پەيشەنبە 9 شەۋۋال 1445 - 18 ئاپرىل 2024
Uygur

مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىشنى ياخشى دەپ قارىغانلار، بۇنى شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىبادەت دەپ قارايدۇ

سۇئال

مېنىڭ بىلىشىمچە، بىدئەت دېگەن ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن دىندا يېڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشتىن ئىبارەتتۇر. مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش ئىبادەت بىلەن ھېچ ئالاقىسى بولمىغان ئادەتتىكى بىر پائالىيەت تۇرسا نېمە ئۈچۈن ئۇنى بىدئەت دەپ قارايمىز؟ بەزىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە پەقەت ئىككى بايرامنى يولغا قويدى، ئۇنىڭدىن باشقا بايرام پائالىيەتلىرى يوق دەپ قارايدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش دىنى بايراملاردىن خالى بولغان ئادەتتىكى بىر پائالىيەت بولۇپ، خرىستىئانلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمىنى تەبرىكلىگىنىگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ قانداقمۇ بىدئەت بولىدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش ئىبادەتلەرگە ئالاقىسى بولمىغان ئادەتتىكى بىر پائالىيەت بولماستىن، بەلكى بۇ پائالىيەتنى ئىلىپ بېرىۋاتقانلار ئۈچۈن بۇ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىدىغان دىنى بايرام ھېسابلىنىدۇ. بىز بۇنى بىرقانچە يول بىلەن بايان قىلىمىز:

بىرىنچى: مەۋلۇت پائالىيىتىنى ئىلىپ بېرىۋاتقانلار ۋە پائالىيەتكە قاتناشقانلار، بۇ پائالىيەتكە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھەببىتى چۈشىدۇ دەپ قىلىدۇ. ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ياخشى كۆرۈش ئىماننىڭ ئەڭ مۇھىم تۇتقىلىرىدىن بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى قىلغۇچىلار ئىبادەت ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنىڭ يوللىرىدىن بىرى دېگەن ئېتىقات بىلەن قىلىدۇ.

شۇنىڭغا ئاساسەن دىيىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى ھەممىدىن بەك ياخشى كۆرەتتى ۋە بەك ھۆرمەتلەيتتى، كېيىنكىلەرگە قارىغاندا ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە ھەق-ھوقۇقىنى بەك ياخىشى بىلەتتى، ئۇلارغا دىن بولمىغان نەرسە كېيىنكىلەرگە قانداقمۇ دىن بولىدۇ. بۇنىڭ ئاساسى: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسچىتتە تاش ساناپ سورۇن تۈزۈپ زىكىر ئېيتىۋاتقان كىشىلەرگە دەلىل كەلتۈرۈپ: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەمكى، سىلەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىنمۇ ياخشى بولغان باشقا بىر دىنىدىمۇ ياكى ئازغۇنلۇقنىڭ ئىشىكىنى ئىچىۋاتامسىلەر!!. دېدى. ئۇلار: ئى ئەبۇ ئابدۇرەھمان! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى،بىز ياخشىلىقتىن باشقىنى مەقسەت قىلمىدۇق، دېدى. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: نۇرغۇن كىشىلەر ئىبادەتتە ياخشىلىقنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ توغرا (يەنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ئەمەل ساغلام بولمايدۇ) قىلالمايدۇ، دېدى. [بۇ ئەسەرنى ئىمام دارىمى سۈنەن ناملىق كىتابىدا بايان قىلغان].

ئىككىنچى: ھەر يىلى تەكرار ئىلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھېيت-بايرام بولۇپ، بۇ دىنى شۇئارلاردىن ئىبارەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھلى كىتابلار ئۆزلىرىنىڭ دىنى بايراملىرىنى مۇقەددەس بىلىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن پائالىيەت ئىلىپ بارىدۇ.

شەيخ ناسىر ئەقل (ئاللاھ ئۇ كىشنى سالامەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: "ھېيت-بايرام پەقەت بىر ئۆرپ-ئادەت بولماستىن بەلكى ناماز، روزا، قىبلە دېگەنگە ئوخشاش دىنى ئىبادەتلەرنىڭ جۈملىسىدىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىشلاردا كاپىرلارغا ئەگىشىش ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋىلىشنىڭ خەتىرى بەك ياماندۇر. شۇنىڭدەك ئاللاھ تائالا يولغا قويمىغان ھېيت-بايراملارنى يولغا قويۇش بولسا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنمىغان پرىنسىپ بىلەن ھۆكۈم قىلىش، ئاللاھ تائالاغا يالغاننى توقۇش، ئىلىمسىز سۆزلەش ۋە دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر." تۈگىدى. [توغرا يولغا ئەگىشىش ناملىق ئەسەر 58-بەت].

ئۈچىنچى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: "پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ھېيت-بايرام قىلىدىغان ئىككى كۈنى بولغان ئىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ ئىككى كۈن قانداق كۈن؟ دېدى. ئۇلار: بىز جاھىلىيەت دەۋرىدە بايرام قىلىدىغان ئىككى كۈن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرگە بۇ ئىككى كۈندىن ياخشىراق بولغان ئىككى كۈننى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ: روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنىدۇر دېدى. [بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي ئەبۇ داۋۇتنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا سەھىھ دەپ بايان قىلغان]..

ئەگەر مەۋلۇت پائالىيىتى ئىلىپ بېرىش دىنى ئىبادەتلەر بىلەن ئالاقىسى بولمىغان، كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىش بولمىغان ئادەتتىكى بىر پائالىيەت بولغان بولسا ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامئۇلارنى ئۇ ئىككى كۈندە ئويناپ، كۆڭۈل ئېچىشقا رۇخسەت قىلاتتى. چۈنكى بۇ شەكىلدىكى ئويۇن، كۆڭۈل ئېچىش دىندا گۇناھ بولمىغان دۇرۇس ئىشلاردىن ئەمەس ئېدى.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنى دىنى ئىبادەت ۋە ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشقا خاس بولمىغان بايرام كۈنىدە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئىلىپ بېرىشتىن چەكلىگەن تۇرسا، بۇ پائالىيەتنى ئىبادەت ۋە ئاللاھقا يېقىنلىشىش نىيىتى بىلەن، ئىبادەتكە ئالاقىدار قىلىپ ئىلىپ بېرىش ئەلۋەتتە چەكلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىمكى دىنىمىزدا يوق بىر ئىشنى قىلىدىكەن، ئۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ.[بۇخارى رىۋايىتى 2697-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1718-ھەدىس].

سوئالنىڭ جاۋابىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن 10843- ۋە 128530-نومۇرلۇق سوئاللارنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچى ئاللاھ تائالادۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

ئۇنىڭغا ئالاقىدار تىمىلار