پەيشەنبە 20 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 21 نويابىر 2024
Uygur

دەۋەتكە ئىجابەت قىلىشنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭدىكى شەرتلەر توغرىسىدا

سۇئال

   بەزى ۋاقىتتا تۈرلۈك شەكىلدىكى چوڭكېچىك زىياپەتلەرگە دەۋەت قىلىنىمىز، كىشىلەر توپلانغان بۇ سورۇنلاردا كۆپ ھاللاردا غەيۋەتشىكايەت، بىربىرىنى مەسخىرە قىلىش، ئۆزئارا پەخىرلىنىش، كىيىمكېچەكلىرىنى كۆزكۆز قىلىش، ماڭا ئوخشاش ئاددى كىيىم كىيگەنلەرنى زاڭلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلار ھەتتا سۇخەنچىلىكگەپ توشۇش ئىشلىرىمۇ بولىدۇ، بۇ يەرگە كەلگەنلەرنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئائىلىسىدە خىزمەتچىلەر بار، مەن بولسا ئۆي ئىشلىرىمنى ئۆزۈم قىلىمەن، ئارتۇق ۋاقتىم يوق.  ئائىلەم ۋە يولدىشىم ماڭا ئېھتىياجلىق، ئائىلەمدە ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇت ۋاقىتنىڭ زور تەسىرى بار، ئۆيدە ئۆتكۈزگەن ۋاقتىمغا يەنە بوش ۋاقىت تاپسام قۇرئان تىلاۋىتى قىلىمەن، پايدىلىق كىتابلارنى ئوقۇيمەن، بۇنداق پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولىدىغان مۇناسىۋەت سورۇنلىرىغا بېرىشنى خالىمايمەن، ماڭا پايدىلىق بولغان مۇناسىپ بىر ئىشنى كۆرسىتىپ قويغان بولساڭلار؟ بۇنداق سورۇنلارغا بارماسلىق ئۈچۈن ماڭا ھەقلىق بولغان ئۈزۈر بولارمۇ؟ ئەگەر كەلمىسەم دەۋەت قىلغۇچى ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، ئەگەر كەلسەم مېنى كۆرۈپ خۇرسەن بولىدىغان بولسا، بۇنداق سىقىلىدىغان سورۇنغا بېرىشىم ۋاجىپ بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدە؛ سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، ۋاپات بولسا جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىلسا ئىجابەت قىلىش، چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېگەن كىشىگە يەرھەم كەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىشتىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك ھەققى باردۇر». [بۇخارى رىۋايىتى 1164-ھەدىس. مۇسلىم  رىۋايىتى 4022-ھەدىس].

    ئالىملار مۇسۇلمانغا ئىجابەت قىلىش كېرەك بولغان چاقىرىقنى ئىككى قىسىمغا ئايرىدى:  بىرنچى:  توي چاقىرىقى، كۆپچىلىك ئالىملار شەرئى ئۈزۈر بولمىغان ئەھۋالدا بۇ چاقىرىققا ئىجابەت قىلىشنى ۋاجىپ دەپ قارىدى. ئاللاھ خالىسا شەرئى ئۈزۈرلەر بايان قىلىنىدۇ.

   توي چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى: ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەن: «يېمەكلىكنىڭ ئەڭ ناچىرى كەلگەنلەر كىرگۈزۈلمەيدىغان ۋە كەلمەيدىغانلار چاقىرىلغان توي زىياپىتىدۇر.توي زىياپىتىگە ئىجابەت قىلمىغان كىشى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسى بولغۇچىدۇر».  [بۇخارى رىۋايىتى4779-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2585-ھەدىس].

   ئىككىنچى:  توي زىياپىتىدىن باشقا تۈرلۈك مۇناسىۋەت ۋە  دەۋەتلەرگە كۆپچىلىك ئالىملار بۇنىڭغا ئىجابەت قىلىشنى ياخشى دەپ قارايدۇ. لېكىن بەزى شاپىئى ۋە زاھىرى مەزھەپ ئالىملىرى بۇنىمۇ ۋاجىپ دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا ئىجابەت قىلىشنى تەكىتلەنگەن مۇستەھەپ دېگەن بولسا ئەلۋەتتە يېقىن قاراشتا بولاتتى. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

   لېكىن ئالىملار چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ئۈچۈن بىر قانچە شەرتلەرنى بېكىتتى، بۇ شەرتلەر ئەمەلىيلەشمىگەندە، چاقىرغان يەرگە بېرىش ۋاجىپمۇ بولمايدۇ ۋە مۇستەھەپمۇ بولمايدۇ، بەلكى ھارام بولىدۇ، بۇ شەرتلەرنى شەيخ مۇھەممەد ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ خۇلاسىلاپ مۇنداق دېدى:

  1-چاقىرىلغان ئورۇندا مۇنكەر ئىشلار بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر مۇنكەر ئىشلار بولۇپ، ئۇ كىشى بېرىپ ئۇنى يوق قىلىشقا قادىر بولالىسا ئۇ كىشىنىڭ مۇنۇ ئىككى سەۋەپ ئۈچۈن ئۇ سورۇنغا ھازىر بولىشى ۋاجىپ بولىدۇ:  دەۋەتكە ئىجابەت قىلىش ۋە مۇنكەرنى ئۆزگەرتىش، ئەگەر مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن بولمىسا ئۇ كىشىنىڭ ئۇ سورۇنغا ھازىر بولىشى ھارام بولىدۇ.

2 -تويغا چاقىرغۇچى ئارىلاشماسلىق ۋاجىپ ياكى سۈننەت بولىدىغان كىشىلەردىن بولماسلىقى كېرەك. (يەنى پىسقىپۇجۇر، گۇناھمەسىيەتلەرنى ئاشكارا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئارىلاشماي تاشلاپ قويسا تەۋبە قىلىۋېلىشى مەنپەئەتلىك بولىدىغان كىشى).

  3-زىياپەتكە چاقىرغۇچى مۇسۇلمان بولىشى كېرەك، ئەگەر مۇسۇلمان بولمىسا ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئىجابەت قىلىش ۋاجىپ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەققى»

  4توي زىياپىتى يېيىش دۇرۇس بولىدىغان يېمەكلىك بولىشى كېرەك.

  5-چاقىرىقنى ئىجابەت قىلىش بىر ۋاجىپنى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرىراق بولغان ۋاجىپنى چۈشۈرۈۋېتىشنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدىغان بولىشى كېرەك، ئەگەر ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ھارام بولىدۇ.

   6-چاقىرىققا ئىجابەت قىلغۇچىغا بىرەر تەرەپتىن زىيان يېتىپ قالماسلىقى كېرەك، سەپەرگە كېچىكىدىكەن ياكى ئائىلىسىدىكىلەر ئۇ كىشىنىڭ ئائىلىدە بولىشىغا بەك ئېھتىياجلىق بولۇش دېگەندەك تۈرلۈك زىيانلار يەتمەسلىكى كېرەك.  ["قەۋلۇل مۇپىيد"  3 توم 111 بەت].

   بەزى ئالىملار بۇ شەرتنى زىيادە قىلدى:  مېھمان چاقىرغۇچى چاقىرىلغان كىشىگە ئومۇمى چاقىرىق قىلماي، ئايرىم چاقىرىق ئەۋەتىشى كېرەك، مەسىلەن: بىر سورۇندا ئولتۇرغانلارنى ئوغلىنىڭ تويىغا چاقىرغان بولسا، چاقىرىلغۇچىمۇ شۇ سورۇندا بولغان بولسا، بۇ چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش لازىم كەلمەيدۇ.

   بۇنىڭ بىلەن شۇ ئېنىق بولىدۇكى، سىزنىڭ ئۇنداق سورۇنلارغا بېرىشىڭىز كېرەك بولمايدۇ، بەلكى سىزنىڭ ئۇ سورۇنلارغا بېرىشىڭىز ھارام بولىدۇ، چۈنكى سىز ئۇ يەرگە بارسىڭىز مۇنكەرنى ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمايسىز، ياكى سىزنىڭ ئۇ يەرگە بېرىشىڭىز بىلەن سىزگە ۋاجىپ بولغان يولدىشىڭىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭىزنىڭ ھەققى زايە بولۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت سىز ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن ۋە زەرەر يەتكۈزۈشىدىن ئەمىن بولالمايسىز، بۇنداق ئۈزۈر سىزنىڭ ئۇنداق سورۇنغا بېرىشىڭىزنىڭ ۋاجىپلىقىنى چۈشۈرۋېتىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭدىن ناچار سورۇنلارغا قانداق بارىسىز؟!!.

   ئايال كىشى شۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەككى، چاقىرىلغان ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەت سورۇنلىرىغا بېرىش ئۈچۈن يولدىشىدىن رۇخسەت سورىشى كېرەك، سىز بىربىرىگە دۇنيائاخىرەتلىك مەنپەئەت يۇقىدىغان سالىھە سەپداشلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپقوپۇشقا ھېرىس بولۇڭ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنى ئاللاھنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنمايدىغان ناچار سورۇنلاردىن يىراق بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر جامائەت بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلماي ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتسالام يوللىماي تۇرۇپ كېتىدىكەن، ئۇلارغا ھەسرەتنادامەت  بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى خالىسا ئازابلايدۇ، خالىسا مەغپىرەت قىلىدۇ». [تىرمىزى رىۋايىتى 3302-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى ھەسەن سەھىھ بولۇپ، شەيخ ئەلبانى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دەپ تىرمىزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 3 توم 140 بەتتە كەلتۈرگەن. ]

   ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق بىر جامائەت بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ئۇ جايدا ئاللاھ تائالانى زىكىر قىلماي تۇرۇپ كېتىدىكەن، ئۇلار ئىشەك تاپىنىڭ يېنىدىن تۇرغاندەك بولىدۇ، ئۇلارغا ھەسرەتنادامەت بولىدۇ». [ ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4214 -ھەدىس. ئىمام نەۋەۋىي سەھىھ دەپ "رىيازۇسسالىھىن" ناملىق ئەسەر 321-ھەدىستە كەلتۈرگەن، بۇ قاراشقا ئەلبانى رەھىمەھۇللاھمۇ ئەگەشكەن.

   ئۇلارغا بۇ نەسىھەتنى ئاغزاكى ياكى يازما شەكىلدە ئەۋەتىپ قويۇڭ، ئەگەر بۇنىڭدىن زىيادە قىلىپ ئۇلارنى ئۆيىڭىزگە چاقىرىپ، بۇ سورۇننى غەنىمەت بىلىپ بەزى دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى ئاللاھنى ياد قىلىدىغان زىكىر سورۇنىغا ئۆزگەرتسىڭىز ئاللاھ تائالا سىزنىڭ مۇشۇنداق بىر سورۇننى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھەقىقى مەنپەئەتلىنىپ ياخشى ئىشنى يولغا قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپلەپ ئەجىرمۇكاپات ئاتا قىلاتتى.  ئاللاھ تائالا بۇنىڭغا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد