بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
دائىمىي كومىتېت ئۆلىمالىرىدىن: ئايال ياكى سېسترا ئەۋرەتكە ئۈسكىنە ياكى دورا كىرگۈزسە، بۇنىڭ بىلەن يۇيۇنۇش ۋاجىپ بولامدۇ؟ روزا بۇزۇلامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: يۇقىرىدا سورالغان ئىش يۈز بەرسە، جۇنابەت غۇسلىسىنى قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ ۋە روزىسىمۇ بۇزۇلمايدۇ"