سەيشەنبە 19 زۇل ھەججە 1445 - 25 ئىيۇن 2024
Uygur

تىز ئاچچىقلىنىدىغان نېرۋا كېسىلى بالىنى داۋالاش توغرىسىدا

سۇئال

   مېنىڭ مىجەزى بەك ئىتتىك، نېرۋا كېسلى بالام بار، ئۇنىڭ بۇ كېسىلىنى قانداق داۋالايمەن؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بەك تىز ئاچچىغى كېلىدىغان كىشىنى داۋالاش توغرىسىدىكى مەلۇمات ئىلگىرى 658- نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى، شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

   بۇنى داۋالاشنىڭ جۈملىسىدىن:

   -ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھلىق تېلەش.

   -سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرۇش.

   -ساكىن بولۇش، ئۆرە تۇرغان بولسا ئولتۇرۇۋېلىش، ئولتۇرغان بولسا يېنى يېتىۋېلىش كېرەك.

   -سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغان: «ئاچچىقلانمىغىن سەن ئۈچۈن جەننەت بولىدۇ» دېگەن مۇكاپاتنى ئەسلەپ ئاچچىقلانماسلىق كېرەك.

   -ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىگە بېرىلىدىغان يۈكسەك ئورۇن ۋە ئالى مەرتىۋېلەرنى بىلىشى كېرەك. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئاللاھ تائالا ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىنىڭ ئەۋرىتىنى -ئەيىبىنى- ياپىدۇ، -ئەگەر ئاچچىغى بويۇنچە ئىش قىلسا قىلالايدىغان تۇرۇپ، ئاچچىقىنى يۇتقان كىشىنىڭ دىلىنى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنىدە نۇر بىلەن توشقۇزۇشى ئۈمىت قىلىنىدۇ.» [شەيخ ئەلبانى ھەسەن دەپ "سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى"906-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

   -ئاچچىغى كەلگەندە قانداق قىلىش توغرىسىدىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىنى بىلىش.

   -ئىلگىرىكى ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، ئاچچىقىنى يۇتۇشنىڭ تەقۋادارلىقنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى بىلىش.

   -خاتالىقنى ئەسلەتكەندە ئۇنىڭدىن توختاش ۋە نەسىھەت قىلغۇچىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىش.

   -ئاچچىغى يامانلىقنىڭ يامان ئاقىۋېتىنى بىلىش.

   -ئاچچىغلانغۇچى ئاچچىقلانغاندا ئۆزىنى ئويلاش.

    -كۆڭلىدىكى ئاچچىق-ئۆچمەنلىكىنى كەتكۈزىۋېتىشنى تىلەپ ئاللاھقا دۇئا قىلىش. تۆۋەندىكى گۈزەل ۋەقەلىكنىڭ سوئالدا زىكىر قىلىنغان بالىنىڭ كېسىلىنى داۋالاشقا ياردىمى بولىدۇ:

   مىجەزى ئىتتىك، ئاچچىغى يامان بىر بالا بولۇپ، دائىم ئاچچىقلىنىپ ئۆزىنى يوقۇتۇپ قۇيىدىكەن، ئاتىسى ئۇنىڭغا بىر خالتا مىخ ئىلىپ كېلىپ: ئوغلۇم! سەن ھەر ۋاقىت ئاچچىقلىنىپ، ئۆزۈڭنى تۇتالمىغاندا باغنىڭ ياغاچ تام، رىشاتكىلىرىغا مىخ قاققىن دەپتۇ.

    شۇنداق قىلىپ بالا ئاتىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلاپتۇ. بىرىنچى كۈنى ئاچچىغى كەلگەندە، ئوتتۇز يەتتە دانە مىخ قېقىپتۇ، لېكىن رىشاتكىلارغا مىخنى كىرگۈزۈش ئاسانغا توختىماپتۇ.

    شۇنىڭدىن كېيىن بۇ بالا ئاچچىغى كەلگەندە ئاستا-ئاستا ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان بولۇپتۇ، كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن رېشاتكىغا قاقىدىغان مىخلارنىڭ سانى ئازلاپتۇ، بىر قانچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ بالا ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالىدىغان بولۇپتۇ، ئاچچىقلىنىش ۋە مىخ قېقىشتىن توختاپتۇ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغان ئىشلاردىن خەۋەر بېرىپ ئۆزىنىڭ ئۇتۇق قازانغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ، ئاتىسى بۇ ئۆزگىرىشتىن بەك خۇرسەن بولۇپ ئوغلىغا: سەن بۈگۈندىن باشلاپ ئاچچىقلانمىغان ھەر بىر كۈندە رېشاتكىغا قاققان مىخلارنى چىقارغىن دەپتۇ.

    بالا ھېچ ئاچچىغى كەلمىگەن بىر كۈندە رېشاتكىدىن يېڭىدىن مىخنى چىقىرىشقا باشلاپتۇ، ھەتتا مىخلارنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىپ بولۇپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ يەنە بىر قېتىم ئۇتۇق قازانغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ، ئاتىسى ئوغلىنى ئېلىپ رېشاتكىنىڭ يېنىغا بېرىپ مۇنداق دەپتۇ: ئوغلۇم! سىن ياخشى ئىش قىلدىڭ، لېكىن ھازىر رىشاتكىدىكى تۆشۈكلەرگە قاراپ باققىن، بۇ رېشاتكا ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بولمايدۇ دەپ يەنە مۇنداق دەپتۇ: ئاچچىقىڭ كەلگەندە، دېگەن سۆز ۋە قىلغان ئىش-ھەرىكەتلەر باشقىلارنىڭ كۆڭلىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۆشۈكلەرنى قالدۇرىدۇ، ئىنسانغا پىچاقنى تېقىشقا ۋە ئۇنى سۇغۇرۇپ ئېلىشقا قادىر بولالايسەن، لېكىن ئۇ ئورۇندا جاراھەت ئىزى قالغانلىقى ئۈچۈن ھەر قانچە ئەپسۇسلانغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.

   ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى