقۇسا بولىدۇ. ["ئىسلام پەتىۋالىرى" 1-توم 264-بەت.

    ئىككىنچى سوئالدىن بولغان مەقسەتنى چۈشىنەلمىدۇق، يالغۇز" ئىللەللاھ دېيىش زىكىر ئەمەس، شەرىئەتتە بۇنداق شەكىلدە يالغۇز دېيىلىدىغان زىكىر يولغا قويۇلمىغان، بەلكى باشقا سۆزلەر بىلەن بىرگە ئوقۇلىدىغان قىلىپ يولغا قويۇلغان. لائىلاھە ئىلەللاھ، ۋەھدەھۇ لاشەرىكە لەھۇ، لەھۇل مۇلك ۋەلەھۇل ھەمدۇ، ۋەھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىير". بۇنىڭدىنمۇ باشقا زىكىرلەرمۇ كۆپ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى