چارشەنبە 13 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 21 نويابىر 2018
Uygur

كۈندىلىك، ھەپتىلىك ۋە ئايلىق تائەت-ئىبادەتلەر قايسى؟

سۇئال

   كۈندىلىك، ھەپتىلىك ۋە ئايلىق تائەت-ئىبادەتلەر نېمىلەردىن ئىبارەت؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    تائەت-ئىبادەتنىڭ تۈرى ۋە يولى بەك كەڭرىدۇر، ئۇنى بۇ جايدا تولۇق بايان قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ. سوئال سورىغۇچى قېرىندىشىمىز تۆۋەندىكى كىتابلارغا مۇراجىئەت قىلسا بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بىلەلەيدۇ:

ئىمام ئىبنى مۇنزىرىنىڭ"ئەتتەرغىپ ۋەتتەرھىب" ناملىق ئەسىرىگە، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەدىسلەر سەھىھ ياكى زەئىپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنغان شەيخ ئەلبانىنىڭ"سەھىھ تەرغىپ ۋە تەرھىپ" ۋە" زەئىپ تەرغىپ ۋە تەرھىپ"ناملىق كىتاپلىرى.

    ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ "ياخشى كىشىلەر باغچىسى" ناملىق ئەسىرىنىڭ "پەزىلەتلىك ئەمەللەر" بۆلىمىگە.

    ئىككىنچى: كۈندىلىك تائەت-ئىبادەت: كامىل تاھارەت ئىلىپ بەش ۋاقىت نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلىش، تاھارەت ئالغاندا ۋە نامازغا كىرىشتىن بۇرۇن مىسۋاك ئىشلىتىش، نامازنى جامائەت بىلەن ئادا قىلىش، نامازنىڭ سۈننەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش، چاشكا نامىزى ئوقۇش، كېچىلىك ناماز ئوقۇش ۋە ۋىتىر نامىزى ئوقۇش، ئەتتىگەنلىك-كەچلىك زىكىر-دۇئالارنى ئوقۇش، كېچە-كۈندۈزلۈك زىكىر-دۇئالارنى ئوقۇش(ئۆيگە كىرگەندە، ئۆيدىن چىققاندا، مەسچىتكە كىرگەندە ۋە چىققاندا، ھاجەتخانىغا كىرگەندە ۋە چىققاندا، يېمەك-ئىچمەك يېگەندە، پەرز نامازلاردىن كېيىنكى زىكىر-دۇئا قاتارلىقلار...) ئەزەن ئوقۇلغاندا مۇئەززىنگە ئەگىشىش.

    ھەپتىلىك تائەت-ئىبادەت: جۈمە نامىزى ئوقۇش، جۈمە كۈنى كىرگەندىن باشلاپ ئاخىرلاشقانغا قەدەر كەھەپ سۈرىسىنى ئوقۇش، جۈمە كۈنى كىرگەندىن باشلاپ ئاخىرلاشقانغا قەدەر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالامنى كۆپ يوللاش، دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنى روزا تۇتۇش قاتارلىقلار.

    ئايلىق تائەت-ئىبادەت: ھەر ئايدا ئۈچ كۈن روزا تۇتۇش، ياخشىسى بۇ روزىنى ئايدىڭ كېچىلەر بولىدىغان كۈنلەردە تۇتۇش يەنى ھىجىرىيە ھېسابى بويىچە ھەر ئاينىڭ 13-14-15- كۈنلىرى روزا تۇتۇش.

    يىللىق ياكى مەۋسۇملۇق تائەت-ئىبادەتلەر: رامىزان روزىسىنى تۇتۇش، تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئوقۇش، ئىككى ھېيت نامىزىنى ئوقۇش، قۇدرىتى يېتىدىغان كىشىلەر ھەج قىلىش، زاكاتنىڭ شەرتلىرى تولۇق بولغان كىشىلەر زاكات بېرىش، رامزاننىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلىش، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن روزا تۇتۇش، ئاشۇرا كۈنى (مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى) ۋە ئۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن ۋە بىر كېيىن روزا تۇتۇش، ئەرەپات كۈنىدە روزا تۇتۇش، زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدە ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش قاتارلىقلار.

    بۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتقا ئالاقىدار بولمىغان نۇرغۇن ئەمەللەر بولۇپ، بۇنى ھەر قانداق ۋاقىتتا باشلىسا بولىدۇ، ئۇ ئەمەللەرنىڭ جۈملىسىدىن قەلب ئەمەللىرى ۋە ئەزالارنىڭ (بەدەنى) ئەمەللىرى بار: ناماز ئوقۇش ياقتۇرۇلمايدىغان ۋاقىتلاردىن باشقا ۋاقىتلاردا مۇتلەق نەپلە ناماز ئوقۇش، مۇتلەق نەپلە روزا تۇتۇش، ئۆمرە ھەج قىلىش، ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاش، دۇئا قىلىش، تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىش، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش، سەدىقە قىلىش، مۇسۇلمانلارغا سالامنى ئاشكارا قىلىش، ئەخلاقى ياخشى، تىلى ئىپپەتلىك بولۇش، ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش، ئۇنىڭدىن قورقۇش، ئۈمىد قىلىش، تەۋەككۇل قىلىش، رازى بولۇش، ئىشەنچ قىلىش ۋە ئاللاھ تائالادىن ياردەم سوراش قاتارلىقلار.

    يەنە سەۋەبكە ئالاقىدار ئەمەللەر بولۇپ سەۋەب تېپىلسا ئۇ ئەمەللەر ئىجرا قىلىنىدۇ: كېسەل يوقلاش، جىنازىغا ئەگىشىش، ماتەمگە تەزىيە بىلدۈرۈش، چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېگەن كىشىگە جاۋاپ بېرىش، سالامغا جاۋاپ قايتۇرۇش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش، ئىستىخارە نامىزى ئوقۇش، تەۋبە نامىزى ئوقۇش، كۇسۇپ نامىزى ئوقۇش، سۇ تەلەپ قىلىش نامىزى ئوقۇش، دەۋاگەرلەرنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىش، نامەھرەمگە قارىماسلىق، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك، ئەزىيەت ۋە قىيىنچىلىقلارغا سەبىر قىلىش قاتارلىقلار.....

    ئىلگىرىكى سەلەپ ئالىملىرى بىر كۈندە تۆت ئىبادەتنى بىرگە قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ بولسىمۇ: روزا تۇتۇش، سەدىقە قىلىش، جىنازىغا ئەگىشىش ۋە كېسەل يوقلاشتىن ئىبارەت، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بۇ تۆت تۈرلۈك ئىشنى قىلغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ [مۇسلىم رىۋايىتى 1028-ھەدىس].

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش