ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرامغا كېرىپ نېيەت قىلغاندىن كېيىن ئوۋلاش دۇرۇس بولىدىغان ھايۋانلار قايسى؟

سوئال 204826

ھەج جەريانىدا ئوۋلاشقا رۇخسەت قىلىنغان ھايۋانلار قايسى؟ قاچان؟ قەيەردە ئوۋلىنىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

ئېھرامدا تۇرغان ھاجىلارغا قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ھەرەمدە ئوۋ ئوۋلاش ھەج قىلماقچى بولغان ۋە ھەج قىلماي مۇقىم تۇرىدىغانلار ئۈچۈنمۇ چەكلەنگەندۇر. ئۆمرە ياكى ھەج قىلىدىغان ھاجىلارغا دېڭىز ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَيَبْلُوَنَّكُمْ اللَّهُ بِشَيْءٍ مِنْ الصَّيْدِ تَنَالُهُ أَيْدِيكُمْ وَرِمَاحُكُمْ لِيَعْلَمَ اللَّهُ مَنْ يَخَافُهُ بِالْغَيْبِ فَمَنْ اعْتَدَى بَعْدَ ذَلِكَ فَلَهُ عَذَابٌ أَلِيمٌ، يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لا تَقْتُلُوا الصَّيْدَ وَأَنْتُمْ حُرُمٌ وَمَنْ قَتَلَهُ مِنْكُمْ مُتَعَمِّداً فَجَزَاءٌ مِثْلُ مَا قَتَلَ مِنْ النَّعَمِ يَحْكُمُ بِهِ ذَوَا عَدْلٍ مِنْكُمْ هَدْياً بَالِغَ الْكَعْبَةِ أَوْ كَفَّارَةٌ طَعَامُ مَسَاكِينَ أَوْ عَدْلُ ذَلِكَ صِيَاماً لِيَذُوقَ وَبَالَ أَمْرِهِ عَفَا اللَّهُ عَمَّا سَلَفَ وَمَنْ عَادَ فَيَنتَقِمُ اللَّهُ مِنْهُ وَاللَّهُ عَزِيزٌ ذُو انتِقَامٍ، أُحِلَّ لَكُمْ صَيْدُ الْبَحْرِ وَطَعَامُهُ مَتَاعاً لَكُمْ وَلِلسَّيَّارَةِ وَحُرِّمَ عَلَيْكُمْ صَيْدُ الْبَرِّ مَا دُمْتُمْ حُرُماً وَاتَّقُوا اللَّهَ الَّذِي إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ تەرجىمىسى: «ئى مۆمىنلەر! كۆرمەي تۇرۇپ ئاللاھتىن قورقىدىغانلارنى بىلىش ئۈچۈن، قولۇڭلار ۋە نەيزەڭلار بىلەن ئوۋلىنىدىغان بىر ئاز ئوۋ بىلەن ئاللاھ سىلەرنى چوقۇم سىنايدۇ، كىمكى بۇنىڭدىن كېيىن ھەددىدىن ئاشسا (يەنى ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئوۋلىسا)، ئۇ قىينىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئوۋلىغان ھايۋانلارنى ئىھرامدا ياكى ھەرەمدە تۇرۇپ ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئىشنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ جازاسى ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ئوۋغا ئوخشاش ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەبىگە ئېلىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىشتۇر ياكى كەففارەت بېرىش يۈزىسىدىن مىسكىنلەرگە ئاش بېرىشتۇر ياكى ھەر مىسكىنگە بېرىدىغان ئاشنىڭ باراۋىرىگە بىر كۈن روزا تۇتۇشتۇر. ئۆتكەنكى گۇناھنى (يەنى بۇ ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇن ئىھرامدا تۇرۇپ ئوۋ ئۆلتۈرگەن بولساڭلار، بۇنى) ئاللاھ ئەپۇ قىلدى، كىمكى قايتا گۇناھ ئۆتكۈزسە (يەنى قايتىدىن ئوۋ ئۆلتۈرسە)، ئاللاھ ئۇنى جازالايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) جازالىغۇچىدۇر، سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى، مادامىكى سىلەر ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە ئىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى، سىلەر (قىيامەت كۈنى) دەرگاھىغا توپلىنىدىغان ئاللاھتىن قورقۇڭلار». [سۈرە مائىدە 94-96-ئايەتكىچە].

شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي مۇنداق دەيدۇ: " ئاللاھ تائالانىڭ «سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى» دېگەن بۇ ئايەتنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئومۇمىيلىقى ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامدا تۇرغانلارنىڭ دېڭىز ھايۋانلىرىنى ئوۋلىشىنىڭ رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئېھرامدا تۇرغانلارنىڭ ئوۋ ئوۋلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى قۇرۇقلۇققا خاس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «مادامىكى سىلەر ئېھرامدا ياكى ھەرەمدە ئىكەنسىلەر، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىنى ئوۋلاش سىلەرگە ھارام قىلىندى» دېگەن بۇ ئايەتنىڭ كۆرۈنۈشتىكى ئۇ چەكلىشىنىڭ ئوچۇق بەلگىلىمىسىدە ئېنىقلانغاندەك: «سىلەر ئېھرامدا تۇرغان مەزگىلدە قۇرۇقلۇقتا ئوۋ ئوۋلاش سىلەرگە چەكلەنگەن».  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئېھرامدا تۇرغانلارنىڭ دېڭىز ھايۋانلىرىنى ئوۋلىشى چەكلەنمىگەن. (يەنى ھارام ئەمەس) ".

شەيخ مۇھەممەد ئەمىن شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئالىملار ھەج ياكى ئۆمرە ئۈچۈن ئېھرامدا تۇرغانلارنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئوۋ ئوۋلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى (يەنى ھارام ئىكەنلىكى) توغرىسىدا بىردەك قاراشتا بولغان.  بۇ قاراش بۇغا، كېيىك، تاغىل ئات دېگەندەك گۆشىنى يېيىشكە بولىدىغان بەزى ھايۋانلارغا ماس كېلىدۇ.

شۇنىڭدەك، ئالىملار ئېھراملىق كىشى ئېھراملىق ھالىتىدە ئوۋ ئوۋلىغان بولسا، بۇ ھايۋاننىڭ گۆشىنى ئۆزى ۋە باشقا ئېھراملىق كىشىلەر ھەتتا ئېھرام كىيمىگەن مۇقىم كىشىلەرنىڭمۇ يېيىشى دۇرۇس بولمايدىغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.( چۈنكى بۇ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغانغا ئوخشاش ئۆلۈك ھايۋان ھېسابلىنىدۇ ) ". [ئەزۋائۇل بايان 2-توم 117-118-بەت].

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ئىككى ھەرەمگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ھۆكۈملەر
ئېھرام كەيگەندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

مەنبە

ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android