بالىنىڭ قورقۇنچ بىلەن مۇئامىلە قىلىشى توغرىسىدا

سوئال 21390

مېنىڭ كىچىك بىر بالام بولۇپ، ئۇ ھەممە نەرسىدىن ھەتتا ئۆزىنىڭ سايىسىدىنمۇ قورقىدۇ، مېنىڭ تەربىيىلەش يولۇم خاتا بولۇپ قالدىمۇ؟ بۇنى بىلمەيمەن، ئۇنىڭغا شىجائەت، باتۇرلۇقنى قانداق ئۆگىتىمەن؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بالىلار پىسخولوگلىرىنىڭ قارىشىچە، بىر ياشلىق بالا تۇيۇقسىز ئاۋاز چىققاندا، كۈتۈلمىگەندە بىر نەرسە چۈشۈپ كەتكەندە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار يۈز بەرگەندە ئۇنىڭدا قورقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بالىلار ئالتە ئايلىق بولغاندا يات كىشىلەردىن قورقۇشقا باشلايدۇ، ئۈچ ياشقا كىرگەندە ھايۋانلار، ماشىنا، تاغ چوققىسى، سۇ قاتارلىق نۇرغۇن نەرسىلەردىن قورقىدۇ.

ئادەتتە، قىزلار ئوغۇللارغا قارىغاندا قورقۇشقا مايىل بولىدۇ، بۇ قورقۇشنىڭ كۈچلۈكلۈكى بالىنىڭ جانلىق تەسەۋۋۇرىغا ئاساسەن ئوخشىمايدۇ. يەنى بالىنىڭ تەسەۋۋۇرى قانچە جانلىق بولسا، قورقۇش شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.

بالىلاردا قورقۇشنىڭ كۈچىيىشىگە بىر قانچە ئامىل تەسىر كۆرسىتىدۇ:

-  ئانا بالىنى ئەرۋاھ، ھايۋان، ئەسكەر، قاراڭغۇلۇق، دېۋە، جىن ياكى غەلىتە مەخلۇقلارنىڭ ھېكايىلىرى بىلەن قورقۇتىدۇ.

-ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىشى، ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرىشى ۋە سەزگۈرلۈكىنىڭ ئېشىشى.

- بالىنى سىرتقا چىقارماي، ئۆينىڭ تاملىرى ئىچىدە باشقا بالىلارغا قاتماي، يالغۇز، ئىچكى دۇنياسىغا قاتلىنىدىغان ھالەتتە چوڭ قىلىش.

- جىن، دېۋە ۋە باشقا مەخلۇقلار ھەققىدە خىياللىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىش.

بالا رىئاللىقتا ئاتا-ئانىسىنىڭ قورقۇنچلىرىنى كۆزىتىش ئارقىلىق بۇنىڭغا كۈچلۈك تەييارلىق قىلىشى مۇمكىن، بۇ خىل ئۇسۇلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن قورقۇنچلار ئۇزۇن داۋاملىشىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى ئۈلگە بولىشى، بالىلارنى قورقماس قىلىپ تەربىيىلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.  بۇ يەردە تەلەپ قىلىنىدىغان ئۈلگە، ئورۇنلارنىڭ پەرقلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق ئەھۋاللاردا باتۇر ئۈلگە بولۇش كېرەك، زىيان يەتكۈزمەيدىغان ھايۋانلاردىن قورقماسلىق، ئەمەل-مەرتىۋىسى ھەرقانچە يۇقىرى بولغان شەخسلەردىنمۇ قورقماسلىق، ئەلۋەتتە، سەۋەبسىز ھېچ نەرسىدىن قورقماسلىقتۇر.

بالىلاردىكى قورقۇنچنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار بىر قانچە ئىشلارغا رىئايە قىلىشى كېرەك:

- ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئاللاھقا ئىشىنىش، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ۋە ھەر قانداق قىيىنچىلىق ۋە قورقۇنچلۇق پەيتلەردە ئۇنىڭغا يۈزلىنىشكە تەربىيىلەش.

- ئۇلارغا ھەرىكەت ئەركىنلىكى، مەسئۇلىيەت ۋە ئۆسۈپ-يېتىلىش باسقۇچىغا ماس كېلىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش پۇرسىتى بېرىش.

- بولۇپمۇ يىغلىغاندا، ھايۋانلار، زومبىلار، ئوغرىلار، جىنلار ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا مەخلۇقلارنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى قورقۇتۇشتىن ساقلىنىش.  بۇ بالىنى ياخشى تەربىيىلەشنىڭ ئومۇمىي پرىنسىپىغا ماس كېلىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن كۆرە ئاللاھقا تېخىمۇ ياخشى ۋە تېخىمۇ سۆيۈملۈكتۇر». [مۇسلىم رىۋايىتى 2664 -ھەدىس].

- ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت يېتىلگەندىن باشلاپ باشقىلار بىلەن ئەمەلىي ئالاقە قىلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىش، ھەمدە ئۇنىڭغا ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش ۋە تونۇشۇش پۇرسىتى بېرىش، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا ئۆزى ئۇچراشقان ۋە تونۇشقان ھەر بىر ئادەمنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇش.

پىسخولوگلار ۋە مائارىپچىلار بالىغا ئۆزىنى قورقۇتىدىغان نەرسىلەرنى تەكشۈرۈش پۇرسىتى بېرىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.  ئەگەر ئۇ قاراڭغۇدىن قورقسا، چىراغنى ئويناپ ئۆچۈرۈپ قايتا ياندۇرۇش تولىمۇ مۇۋاپىق.  ئەگەر ئۇ سۇدىن قورقسا، ئۇنىڭغا كىچىك قاچىدا ئازراق سۇ بىلەن ئوينىشىغا يول قويۇش تولىمۇ مۇۋاپىق ... قاتارلىقلار.

- ئۇنىڭغا دەسلەپكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەھرىمانلىق پوزىتسىيەسىنى ئۆگىتىش ۋە ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنىڭ پەزىلەتلىرىگە تەقلىد قىلىشقا تەربىيىلەش، شۇنداق قىلغاندا، ئۇ باتۇرلۇق ۋە قەھرىمانلىقنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

لېكىن، ئەگەر بالىنىڭ قورقۇنچ ئەنسىرەشتىن كېلىپ چىققان بولسا، ئۇنىڭ سەۋەبى بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئامىللارنىڭ بىرىكىشى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئامىللارنى ھېكمەت بىلەن ھەل قىلغان.  بۇ توغرىدا ھەدىسلەر بايان قىلىنغان، بۇ ئامىللاردىن:

- بالىغا بالىنىڭ ئىقتىدارىدىن ھالقىغان ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇش، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:  «كىمكى كىچىكلىرىمىزگە رەھىم قىلمىسا ۋە چوڭلىرىمىزنىڭ ھەققىگە ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇ بىزدىن ئەمەس». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4943-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى 1821-ھەدىس. ئەلبانى سەھىھىل جامىدا 5444 -نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].

- بالىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىشىچە، ئۇ مۇنداق دېگەن:  «مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن) سەئىدتىن باشقا ھېچكىمگە 'ئاتام-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن' دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان.  مەن ئۇنىڭ سەئىدكە: » ئاتام-ئانام ساڭا پىدا بولسۇن!« دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ ئۇھۇد كۈنى ئىدى».[بۇخارى رىۋايىتى 6184-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2411-ھەدىس].

بۇ ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىنى ئۆزلىرى قولغا كەلتۈرگەن ھەر قانداق ئىقتىدار سەۋىيەسىدە يېتەكلەشكە ۋە ئۇلارنى تېخىمۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىشكە ئىلھاملاندۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.

- جىسمانىي جازا ۋە قاتتىق مۇئامىلىنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى مۇلايىملىق-يۇمشاقلىقتىن مەھرۇم بولسا، ئۇ بارلىق ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ» [مۇسلىم رىۋايىتى 2292 -ھەدىس].

- ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرىغا ئاچچىقىنى چىقىرىشقا ئۈندەيدىغان قىيىن تۇرمۇش شارائىتى. مەسىلەن، ئەر-ئايال ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار، ئانىنىڭ ھەممە ئىشقا ئارىلىشىۋېلىشى ياكى  خىزمىتىگە بولغان نارازىلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كۈچلۈك ئادەم باشقىلارنى يەڭگەن ئادەم ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك ئادەم غەزەپلەنگەندە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئادەمدۇر». [بۇخارى رىۋايىتى6116 -ھەدىس].

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭ بالىنىڭ ھەرگىز قورقماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىمىز. بەزى ئەھۋاللاردا قورقۇش زۆرۈر، چۈنكى ئۇ بالىنىڭ بەخت-سائادىتىنى قوغدايدۇ. بالا ئاللاھدىن قورقۇشى، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش، جىنايەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلاردىن قورقۇشى كېرەك. بۇ قورقۇش تەبىئىي ۋە ساغلام بولۇشى، ھەددىدىن زىيادە ياكى يېنىك بولماسلىقى كېرەك.

مەرجەلەر

پەرزەنتلەر تەربىيسى

مەنبە

ھانان ئاتىيە ئەل-تۇرى ئەل-جۇھانىنىڭ «مۇسۇلمان قىزنى تەربىيىلەش» ناملىق كىتابىنىڭ 159-بېتىدىن ئېلىندى.

Previous
كېيىنكى
at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android