پەيشەنبە 24 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1441 - 21 نويابىر 2019
Uygur

ئوڭ قولىدا تېڭىق بولسا قانداق تاھارەت ئالىدۇ ۋە قانداق شەكىلدە ناماز ئوقۇيدۇ؟

سۇئال

    ئوڭ قولى سۇنۇپ تېڭىغلىق بولسا تاھارەت ئېلىش ۋە ناماز ئوقۇشتىن ئىبارەت ئىبادەتلەرنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     ئىبادەتلەرنى ئوڭ قولىنى ئىشلىتىش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش مۇمكىن بولمايدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكى شەرئى ھۆكۈملەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك:

   بىرىنچى: ئوڭ قولى سۇنۇپ كېتىش بىلەن تاھارەت ئېلىش ۋە غۇسلى قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى پەرز ئەمەللەر چۈشۈپ كەتمەيدۇ، بەلكى مۇمكىن بولسا سۇنى ئېلىش ۋە پاكىزلاش زۆرۈر بولغان ئورۇنلارغا يەتكۈزۈشتە سول قولىنى ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا تاھارەتنى تولۇق ئېلىشنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالدىرىماسلىق كېرەك بولىدۇ.

    ئىككىنچى: ئەگەر ئوڭ قولى سۇنۇپ تېڭىغلىق بولسا، تاھارەت ئالغاندا ۋە يۇيۇنغاندا تاڭغان ئورۇنغا زىيان يەتمەيدىغان ھالەتتە يەڭگىل مەسھى قىلىش كېرەك بولىدۇ، مەسھى قىلىش يۇغاندەك ئۈچ قېتىم بولماستىن پەقەت بىر قېتىم بولسا كۇپايە قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ خالىسا تولۇق تاھارەت ۋە پاكىزلىق روياپقا چىقىدۇ. شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويىشىمىز كېرەككى، ئەگەر قولنىڭ بارماقلىرى ياكى بىلەكلىرى ئوچۇق بولسا، ئۇنى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، مەسھى قىلىش پەقەت تېڭىقنىڭ ئاستىدىكى ئورۇنلارغا بولىدۇ.

    شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەزى ۋاقىتتا تېڭىق ئالقاندا بولۇپ بارماقلىرى ئوچۇق بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا تېڭىققا مەسھى قىلىپ بارماقلىرىنى يۇيۇش كېرەك بولىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش پۇتىدا تېڭىق بولۇپ بارماقلىرى ئوچۇق بولىدىكەن، بارماقلىرىنى يۇيىدۇ، تېڭىققا مەسھى قىلىدۇ". ["ئايلىق ئۇچرىشىش"61/27]. 69796-148062-163853-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىدا تېڭىقنىڭ ھۆكمىنىڭ تەپسىلاتىنى بايان قىلدۇق.

    ئۈچىنچى: ئەمما نامازغا كەلسەك، نامازدا ئوڭ قولنىڭ ھەرىكىتى تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا ئىپادىلىنىدۇ:

   1-تۆت ئورۇندا تەكبىر ئېيتقاندا ئوڭ قول كۆتۈرۈلىدۇ: ناماز باشلاش تەكبىرىدە، رۇكۇغا بارغاندا، رۇكۇدىن تۇرغاندا، ۋە ئىككىنچى رەكەتتىن كېيىن تەشەھھۇتتىن تۇرغاندا.

   2-قىيامدا تۇرغاندا ئوڭ قولنى سول قولىنىڭ ئۈستىدە قويىدۇ.

   3-سەجدىگە بارغاندا.

    4-ئولتۇرغاندا قولىنى يوتىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇش.

    5-تەشەھھۇتتا كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلىش.

مۇشۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە مۇمكىن بولسا ئوڭ قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئوڭ قولىنى تولۇق ھەرىكەتلەندۈرۈش مۇمكىن بولمىسا، قادىر بولغان ھالەتتە ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، بۇنداق ھەرىكەتلەندۈرۈشكىمۇ قادىر بولالمىسا، ئۇ ۋاقىتتا ئوڭ قولىنىڭ ئورنىغا سول قولىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ، لېكىن كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلىش پەقەت ئوڭ قولغا خاستۇر.

    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھۆكۈملەرنىڭ شەرئى دەلىلى ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئىككى پىقھى قائىدىدىن ئىبارەتتۇر: بۇ ئىككى قائىدە ئۈچۈن قۇرئان ئايەتلىرى ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن ئونلارچە دەلىللەرنى شاھىت قىلدىم. بىرىنچى قائىدە: مۇشەققەت ئاسانلىقىنى كەلتۈرىدۇ، بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ:  لَا يُكَلِّفُ اللَّهُ نَفْسًا إِلَّا وُسْعَهَا تەرجىمىسى: «ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.» [سۈرە بەقەرە 286-ئايەت].

    ئىككىنچى قائىدە: ئاسانچىلىق قېيىنچىلىق بىلەن چۈشۈپ كەتمەيدۇ، بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تائالانىڭ:  فَاتَّقُوا اللَّهَ مَا اسْتَطَعْتُمْ  تەرجىمىسى: «تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار.» [سۈرە تەغابۇن 16-ئايەت].

    بۇ كاتتا قائىدە بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ شەرىئەت ئاساسىغا تۇرغۇزۇلغان ئۇنتۇلمايدىغان كەڭ تارقالغان قائىدىدۇر". [ئىمام سۇيىتۇنىڭ "ئوخشاشلار ۋە باراۋەرلەر" ناملىق ئەسىرى 293-بەت].

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "شەرىئەتتە بۇيرۇلغان ئەمەللەرنى ئادا قىلىشتا قادىر بولۇش ۋە كۈچىنىڭ يېتىشى شەرت قېلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «ئۆرە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغىن، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇغىن، ئۇنىڭغا قادىر بولالمىساڭ، يېنىچە يىتىپ ناماز ئوقۇغىن» دېگىنىگە ئوخشاشتۇر. [بۇخارى رىۋايىتى 1117-ھەدىس].

    ئىسلام ئالىملىرى شۇنىڭغا بىرلىككە كەلدىكى، ناماز ئوقۇغۇچى نامازنىڭ قىيامدا تۇرۇش، قىرائەت قىلىش، رۇكۇ قىلىش، سەجدە قىلىش، ئەۋرەتنى يېپىش، قىبلىگە يۈزلىنىش قاتارلىق بەزى ۋاجىپ ياكى پەرزلەرنى ئادا قىلىشتىن ئاجىز كەلسە، ئاجىز كەلگەن ئەمەللەر ساقىت بولۇپ كېتىدۇ، ئۇ كىشىگە ئادا قىلىش مۇمكىن بولغانچە ئەمەلنى ئادا قىلىش پەرز بولىدۇ، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ شەرىئەتتە بۇيرۇق-چەكلىمىلەرنى ئادا قىلىشتا شەرىئەتنىڭ مۇمكىن بولۇشىنىلا ئەمەس بەلكى زەرەر يەتسىمۇ قادىر بولۇشنى شەرت قىلغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. بەلكى ئىنسان ئۆزىگە زىيان يېتىشنى بىلىپ تۇرۇغلۇق بىرەر ئىشنى قىلىشقا قادىر بولىدىكەن، ئۇ كىشى شەرىئ ھۆكۈملەردىن نۇرغۇن ئورۇندا ئاجىز كەلگۈچىگە ئوخشاش بولىدۇ. مەسىلەن: سۇ بىلەن تاھارەت ئېلىش، كېسەل تۇرۇپ روزا تۇتۇش، نامازدا قىيامدا تۇرۇش ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى روياپقا چىقىدۇ:  يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ اليُسرَ وَلا يُرِيدُ بِكُمُ العُسرَ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ» دېگىنىدەك. يەنە ئاللاھ تائالانىڭ:  مَا جَعَلَ عَلَيكُم فِي الدِّينِ مِن حَرَجٍ  تەرجىمىسى: «ئاللاھ تائالا سىلەرگە دىندا قېيىنچىلىق قىلمىدى». يەنە ئاللاھ تائالانىڭ:  مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجعَلَ عَلَيكُم مِن حَرَجٍ تەرجىمىسى: «ئاللاھ سىلەرگە قېيىنچىلىق قىلىشنى خالىمايدۇ» دېگىنىدەك.

   ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەر ئاسانلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىڭلار، قېيىنچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىلمىدىڭلار». ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"8-توم 438-43-بەتتىن قىسقارتىپ ئېلىندى].

  ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش