بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: ئالىملار ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن مەسىلە: ئايال ئاق–قارىنى ئايرىيالمايدىغان ياشتىكى بالىلارنى تەربىيىلەشكە بەك ھەقلىق، چۈنكى بالا بۇنداق ياشتا ئانىسىنىڭ كۆيۈنىشىگە بەك ئېھتىياجلىق بۇنىڭغا پەقەت ئانىسى قادىر بولالايدۇ، لېكىن بۇ ھەق ئايال باشقا ئەر بىلەن توي قىلغاندا چۈشۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا ئايال بالىسىنىڭ ئەمەس يېڭى يولدىشىنىڭ خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، بالىنىڭ خىزمىتى بىلەن ئەرنىڭ خىزمىتى قارشى كېلىپ قالىدۇ، ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ: ئايال باشقا ئەر بىلەن توي قىلغاندا بالىلارنى تەربىيىلەش ھەققىنىڭ چۈشۈپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئالىملارنىڭ بىرلىكىنى نەقىل قىلدى. ئىبنى ئابدۇلبەرنىڭ: "ئەل كاپى" 1 –توم 296 –بەت. "ئەل مۇغنى" 8 –توم 194 –بەتكە قارالسۇن.]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، بىر ئايال پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن بۇ ئوغلۇمغا قورسىقىمنى قاچا، كۆكسۈمنى ئۇسسۇزلۇق، قۇچۇقۇمنى تۆشەك قىلىپ باققان ئېدىم، بۇنىڭ ئاتىسى مېنى تالاق قىلىپ ئوغلۇمنى مەندىن تارتىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا: «سىز توي قىلمىغان مۇددەتچە ئۇ بالىنى بېقىشقا ھەممىدىن بەك سىز ھەقلىق دېدى.» [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى 6707-ھەدىس. ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2276-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈردى. ئىبنى كەسىر سەھىھ دەپ : "ئىرشادۇل پەقىيھ" 2 –توم 250 –بەتتە كەلتۈردى. ]
ئىككىنچى: ئۆلىمالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ نەپىقىسى ئاتىنىڭ ئۈستىگە ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ مەسىلىدە ئەر ئايالىنى تالاق قىلىۋەتكەن بولسۇن ياكى نىكاھىدا بولسۇن، ئايالى باي بولسۇن ياكى كەمبەغەل بولسۇن ئوخشاش، ئەر بولىدىكەن ئايالنىڭ نەپىقە قىلىشى كېرەك بولمايدۇ.
تالاق قىلىنغان ئايال بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بولسا ئۇلارنىڭ نەپىقىسى ئاتىسىغا بولىدۇ. ئېمىدىغان بالا بولسا، ئۇنىڭ ئاتىسىدىن ئېمىتىش ھەققىنى تەلەپ قىلىدۇ.
بالىلارنىڭ نەپىقىسى دېگەن: ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايى، يېمەك–ئىچمەك، كىيىم–كېچەك، تەلىم–تەربىيە قاتارلىق ئۆرپ–ئادەت بويۇنچە بالىلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ھەمدە ئەرنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: لِيُنْفِقْ ذُو سَعَةٍ مِنْ سَعَتِهِ وَمَنْ قُدِرَ عَلَيْهِ رِزْقُهُ فَلْيُنْفِقْ مِمَّا آتَاهُ اللَّهُ لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا مَا آتَاهَا سَيَجْعَلُ اللَّهُ بَعْدَ عُسْرٍ يُسْرًا تەرجىمىسى: « باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار قىلىنغان ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يېتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كېيىن بايلىقنى بېرىدۇ). سۈرە تالاق 7 –ئايەت.]
بۇ شەھەرلەر ئارا ۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە پەرقلىق بولىدۇ.
ئەگەر ئەر كىشى باي بولسا نەپىقە ئەرنىڭ ئەھۋالىغا كۆرە بولىدۇ، كەمبەغەل ياكى ئوتتۇراھال ھالەتتە بولسا، ئۇ شۇ كىشىنىڭ ھالىغا كۆرە بولىدۇ. ئەگەر ئەر–ئايال ئىككى تەرەپ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن مەلۇم مىقداردىكى مالغا ئىتتىپاققا كەلگەن بولسا، ئىش ئۇلار ئىتتىپاق كەلگەن بويۇنچە بولىدۇ، ئەمما تالاش–تارتىش بولۇپ قالسا ئۇلارنىڭ ئارىسىنى قازى ئايرىپ قويىدۇ.
تالاق قىلىنغان ئايال ئېمىتىدىغان بالىسى بولۇپ، ئۇنى ئۆزى ئېمىتكەن بولسا ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ئېرىدىن بۇنىڭ ھەققىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئىبنى قۇدامە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بالىنىڭ ئېمىتىش ھەققى ئاتىنىڭ ئۈستىگە بولىدۇ، ئەگەر بالىنىڭ ئانىسى تالاق قىلىنغان بولسا بالىنى ئېمىتىسەن دەپ مەجبۇر قىلالمايدۇ، بۇ توغرىدا ئالىملار ئارىسىدا ئىختىلاپ بارلىقىنى بىلمەيمىز. [ "ئەل مۇغنى" 11 –توم 430 –بەت.]
يەنە مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئانا بالىسىنى ئېمىتىش ھەققىنى تەلەپ قىلسا، گەرچە ئەر بالىنى بىكارغا ئېمىتىدىغان ئايال تاپسۇن ياكى تاپمىسۇن بۇنىڭغا بالىنىڭ ئانىسى بەك ھەقلىق". [ "ئەل مۇغنى" 11 –توم 431 –بەت].
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ئېمىتىش ھەققى ئانىسىنىڭ بولىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: فَإِنْ أَرْضَعْنَ لَكُمْ فَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلار سىلەر ئۈچۈن (بالىلىرىڭلارنى) ئېمىتىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ (ئېمىتىش)ھەققىنى بېرىڭلار». [سۈرە تەھرىم 6 –ئايەت]. "چوڭ پەتىۋالار" 3 –توم 347 –بەت].
ئۈچىنچى: بالىنىڭ بېقىش مەسئۇلىيتى دېگەن(كۆپچىلىك ئالىملار تونۇتقاندەك) ئاق–قارىنى پەرق قىلالمايدىغان، ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئۆزى قىلالمايدىغان پەرزەنتنى ھىمايە قىلىش، تەربىيىلەش ۋە تۈرلۈك ئەزىيەتلەردىن مۇھاپىزەت قىلىش دېمەكتۇر. [ "رەۋزەتۇت تالىبىين" 9 –توم 98 –بەت].
بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: كېچىك بالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئىشلىرىنى تەرتىپلەش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەگەر ئاتا بولغۇچى بالىسىغا بېرىدىغان نەپىقە قاتارلىق بۇ مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشتىن باش تارتسا، بۇنىڭ بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، ئۇنىڭ بالىنى تەربىيىلەش ھەققى چۈشۈپ كېتىدۇ، "رەۋزەتۇل مۇربىدا" مۇنداق دەيدۇ: "بالىنى تەربىيىلەش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققى بۇ ھەقنى زايە قىلىۋېتىدىغان كىشىنىڭ قولىدا بولمايدۇ" . [ " رەۋزۇل مۇربى" 3 –توم 251 –بەت.]
ئىبنى قۇدامە مەقدىسى مۇنداق دەيدۇ: "بالىنى تەربىيىلەش دېگەن بالىنىڭ نېسىۋىسى ئۈچۈن بېكىتىلىدۇ، بالىنىڭ ئۆزى ۋە دىنىنىڭ ھالاك بولىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلمايدۇ". [ "ئەل مۇغنى" 8 –توم 190 –بەت].
ئىبنى قەييىم مۇنداق دەيدۇ: " بىز بالىنى تەربىيىلەش ھەققىنى ئاتا–ئانىسىنىڭ بىرىگە قىلساق، چوقۇم بالىنىڭ مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە ياخشى خەۋەر ئېلىنىشىغا رىئايە قىلىمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن مالىك ۋە لەيس قاتارلىق ئالىملار مۇنداق دېگەن: "ئەگەر ئانا جاتىرجەم، مۇقىم ئورۇندا بولمىسا ياكى بالا ئېمىتىدىغان بولمىسا ئاتا قىزىنى ئۇنىڭدىن ئېلىۋېلىشقا ھەقلىق بولىدۇ، ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھدىن بولغان مەشھۇر بىر رىۋايەتتىمۇ شۇنداق دېيىلگەن: ئاتىنىڭ پەرزەنتنى مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ياخشى پەرۋىش قىلىشتەك ئىقتىدارى ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ئەگەر ئاتا بولغۇچى بالىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلمايدىكەن، ياكى ئۇنىڭدىن ئاجىز كېلىدىكەن، ياكى ياخشى ئىنسان ئەمەسكەن، ياكى خوتۇن–قىزلىرىنى كۈنلىمەيدىغان دەيۈز ئىنسان بولسا، ئانا ئۇنىڭ ئەكسىچە ياخشى بولسا بۇ ۋاقىتتا قىز بالىنى تەربىيىلەشكە ئانا بەك ھەقلىق بولىدۇ. ئۇستازىمىز مۇنداق دېگەن: ئاتا–ئانىنىڭ بىرى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ۋاجىپ قىلغان ئىشلارنى ۋە بالىنى تەربىيىلەش ئىشىنى تەرك قىلىدىكەن، ئۇ ئاللاھقا ئاسى بولغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ بالىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھەققى بولمايدۇ، بەلكى بالىنى تەربىيىلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ھېچ بىرىگە بالىغا ئىگە بولۇش ھەققى بېرىلمەيدۇ، بەلكى ئۇلاردىن ھەقنى ئېلىپ، ئۇنى تولۇق ئادا قىلىدىغان بىرىگە بېرىلىدۇ ياكى بۇنىڭغا تولۇق ئادا قىلىدىغان بىرىنى ياردەمچى قىلىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت، كۈچىنىڭ يېتىشچە ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشتۇر. ئەگەر ئاتا باشقا بىر ئايال بىلەن توي قىلغان بولۇپ، بۇ ئايال كېچىك قىزنىڭ ئىشلىرىنى تەرتىپلىمىسە، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالمىسا، كەسكىنلىك بىلەن قىزنىڭ ئۆز ئانىسى بۇنىڭغا ئەڭ ھەقلىقتۇر". [ "زادىل مىئاد" 5 –توم 424 –بەت. ]
شەيخ ئابدۇراھمان سەئدى مۇنداق دەيدۇ: "ئىككى ئاتا–ئانىنىڭ بىرى بالىنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتكە سەل قارىسا، تولۇق ئادا قىلمىسا ئۇنىڭ بالىغا ئىگە دارچىلىق قىلىش ھوقۇقى چۈشۈپ كېتىدۇ، يەنە بىرى تەيىن قىلىنىدۇ". ["پەتىۋا سەئدىيە" 535 –بەت].
شۇنىڭغا ئاساسەن: ئاتا پەرزەنتىگە نەپىقە قىلىشتىن باش تارتىدىكەن، ئۇنىڭدىن پەرزەنتىنى تەربىيىلەش ھەققى چۈشۈپ كېتىدۇ، گەرچە نەپىقە قىلىشتىن بالىنىڭ ئانىسىغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە چەكلەنگەن بولسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۇ شۇ ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىغا ياخشى قارىمايدىغانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. ئانا مەھكىمىگە بېرىپ قازىدىن پەرزەنتلىرىنىڭ نەپىقىسىنى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.