شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئىنسان ھايات ۋاقتىدا ئىقتىسادىنىڭ مەلۇم قىسمىنى بەزى پەرزەنتلىرىگە خاس قىلىپ ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا

سۇئال

ئانام يېقىندا ۋاپات بولدى-ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان جايىنى جەننەت قىلسۇن- ئانام بىر قانچە پارچە زېمىن قالدۇرۇپ كەتتى، بانكا ھېسابىدىمۇ مەلۇم مىقداردا پۇل بار، مىراس ئالىدىغانلار بەش ئوغۇل ۋە بىر قىز، ئانامنىڭ يەتتە پارچە زېمىنى بار، لېكىن ھايات ۋاقتىدا ۋارىسلاردىن ئىككى ئوغۇل ۋە بىر قىزغا ھەر بىرىگە بىر پارچىدىن زېمىن بەرگەن، ئۇلارنىڭ بەزىسى ئانام ھايات ۋاقتىدا بەرگەن زېمىننى ساتقان، شۇ سەۋەپ بىلەن ئانام ئىگە بولغان زېمىن ھازىر ئالتە پارچە، مېنىڭ سورايدىغان سوئالىم: ئانام ئۈچ ۋارىسقا زېمىن بەرگەندەك، قالغان ۋارىسلىرىغا زېمىن بەرمىگەن، شۇنداق بولغاندا، ھازىر بار بولغان ئالتە پارچە زېمىن ئىلگىرى ئالغانلار بىلەن ھەممەيلەنگە تەڭ تەقسىم قىلىنامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا، ئانام ھايات ۋاقتىدا بەرگەن زېمىننى ساتقان ئوغۇلغا قانداق قىلىمىز؟، يەنە ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ ئانام بىلەن ئورتاق بانكا ھېسابى بار، ئۇلار ھېساب ئېچىش جەريانىدا بانكىدىن مال ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇ ھېسابنى ئىشلەتكەن، ئاندىن ئالغان مالنى يوشۇرغان، لېكىن ئۇلارنىڭ مۇشۇ ھېسابنى ئېچىپ بانكىدىن مال ئالغانلىقى، ئانام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى بۇنى ئۆتىمىگەنلىكى ئاشكارا بولدى، بانكىدىكى مالنى ئومۇمى مىراسقا قېتىش ئۈچۈن ئۇلار ھېساب ئېچىش جەريانىدا بانكىدىن ئالغان قەرزنى تۆلىشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئارىسىدىن شەرئى پرىنسىپقا زىت ھالدا بەزىسىنى ئايرىپ قويۇپ بەزىسىگە ئايرىم نەرسىلەرنى بېرىشى توغرا بولمايدۇ، ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسا، ئادىللىق قىلىپ باشقا پەرزەنتلىرىگىمۇ بېرىشى كېرەك ياكى ئايرىم بەرگەن نەرسىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى كېرەك. 

    ئانىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆزىگە تىگىشلىك بولمىغان نەرسىلەرنى ئالغان پەرزەنت ئالغان نەرسىنى مىراس ئۇلىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ قاتارىغا قويۇشى ياكى ئۇنىڭ بەدىلىگە ئۆزىنىڭ مىراستىن بولغان نېسىۋىسىدىن چۈشۈرۈۋېتىشى كېرەك.

    شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىدا، ئاتا-ئانا ھايات ۋاقتىدا باشقا پەرزەنتلىرىدىن ئايرىپ قىزىغا ئايرىم بىر نەرسە بەرگەن بولسا، ئۇلار ھايات ۋاقتىدا بۇنى قايتۇرۇپ ئىلىشى كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، كۆپچىلىك ئالىملار ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بۇيرىغان ئادىللىقنى تۇرغۇزۇپ، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارغا ئەگىشىپ بۇنى قايتۇرۇشى كېرەك دەيدۇ، بەلكى ئاتا-ئانىسى قالدۇرۇپ كەتكەن ماللارنىڭ ھەممىسىنى قېرىنداشلىرى  بىلەن ئاللاھ بۇيرىغان ئادالەت بىلەن تەقسىم قىلىشى كېرەك بولىدۇ" ["پەتىۋا كۇبرا"4-توم 184-بەت].

    ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: بەزى پەرزەنتلىرىگە ئايرىم بىر نەرسە بەرگەن ئاتا ياكى ئانا ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولسا، ئايرىم نەرسىنى ئالغان پەرزەنت بۇنى مىراس ئۈلىشىدىغان نەرسىلەرگە قايتۇرۇشى كېرەك، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، ئۇنىڭغا مىراستىن بىر نەرسە تېگىدىغان بولسا، مىراستىن ئالىدىغان ئۈلۈشىدىن ئايرىم ئالغان نەرسىنىڭ مىقدارى چىقىرىۋېتىلىدۇ، چۈنكى ۋاپات بولغان ئاتا-ئانىغا پەرزەنتلىرىنىڭ ئارىسىدا ئوخشاش قاراش كېرەك بولىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ ھەققىدە قەرىز بولۇپ قالىدۇ، ئۇ قەرزنى ئادا قىلىش زۆرۈر بولىدۇ، مۇشۇ قائىدىگە ئاساسەن، ئارتۇق نەرسە ئالغان پەرزەنتكە دەيمىزكى: سىز ئاتا-ئانىڭىزغا ياخشىلىق قىلىشنى خالىسىڭىز سىزگە ئايرىم بەرگەن نەرسىنى مىراس ئالىدىغان مالغا قايتۇرۇڭ". ["شەرھىل مۇمتىئ" 11-توم 85-بەت].

    مۇشۇنىڭغا ئاساسەن: ئانىسى ئايرىم زېمىن بەرگەن ئۈچ پەرزەنتنىڭ ھەر بىرى ئۆزلىرىگە ئايرىپ بېرىلگەن زېمىننى ئومۇمى تەرىكىگە قاتۇرۇشى ۋە ئاندىن تەرىكىنى ھەممەيلەنگە ئۆز نېسىۋىسى بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىشى كېرەك، ئانىسى ھايات ۋاقتىدا بەرگەن زېمىننى سېتىۋەتكەن پەرزەنتنىڭ مىراستىن ئالىدىغان نېسىۋىسىدىن تۇتۇپ قىلىش كېرەك بولىدۇ. 

    ئانىسى بەرگەن زېمىننى سېتىۋەتكەن ئوغۇل ئەگەر ئۇ زېمىننى قىينىلىپ مال ئېھتىياجلىق بولۇپ سېتىۋەتكەن بولسا، بۇ زېمىن مىراس تەقسىم قىلىنغاندا تەرىكىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ، چۈنكى ئاتا-ئانا بالىلىرىدىن بىرەرسى ئېھتىياجلىق بولۇپ قالسا، ھەممىسىگە بەرمىسىمۇ ئېھتىياجلىق بولغانغا بىر نەرسە بەرسە بولىدۇ.

     ئەگەر قىينىلىپ قالماستىن باي تۇرۇپ سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ ۋاقىتتا بۇنى مىراستىن ئالىدىغان ھەققىدىن تۇتۇپ قىلىش كېرەك.

    شۇنىڭدەك ئانىسىنىڭ ھېسابىدىن بانكىدىن پۇل ئالغان ئىككى قېرىنداشقا شۇنداق دەيمىزكى: ئەگەر ئۇلار كەمبەغەل بولۇپ پۇلغا ئېھتىياجلىق بولغاندا ئانىسىنىڭ رازىلىقى بىلەن بانكىدىن پۇل ئالغان بولسا، بۇنى ئۇلارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ھەققىدىن تۇتۇپ قالمايدۇ، ئەمما ئۇلار كەمبەغەل بولماستىن ئانىسىنىڭ خەۋىرى يوق ۋە رازىلىقىسىز ئالغان بولسا، بۇ مال ئانىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى قەرزى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ مىراستىن ئالىدىغان ھەققىدىن تۇتۇپ قىلىنىدۇ.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى