چارشەنبە 15 زۇل قەئەدە 1440 - 17 ئىيۇل 2019
Uygur

بىر كىشى روزا تۇتتۇم دەپ ئويلاپ، نىيىتىنى يېڭىلاشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا قانداق بولىدۇ؟.

سۇئال

   بىر كىشى ئۇخلاشتىن ئىلگىرى تولۇق بىر ئاي رامىزان روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلدى، ئاندىن سوھۇرلۇق يېيىش ئۈچۈن ئويغانغاندا ئۇ كىشىگە: بۈگۈن رامىزان ئەمەس، شەئباننىڭ ئوتتوزىنچى كۈنى دېيىلدى، ئۇ كىشى ئەتىسى يېڭىدىن نىيەت قىلماستىن روزا تۇتتى ۋە رامىزان روزىسىنى داۋاملاشتۇردى بۇ قانداق بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    پەرز بولغان روزىنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتلىرىدىن كېچىدە روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىشتۇر، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەپسە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلمىغان كىشىنىڭ روزىسى روزا بولمايدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 2454-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ سەھىھ دەپ "ئىرۋائۇل غەلىيل"4-توم 25-بەتتە 914-ھەدىستە كەلتۈرگەن].

     ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىزنىڭ شاپىئى مەزھىپىدە رامىزان روزىسىنى كېچىدە نىيەت قىلمىسا توغرا بولمايدۇ، ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق، داۋۇد زاھىرى ۋە ئىلگىركى، كېيىنكى كۆپچىلىك ئۆلىمالارمۇ شۇنداق دېگەن". ["ئەلمەجمۇئ"6-توم 318-بەت].

    نىيەتنىڭ ئىشى بەك ئاسان بولۇپ، ئەتە رامىزان ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن كەسكىن روزا تۇتۇش ئىرادىسىگە كېلىشنىڭ ئۆزى نىيەتتۇر، بۇنى ئاغزاكى دېيىش شەرت ئەمەس بەلكى ئاغزاكى دېيىش شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان.

    ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەتە رامىزان ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھەرقانداق بىر كىشى روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئاغزاكى روزا تۇتىمەن دېسۇن ياكى دېمىسۇن ئۇ كىشى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولدى، بارلىق مۇسۇلمانلار شۇنداق قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىدۇ". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"25-توم 215-بەت].

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ "شەرھىل مۇمتىئ"6-توم 353-354-بەتتە مۇنداق دەيدۇ:" ئۆزى تاللىغان ئىشتىن نىيەتنى كېچىكتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ، ئىنسان ئۆزى تاللاپ قىلىدىغان ھەر قانداق ئىشتا ئۇنى قىلىدىغان بىر مەقسەت بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىز بەزى كىشىلەردىن ھاسىل بولىدىغان ۋەسۋەسىلەرنى بىلەلەيمىز، ئۇ ئىنسان بىر ئىشنى قىلىپ بولۇپ: مەن بۇنى قىلىشنى مەقسەت قىلمىغانتىم دەيدۇ، بۇ پەقەت قۇرۇق خىيالدۇر، مەقسەت قىلماستىن بىر ئىشنى قىلىش قانداق توغرا بولىدۇ؟".

    رامزاننىڭ ئەۋۋەلقى كۈنىدە بىر ئاي رامىزان روزىسىنى تۇتۇشنى نىيەت قىلىش توغرا بولىدۇ، ئەگەر رامىزان ئېيىدا سەپەر قىلسا ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن روزا تۇتالمىسا، روزا تۇتۇشنى باشلىغاندا نىيەتنى يېڭىلاش ياخشى بولىدۇ، لېكىن نىيەتنى يېڭىلاش شەرت ئېتىلمەيدۇ، شۇنىڭدەك رامزاننىڭ ئەۋۋىلىدە تولۇق بىر ئاي روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىشمۇ شەرت ئەمەس، بەلكى ھەر كېچىسى شۇ كۈننىڭ روزىسىنى نىيەت قىلسىمۇ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ.

    ئىبنى قەتتان رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلىمالار بىر كىشى رامزاننىڭ ھەر كېچىلىرىدە روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ روزا تۇتىدىكەن ئۇ كىشنىڭ تۇتقان روزىسى توغرا بولىدۇ دېگەنگە بىرلىككە كەلدى". ["ئەلئىقنائ فى مەسائىلىل ئىجما"1-توم 227-بەت].

   لېكىن سوئال سورىغۇچىنىڭ مەقسىتى: ئۇ كىشى رامزاننىڭ دەسلەپكى كۈنى كىرگەندە ئىلگىرىكى نىيىتىنى يېڭىلىمىغان بولسا، بۇ كۈننىڭ رامزاننىڭ دەسلەپكى كۈنى بولغانلىقىدىن ھودۇقۇشتا قالغان بولۇپ، تاڭ يورىغاندىن كېيىن رامىزان كىرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان بولسا، كېچىدە ھېچ قايسى ۋاقتىدا ئەتە رامىزان روزىسى تۇتىمەن دېگەننى نىيەت قىلمىغان بولسا، كېچىدە سوھۇرلۇق يېيىش ئۈچۈنمۇ تۇرمىغان بولسا، ئۇ كىشى بۇ كۈننىڭ رامىزان ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، روزا تۇتىدۇ، كېيىن شۇ كۈنلۈك روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ، چۈنكى يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك رامىزان روزىسىنىڭ نىيىتىنى كېچىدە قېلىش كېرەك بولىدۇ. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن روزىدا نيەتنى قانداق قىلىش توغرىسىدىكى 22909- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

   ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش