بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.
بىرىنچى: تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ رەتلىگىنىگە كۆرە قىيامەت كۈنىنىڭ تەرتىپى مۇنداق بولىدىكەن:
1-ئىنسانلار قوزغىتىلغاندا، قەبرىسىدىن چىقىپ توپلىنىش مەيدانىغا بارىدۇ، ئاندىن ئۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇرىدۇ، تۇرۇش جەريانىدا ئۇلار بەك قىينىلىدۇ، قاتتىق ئۇسساپ كېتىدۇ، ئۇ يەردە بەك ئۈزۈن تۇرۇپ كەتكەنلىكتىن ئىنتايىن قورقۇپ كېتىدۇ. شۇنداقلا ھېساب بېرىدىغانلىقىغا ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىدىن ھېساب ئالىدىغانلىقىدىن ھېچ شەك قىلمايدۇ.
2-قىيامەت مەيدانىدا تۇرۇش ئۈزۈن بولۇپ كەتكەندە، ئاللاھ تائالا ئالدى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆلىنى يۇقىرى قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆلى قىيامەت مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ، ئەللىك مىڭ يىللىق قىيامەت مەيدانىدا ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالا ئۈچۈن تۇرۇش قىيىن بولۇپ كەتكەندە، دۇنيادا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بويۇنچە ياشاپ، ئۇنى ئۆزگەرتمەستىن، ئالماشتۇرماستىن ۋە بىدئەت پەيدا قىلماستىن ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر بولسا، ئۇلار كۆلگە كېلىپ ئۇنىڭ سۈيىدىن ئىچىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆلىدىن سۇ ئىچكەن كىشىگە تۈنجى خاتىرجەملىك ھاسىل بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ كۆللىرىمۇ يۇقىرى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇ پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتىدىكى سۇ ئېچىشكە سالاھىيتى بولغان كىشىلەر سۇ ئىچىدۇ.
3-ئاندىن ئىنسانلار قىيامەت مەيدانىدا بەك ئۇزۇن تۇرىدۇ، ئاندىن كاتتا شاپائەت بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۈيۈك شاپائىتى بولىدۇ، ئاللاھ تائالا خالايىقلارنىڭ ھېسابىنى تىز بىر تەرەپ قىلىدۇ، ئالىملارغا تونۇشلۇق بولغان ئۇزۇن ھەدىستە: ئىنسانلار دەسلەپتە شاپائەت تەلەپ قىلىپ ئادەم ئەلەيھىسسالام، نۇھ ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يېنىغا بارىدۇ، ئاخىرىدا ئۇلار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دەپ پەيغەمبىرىمىزگە ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ تىزدىن ھېساب ئېلىپ كىشىلەرنى بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ :رەببىڭنىڭ ھوزۇرىدا بىز ئۈچۈن شاپائەت تەلەپ قىلغىن دېگەن تەلىپىدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :مەن ئۇنىڭغا لايىق، مەن ئۇنىڭغا لايىق دەپ ئاللاھنىڭ ئەرشىنىڭ يېنىغا كېلىپ، سەجدىگە بارىدۇ، ئاللاھ تائالانى ئاللاھ ئۆزىگە ئىلھام قىلغان ئەڭ گۈزەل مەدھىيە-سانالار بىلەن مەدھىيىلەيدۇ، ئاندىن: ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈرگىن، سورىغىن، بېرىلىسەن، شاپائەت تەلەپ قىلغىن تەلىپىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ دېيىلىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۈيۈك شاپائىتى ھېساپنى تىز قىلىشتا بولىدۇ.
4-ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمەللەرنىڭ توغرىلىنىشى بولىدۇ.
5-ئەمەللەر توغرىلانغاندىن كېيىن ھېساب بولىدۇ.
6-بىرىنچى قېتىملىق ھېساپتىن كېيىن ئەمەل سەھىپىلىرى تارقىتىلىدۇ، بىرىنچى قېتىملىق ھېساب ئەمەللەرنى توغرى قىلىش ئارىسىدا بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا تالاش-تارتىش ۋە ئۈزۈرلەر بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەمەل سەھىپىلىرى تارقىتىلىدۇ، ئوڭ تەرەپ ئىگىلىرىگە ئەمەل سەھىپىلىرى ئوڭ تەرەپتىن بېرىلىدۇ، سول تەرەپ ئىگىلىرىگە ئەمەل سەھىپىلىرى سول تەرەپتىن بېرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن ھەممە كىشى ئۆزلىرىنىڭ سەھىپىلىرىنى ئوقۇيدۇ.
7-نام-ئەمەل سەھىپىسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈزۈر-سەۋەپلەرنى رەت قىلىش ۋە سەھىپىنى ئوقۇغانلىقىغا دەلىل قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر ھېساب بولىدۇ.
8-ئۇنىڭدىن كېيىن ميزان بولىدۇ، بىز يۇقىرىدا زىكىر قىلغاندەك ئەمەللەر مىزانغا سېلىنىدۇ.
9-مىزاندىن كېيىن ئىنسانلار گۇرۇھ-گۇرۇھ ۋە جۈپ-جۈپلەرگە ئايرىلىدۇ، ھەر كىشى ئۆز خىلى بىلەن بىرگە بولىدۇ، پەيغەمبەرلەرنىڭ بايراق-ئەلەملىرى تىكلىنىدۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرىقى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرىقى، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بايرىقى دېگەندەك، ئىنسانلار بايراقلارنىڭ ئاستىدا ئۆز تۈرى بويۇنچە تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ خىلىنى تاپىدۇ. زالىملار ۋە كاپىلارمۇ ئۆز خىللىرى ۋە جۈپلىرى بىلەن بىرگە جۇغلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: احْشُرُوا الَّذِينَ ظَلَمُوا وَأَزْوَاجَهُمْ وَمَا كَانُوا يَعْبُدُونَ * مِنْ دُونِ اللَّهِ تەرجىمىسى: «(ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە ئېيتىدۇ) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى، ئۇلارنىڭ (مۇشرىكلىكتىكى، كۇفرىدىكى) قاياشلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىنى (مەھشەرگاھقا) توپلاڭلار، ئاندىن ئۇلارنى دوزاخنىڭ يولىغا باشلاڭلار» [سۈرە ساپپات 22-23-ئايەت].
يەنى ئۆزىنىڭ جۈپلىرى، شەكىللىرى ۋە ئوخشاشلىرى بىلەن بىرگە جۇغلىنىدۇ، مۇشرىكلەرنىڭ ئالىملىرى مۇشرىكلەرنىڭ ئالىملىرى بىلەن بىرگە، زالىملار زالىملار بىلەن بىرگە، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە جۇغلىنىدۇ، بۇشۇ يوسۇندا ھەر بىر كىشى ئۆز خىلىنى تاپىدۇ.
10-بۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالا جەھەننەمنىڭ تەرىپىنى قاراڭغۇ-زۇلمەت قىلىۋېتىدۇ، (ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن) ئىنسانلار ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نۇر بويۇنچە ماڭىدۇ، مۇشۇ ئۈممەتنىڭ مۇسۇلمانلىرى ۋە مۇناپىقلىرى بىرگە ماڭىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نۇرلىرى بىلەن كېتىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارغا تونۇشلۇق بولغان سىپىللەر سوقۇلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: فَضُرِبَ بَيْنَهُمْ بِسُورٍ لَهُ بَابٌ بَاطِنُهُ فِيهِ الرَّحْمَةُ وَظَاهِرُهُ مِنْ قِبَلِهِ الْعَذَابُ * يُنَادُونَهُمْ أَلَمْ نَكُنْ مَعَكُمْ قَالُوا بَلَى تەرجىمىسى: «ئۇ كۈندە مۇناپىق ئەرلەر، مۇناپىق ئاياللار مۆمىنلەرگە: «بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلاردىن ئازراق ئالايلى» دەيدۇ. ئۇلارغا (مەسخىرە يۈزىسىدىن): «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر تىلەڭلار» دېيىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا بىر سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بولىدۇ، دەرۋازىنىڭ ئىچى تەرىپىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بولىدۇ، ئۇلار مۆمىنلەرنى: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ، مۆمىنلەر: «شۇنداق، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پىتنىگە سالدىڭلار (يەنى كۆرۈنۈشتە بىز بىلەن بىللە بولساڭلارمۇ، لېكىن ئۆزۈڭلارنى مۇناپىقلىق بىلەن ھالاك قىلدىڭلار دەيدۇ» [سۈرە ھەدىد 13-14-ئايەتلەر].
ئاللاھ تائالا مۆمىنلەرگە نۇر ئاتا قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭ بىلەن يولنى كۆرۈپ ماڭىدۇ، ئەمما مۇناپىقلارغا نۇر بېرىلمەيدۇ، بەلكى ئۇلار كاپىرلار بىلەن بىرگە بولۇپ، ئالدىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ ماڭىدۇ ۋە دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.
11-ئاندىن تۈنجى بولۇپ سىرات كۆۋرىكىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىدۇ، ئاللاھ تائالادىن ئۆزىنى ۋە ئۈممىتىنى سالامەت قىلىشنى سوراپ: «ئى ئاللاھ! سالامەت قىلسىلا، ئى ئاللاھ! سالامەت قىلسىلا دەيدۇ»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆتىدۇ، ئۈممىتىمۇ ئەگىشىپ ئۆتىدۇ، ھەر بىر كىشى كۆۋرۈكتىن ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ مىقدارىغا كۆرە تېزلىكتە ئۆتىدۇ ۋە شۇنىڭغا كۆرە يورۇقلۇق، نۇر بولىدۇ، ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلغان كىشى ئۆتۈپ كېتىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىدىنمۇ قىلغان خاتالىقىغا كۆرە (ئاللاھ تائالا ئازابلاشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر) دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئاندىن ئۇلار دوزاخنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، جەننەتنىڭ مەيدانىدا توپلىشىدۇ، يەنى ئاللاھ تائالا ئىمان ئەھلى ئۈچۈن بەزىسىدىن بەزىسىنىڭ ھەققىنى ئىلىپ بېرىش ئۈچۈن تەييارلىغان ئورۇندىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ھېچ بىر غەل-غەش قالمايدۇ، ئۇلار قەلبى گۈزەل ھالەتتە جەننەتكە كېرىدۇ.
12-جەننەتكە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېرىپ بولغاندىن كېيىن، تۈنجى كىرىدىغانلار مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلارنىڭ كەمبەغەللىرىدۇر، ئاندىن مۇشۇ ئۈممەتنىڭ كەمبەغەللىرى كېرىدۇ، بايلار بولسا ئۆزلىرى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى ھېساپلىرى تۈگىمەي كېچىكىپ كېرىدۇ. [سالىھ ئال شەيخنىڭ: "شەرھى تاھاۋىيە" 542 -بەت.]
ئىككىنچى: ئىنسان ئۆلىدىغان ۋاقىتتا ئىككى شەيتان ئۇ كىشىنىڭ ئاتىسى ۋە ئانىسىنىڭ شەكلىدە بولۇپ بېشىدا ئولتۇرۇپ ئۇنى يەھۇدىي ۋە ناسارا بولۇشقا بۇيرىيدۇ دېگەن بۇ سۆزنىڭ توغرىلىقى توغرىسىدا بىر ھەدىسنى بىلمەيمىز. ئەمما ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھنىڭ : "ئەتتەزكىرە" ناملىق ئەسىرى 185 -بەتتىكى سۆزى: " پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان: ئىنسان ئۆلىدىغان ۋاقىتتا ئىككى شەيتان ئۇ كىشىنىڭ يېنىدا بولۇپ بىرى ئوڭ تەرىپىدە يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ، ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغىنى ئاتىسىنىڭ شەكلىدە بولۇپ ئۇ كىشىگە: ئى ئوغلۇم! مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، ساڭا كۆيۈنىمەن، خرىستىيان دىنىدا ۋاپات بولغىن، ئۇ دىنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر دەيدۇ، سول تەرىپىدە ئولتۇرغۇنى ئانىسىنىڭ شەكلىدە بولۇپ، ئۇ كىشىگە: ئى ئوغلۇم! قورسۇقۇم ساڭا تۆشەك بولغان، كۆكسۈم ساڭا تۇلۇم بولغان، يوتام ساڭا ياستۇق بولغان، لېكىن سەن يەھۇدى دىنىدا ۋاپات بولغىن، ئۇ دىنلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى دەيدۇ. بۇنى ئەبۇ ھەسەن قابىسى ئىبنى ئەبى زەيدنىڭ ئۆزىگە يازغان رىسالىسىنىڭ شەرھىسىدە زىكىر قىلغان، بۇنىڭ مەنىسىنى ئەبۇ ھامىد غەزالى : "ئاخىرەت ئىلىملىرى" ناملىق ئەسىرىدە زىكىر قىلغان.
بىز بۇ سۆزنىڭ تايانغىدەك ئەسلى بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. بۇ ھۆججەت قىلىشقىمۇ يارىمايدۇ.
لېكىن شەيتاننىڭ ئىنسان ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا ئۇنى پىتنىگە تاشلاش ۋە دىندىن-ئىماندىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە بولسۇن ياكى باشقا شەكىللەردە بولسۇن كېلىدىغانلىقى ئېنىق. بۇ توغرىدا ئەبى يەسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ تام بېسىۋېلىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن، ئېگىزدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن، سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلۈپ كېتىشتىن، ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈپ كېتىشتىن، بەك ياشىنىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن پاناھ تىلەيمەن، سىلىگە سېغىنىپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ۋاقىتتا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن، سىلىنىڭ يوللىرىدا جىھادقا چىقىپ چېكىنگەن ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىشتىن پاناھ تىلەيمەن، يىلان-چايان چېقىۋىلىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن پاناھ تىلەيمەن». [ ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 1552 -ھەدىس. نەسائى رىۋايىتى 5531 -ھەدىس. شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ "ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا" كەلتۈردى.]
خەتتابى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆلۈپ كېتىدىغان ۋاقىتتا شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن پاناھ تىلەش بولسا، دۇنيادىن كېتىدىغان ۋاقىتتا شەيتاننىڭ ئىگە بولىۋېلىپ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن، تەۋبە بىلەن ئۇ كىشىنىڭ ئارىسىدا توسانچا بولۇپ قىلىشىدىن ياكى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىۋېلىشىنى تەسلەشتۈرۈپ قويۇشىدىن، شەيتاننىڭ تەرىپىدىن بولغان زۇلمەتتىن چېقىۋېلىشتىن ياكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈش، ئۆلۈمنى ياقتۇرماسلىق، ھاياتى دۇنياغا تەلمۈرۈپ ھەسرەت چېكىش، دۇنيادىن يوقۇلۇپ يەنە بىر دۇنياغا يۆتكىلىشتىن ئىبارەت ئاللاھنىڭ تەقدىرى، قازاسىغا رازى بولماسلىق، ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىق بىلەن ئاخىرلىشىپ قىلىشى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىغا ئاللاھ تائالا غەزەپ قىلغان ھالەتتە بېرىپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.
بەزى رىۋايەتلەرگە كۆرە: شەيتاننىڭ ئىنساننى ئازدۇرۇشى ھەممىدىن ئۆلىدىغان ۋاقتىدا بەك كۈچلۈك بولىدۇ، بۇ ۋاقىت شەيتان ئۆزىنىڭ ياردەمچىلىرىگە: بۇنى چىڭ تۇتۇڭلار، بۈگۈن قاچۇرۇپ قويساڭلار، بۇ پۇرسەت مەڭگۈ كەلمەيدۇ دەيدۇ.
ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى سالىھ مۇنداق دەيدۇ: دادام ۋاپات بولىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، قولۇمدا بىر پارچە لاتا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاتامنىڭ ساقىلىنى تاڭىمەن، ئاتام تەرلەشكە باشلىدى، نەپەس ئىلىشى قىيىنلاشتى، كۆزىنى ئېچىپ قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنداق بولمايدۇ دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى، مەن: ئى ئاتا! مۇشۇ ۋاقىتتا دېگىنىڭىز قانداق گەپ؟ دەپ سورىسام، ئاتام: ئوغلۇم بىلمەمسىز؟ دېدى، مەن: ياق دېدىم، ئاتام: ئۇ ئىبلىس، ئاللاھ ئۇنىڭغا لەنەت قىلسۇن، مېنىڭ ئاياغ تەرىپىمدە تۇرۇپ بارماقلىرىنى چىشلەپ تۇرۇپ: ئى ئەھمەد! مېنى پىتنىگە سالدىڭ دېدى، مەن: ھازىر ئەمەس ھەتتا ئۆلگىچە دېدىم. [" تەبەقاتۇل ھەنابىلە" 1 -توم 175 -بەت].
قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئۇستازىم ئەبۇ ئابباس ئەھمەد ئىبنى ئۆمەر قۇرتۇبىدىن ئىسكەندەرىيە چىگراسىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: قېرىندىشىم ئۇستازىمىز ئەبى جەپەر ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىنبى مۇھەممەد قۇرتۇبى قۇرتۇبە شەھىرىدە سەكراتقا چۈشۈپ قالدى، ئۇنىڭغا: لائىلاھە ئىللەللاھ دېگىن دېيىلگەندە، ئۇ: ياق، ياق دېدى، ئۇ ھوشىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا بولغان ئىشنى دېسەك، ئۇ مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئوڭ تەرىپىم ۋە سول تەرىپىمدىن ئىككى شەيتان كەلدى، ئۇ ئىككىسىنىڭ بىرى: يەھۇدى دىنىدا ئۆلگىن ئۇ بەك ياخشى دىن دېدى، يەنە بىرى: خىرىستىئان دىنىدا ئۆلگىن ئۇ بەك ياخشى دىن دېدى، مەن ئۇ ئىككىسىگە: ياق، ياق دېدىم، بۇ ئىككى شەيتانغا بېرىلگەن جاۋاپ بولۇپ ھەرگىزمۇ سىلەرگە بېرىلگەن جاۋاپ ئەمەس دېدى. بۇنداق ئىشلار سالىھلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ بولغان، ئۇلارنىڭ شەيتانغا بەرگەن جاۋىبى ياق دېيىش بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ شاھادەتنى تەلقىن قىلىنغان كىشىگە بېرىلگەن جاۋاپ ئەمەس. [ "ئەتتەزكىرە" 187 -بەت. ]
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.