بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنىدە روزا تۇتاتتى ۋە باشقىلارنىمۇ ئاشۇرا كۈنى روزا تۇتۇشقا بۇيرۇيتتى(مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى)، بەزىلەر: يا رەسۇلۇللاھ! بۇ يەھۇدىي -ناسارالارنىڭ چوڭ بىلىدىغان كۈنى، دېۋىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئۆمۈر كۆرسەم مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن. كېلەر يىلىدىن ئىلگىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ كەتتى.
ئىمام شاپىئىي ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى، ئىمام ئەھمەد، ئىسھاق ۋە باشقىلار: مۇھەررەمنىڭ 9- 10- كۈنلىرى روزا تۇتۇش ياخشى، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ 10- كۈنى روزا تۇتقان، 9- كۈنى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىپ دۇنيادىن كەتكەن دەيدۇ.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەڭ ئاز بولغاندا مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى روزا تۇتۇش، مۇمكىن بولسا بىر كۈن بۇرۇن ۋە بىر كۈن كېيىن تۇتۇش، بولۇپمۇ مۇھەررەم ئېيىدا روزىنى قانچە كۆپ تۇتسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
مۇھەررەمنىڭ 9-كۈنى بىلەن 10- كۈنىدە بىللە روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمىتى نېمە؟ دەپ سورىسىڭىز، بۇنىڭ جاۋابى: ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ: شاپىئي مەزھىبىدىكى ۋە باشقا مەزھەبتىكى ئالىملار مۇھەررەمنىڭ 9-كۈنى روزا تۇتۇشنىڭ ھېكمەتلىرىدىن بىرقانچىنى سۆزلەيدۇ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
1- يەھۇدىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە يەھۇدىيلار پەقەت مۇھەررەمنىڭ 10- كۈنىلا روزا تۇتاتتى.
2- جۈمە كۈنىلا روزا تۇتۇشتىن چەكلەنگەنگە ئوخشاش يالغۇز 10- كۈنىلا روزا تۇتماستىن بىر كۈن قوشۇپ تۇتۇش.
3- ئاينىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولىشى سەۋەبىدىن ئېھتىيات قىلىپ 9-مۇھەررەم كۈنىمۇ روزا تۇتۇش.
بۇ سۆزلەرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغىنى يەھۇدىيلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتۇر. شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆپلىگەن ھەدىسلىرىدە ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلىگەن. مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنىلا روزا تۇتۇشتىمۇ ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئۆمۈر كۆرسەم مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن دېگەن.
ئىبنى ھەجەرئەگەر مەن كېلەر يىلغىچە ئۆمۈر كۆرسەم مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا تۇتىمەن دېگەن بۇ ھەدىسكە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەررەمنىڭ 9- كۈنىدىمۇ روزا تۇتۇشنى مەقسەت قىلىشى پەقەت 10- كۈنى بىلەن بىرگە تۇتىمەن دېگەننى مەقسەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئاينىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكىدىن ئېھتىيات قىلىش ياكى يەھۇدىي -ناسارالارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتۇر. مۇسلىمنىڭ بەزەن رىۋايەتلىرى بۇ ئاساسنى كۇچلاندۇرىدۇ.