جۈمە 12 سەپەر 1446 - 16 ئاۋغۇست 2024
Uygur

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۇ بىلەن قانداق شەكىلدە ئىستىنجا قىلغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىنى بىلىشنى، بولۇپمۇ كېچىك تەرەتتىن كېيىن قانداق قىلغانلىقىنى بىلىشنى خالايمەن. بۇ توغرىدا ھەدىس بايان قىلىنغانمۇ؟، سۈنى تۆكۈمدۇ ياكى قولى بىلەن سىلاپ يۇيامدۇ؟، قايسىسى توغرا؟. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىستىنجا قىلغاندا قانچىلىك مىقداردا سۇ ئىشلەتكەن؟. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولىنى قانداق شەكىلدە پاكىزلىغان؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   بىرىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەر قانداق نەرسىدە ئىسراپچىلىقنى چەكلەيتتى، تاھارەت ئالغاندا سۇ ئىشلەتسە نورمال مىقداردا سۇ ئىشلىتەتتى. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىستە بايان قىلغاندەك ئازغىنە بىر ئۇۋۇچ سۇ بىلەن تاھارەت ئالاتتى. [مۇسلىم رىۋايىتى 325-ھەدىس].

   شۇنىڭدەك پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىستىنجا قىلغان ۋاقىتتىمۇ سۇنى ئىسراپ قىلمايتتى ۋە ئېھتىياجىدىن ئارتۇق ئىشلەتمەيتتى، نىجاسەت ئورنىنى پاكىزلايدىغان مىقداردا ئىشلىتەتتى. 

   ئىككىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يوللىرىدىن: ئىستىنجا قىلماقچى ياكى نىجاسەتنى تازىلىماقچى بولسا بۇنىڭغا بىۋاستە سول قولىنى ئىشلىتەتتى، بۇ توغرىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئوڭ قولىنى يېمەك-ئىچمەك، خۇشبۇي نەرسىلەرگە، سول قولىنى بولسا ئىستىنجا، ھاجەتخانىدا ۋە باشقا تازىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتەتتى». [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 33-ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈرگەن.

    ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، مەيمۇنە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يۇيىنىدىغانغا سۇ تەييار قىلدىم. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قولىغا سۈنى قۇيۇپ ئىككى قولىنى ئىككى قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن ئوڭ قولى بىلەن سول قولىغا سۇ قۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئەۋرىتىنى يۇدى، ئاندىن قولىنى زېمىنغا سۈركىدى». يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاندىن قولىنى زېمىنغا ياكى تامغا سۈركىدى» دەپ كەلگەن. بۇخارى رىۋايىتى265-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى317-ھەدىس].

   ئەگەر ئوڭ قولى بىلەن قاچىدىن سۇ تۆكۈش ئىمكانىيىتى بولسا سول قولىنى يۇيۇپ شۇنداق قىلىدۇ.

   ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجىتى ئۈچۈن چىققاندا مەن ۋە مەن بىلەن تەڭ ياشتىكى يەنە بىر بالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىستىنجا قىلىشى ئۈچۈن بىر تېرە قاچىدا سۇ ئىلىپ چىقاتتۇق.» [بۇخارى رىۋايىتى150-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى271-ھەدىس. ئىبنى ھەجەرنىڭ "پەتھۇل بارى" 1-توم 76-بەت].

   ئىبنى رەجەپ رەھمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر سۇ تېرە قاچا ياكى چۆگۈنگە ئوخشاش نەرسىلەردە بولسا، ئۇنىڭدىن قويۇپلا ئەۋرىتىنى يۇيىدۇ". [ئىبنى رەجەبنىڭ "پەتھۇل بارى"ناملىق ئەسىرى 1-توم 276-بەت].

   ئۈچىنچى: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىدىن چىققاندا قولىنى زېمىنغا سۈركىۋېتەتتى، بۇ توغرىدا ئىلگىرى مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسى بايان قىلىندى. «ئۇنىڭ بىلەن ئەۋرىتىنى يۇدى، ئاندىن قولىنى زېمىنغا سۈركىدى».

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تاھارەت ئالدى، ئىستىنجا قىلغان ۋاقىتتا قولىنى زېمىنغا سۈركىدى.» [نەسائى رىۋايىتى 50-ھەدىس. ئەلبانى ھەسەن دەپ نەسائىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

   بۇ ئېنىق ھەرىكەتتۇر، بۇنىڭ مەنىسى: ئىستىنجا قىلىش جەريانىدا قولىدا قالغان نىجاسەتنىڭ ئەسىرى ياكى پۇرىقى بولسا شۇنى يوق قىلىش ئۈچۈندۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ: "قولىنىڭ پاكىزە بولىشى ئۈچۈن قولىنى زېمىنغا سۈركەش" دەپ  بىر باپ كەلتۈرگەن.

   "ئەۋنىل مەبۇد" 1-توم 44-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "قولىنى يۇيۇپ ئىستىنجا قىلىپ بولغاندىن كېيىن قالغان پۇراقلارنى يوق قىلىش ئۈچۈندۇر".

    قولىنى زېمىنغا سۈركىگەنگە ئوخشاش سوپۇنغا ئوخشاش پۇراقنى يوقىتىدىغان نەرسىلەرنى ئىشلەتسىمۇ ياخشى بولىدۇ.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۇ بىلەن ئىستىنجا قىلغۇچى ئۈچۈن ئىستىنجا قىلىپ بولغاندىن كېيىن قولىنى توپا بىلەن ياكى پۇراق يوقىتىدىغان نەرسىلەر بىلەن يۇيۇۋېتىش ياكى زېمىنغا سۈركىۋېتىشى ياكى ئۇنىڭدىكى قالدۇق نەرسىلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن تامغا سۈركىۋېتىشى مۇستەھەپ بولىدۇ". ["مۇسلىمنىڭ شەرھىسى" 3-توم 231-بەت].

   «ئاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازغا ئالىدىغان تاھارەتنى ئالدى، قولىنى سۇ قاچىسىغا كىرگۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم يۇدى».

   ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يۇيىنىدىغانغا سۇ تەييار قىلدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قولىغا سۈنى قۇيۇپ ئىككى قولىنى ئىككى قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن قولىنى سۇ قاچىسىغا كىرگۈزۈپ سول قولىغا سۇ قۇيۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئەۋرىتىنى يۇدى، ئاندىن قولىنى زېمىنغا قاتتىق سۈركىدى»، يەنە بىر رىۋايەتتە:«ئاندىن قولىنى زېمىنغا ياكى تامغا سۈركىدى، «ئاندىن نامازغا ئالىدىغان تاھارەتنى ئالدى، ئاندىن بېشىغا ئۈچ ئۇۋۇچ سۇ قۇيدى، ئاندىن بەدىنىنىڭ قالغان يېرىنى يۇدى، ئاندىن يۇيۇنغان ئورۇندىن يۆتكىلىپ ئىككى پۇتىنى يۇدى». [بۇخارى رىۋايىتى265-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى317-ھەدىس].

   مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە: «ئىككى قولىغا سۈنى قۇيۇپ ئىككى قولىنى ئىككى قېتىم ياكى ئۈچ قېتىم يۇدى، ئاندىن قولىنى سۇ قاچىسىغا كىرگۈزدى» دەپ كەلگەن. بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن  2532 -، 127362- ۋە 130400- نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا قارالسۇن.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى