سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن، ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەم ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان بارلىق ياخشى ئەمەللىرى ئوندىن يەتتىيۈز ھەسسىگىچە زىيادە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: پەقەت روزىنىڭ ساۋابىنى -مۇكاپىتىنى ئۆزۈم بېرىمەن، بەندەم مېنىڭ رازىلىقىمغا ئېرىشىش ئۈچۈن روزا تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە نەپسى شەھۋەتلىرىنى تەرك قىلدى، ئۇنى ئۆزۈم مۇكاپاتلايمەن». [مۇسلىم رىۋرايىتى1151 -ھەدىس].
بۇ ھەدىسنى شەرھىلىگەن ئالىملار ئاللاھنىڭ سۆزىنىڭ تەقەززاسىغا كۆرە، روزىنىڭ ئەجىر-ساۋابى يەتتىيۈز ھەسسىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ دېگەننى بېكىتكەن.
تۆۋەندە ئالىملارنىڭ بۇ توغرىدىكى قاراشلىرىنى نەقىل قىلىمىز:
ھىجىرىيە 474 -يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر ئالىم ئەبۇ ۋەلىيد باجى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "روزىنىڭ پەزىلىتىنىڭ زىيادە بولىشى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابنى ئاللاھ تائالا ئۆزىگە قېتىشى، روزىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ يەتتىيۈز ھەسسىدىنمۇ زىيادە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ". [ئەل مۇنتەقا شەرھۇل مۇئەتتا 2 -توم 74 -بەت].
ھىجىرىيە 505 -يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر ئالىم ئەبۇ ھامىد غەزالىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: «پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» دېگەن. [سۈرە زۇمەر 10 -ئايەت].
روزا دېگەن سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى ھېسابلاپ بېكىتىش دائىرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى". [ئىھيا ئۇلۇمىددىن 1 -توم 231 -بەت].
ھىجىرىيە 543 -يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر ئالىم ئىبنىل ئەرەبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "رەببىمىز ئاللاھ تائالا بىزگە ياخشى ئەمەللەرنىڭ ساۋابىنىڭ يەتتىيۈز ھەسسىگىچە زىيادە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، سەۋرچان بولغانلارغا بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋابنىڭ مىقدارىنى ئۆز ئىلمىگە خاس قىلىپ مۇنداق دېدى: «إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: «پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» دېگەن. [سۈرە زۇمەر 10 -ئايەت].
روزا بولسا ئىنساننى تۈرلۈك شەھۋەتلەردىن چەكلەيدىغان سەۋرنىڭ بىر تۈرى بولغانلىقى ئۈچۈن، روزىدارنىڭ ساۋابى ھەققىدە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام رەببىدىن بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دېدى: «ئادەم ئەۋلادىنىڭ روزىدىن باشقا بارلىق ئەمەللىرىنىڭ ئەجىر -ساۋابى بېرىلىدۇ، ئەمما روزىنى مەن ئۈچۈن تۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى ئۆزۈم بېرىمەن».
ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: "روزىدىن باشقا بارلىق ئەمەللەر ۋەزنىگە سېلىنىپ، ئۆلچىنىپ ئۇنىڭ ئەجىر ساۋابى بېكىتىلىدۇ، ئەمما روزىنىڭ ئەجىر-ساۋابى بولسا ئۆلچەنمەستىن، ۋەزنىگە سېلىنماستىن ئوچۇملاپ-ئوچۇملاپ بېرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "روزا دېگەن دۇنيانىڭ ئاچلىقلىرى ۋە قىيىنچىلىقلىرىغا سەۋىر قىلىش بولۇپ، شەكسىزكى، ئۆزىگە يەتكەن نەرسىدىن سالامەت بولغان، چەكلىگەن ئىشلارنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ مىقدارى بېكىتىلمەيدۇ، گەرچە روزا سەۋرنىڭ ھەممىسى بولمىسىمۇ ئەمما سەۋرنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ".[ئەھكامۇل قۇرئان 4 -توم 77 -بەت].
ھىجىرىيە 544 -يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر ئالىم قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالا بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە خالىغان نەرسىلەر بىلەن پەزلى-رەھمەت قىلىپ ئۇنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى يەتتىيۈز ھەسسىىگىچە ۋە ھەتتا ھېسابسىز دەرىجىدە زىيادە قىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: «پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» دېگەن. [سۈرە زۇمەر 10 -ئايەت].
ئاللاھ تائالا ھەدىس قۇدسىيدا، ئەمەلنىڭ ساۋابىنىڭ ئاخىرىدا يەتتە يۈز ھەسسىگىچە زىيادە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىنغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «ئەمما روزىنى مەن ئۈچۈن تۇتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى ئۆزۈم بېرىمەن». [ئىكمالىل مۇئلىم بىپەۋائىد مۇسلىم 8- توم 184-بەت].
ھىجىرىيە 795-يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر ئالىم ئىبنى رەجەپ رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "جاۋابنىڭ ئاۋۋىلىدە بايان قىلىنغان ھەدىسكە كۆرە، روزا ساۋابى زىيادە قىلىنىدىغان ئەمەللەردىن ئىستىسنا قىلىندى، روزىدىن باشقا ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدىن يەتتىيۈز ھەسسىگىچە زىيادە قېلىنىدۇ، روزىنىڭ ساۋابىنىڭ زىيادە بولىشى بۇ سانلار بىلەن توختالمىدى، بەلكى ئاللاھ تائالا روزىنىڭ ساۋابىنى ھېسابسىز زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، چۈنكى روزا بولسا سەۋرنىڭ قاتارىدىن بولۇپ، ئاللاھ تائالا سەۋىر توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: «پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» دېگەن. [سۈرە زۇمەر 10 -ئايەت].
شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە رامىزان ئېيىنى: «سەۋرچانلىق ئېيى» دەپ ئاتىغان. ئىمام تىرمىزى بايان قىلغان يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «روزا سەۋرنىڭ يېرىمىدۇر» دېگەن.
سەۋېر ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىگە سەۋېر قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن سەۋىر قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ دەرتلىك تەقدىرىگە سەۋىر قىلىشتۇر. سەۋرنىڭ بۇ ئۈچ تۈرى روزىدا جۇغلىشىدۇ". [ئىبنى رەجەبنىڭ: لەتائىپۇل مائارىپ 15-بەت].
ھىجىرىيە 804-يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇر ئالىم ئىبنى مۇلەققىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئاللاھ تائالانىڭ: فَلَا تَعْلَمُ نَفْسٌ مَا أُخْفِيَ لَهُمْ مِنْ قُرَّةِ أَعْيُنٍ تەرجىمىسى: «ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە مۇكاپات يۈزىسىدىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلانغان ۋە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان كاتتا نېمەتنى ھېچكىم بىلمەيدۇ» دېگەن ئايەت توغرىسىدا، سەجدە سۈرىسى 17-ئايەت، ئۇلارنىڭ ئەمىلى روزا دېيىلگەن، ئۇلارغا روزىنىڭ ساۋابى ئۆلچەنمەستىن ھېسابسىز بېرىلىدۇ. بۇ ھەدىستە روزىنىڭ ساۋابىنىڭ يەتتە ھەسسىگە زىيادە قىلىنىدىغانلىقى خاس قىلىنغان". [تەۋزىيھ شەرھى جامىئۇس سەھىھ 13-توم 28-بەت].
ھىجىرىيە 1376-يىلى ۋاپات بولغان شەيخ سەئدىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ھەدىستە روزىنىڭ ساۋابى ئىستىسنا قىلىنىپ ئاللاھ تائالاغا ئىسناد قىلىندى، روزىدارنى ئاللاھ تائالا ئۆز پەزلى، سېخىيلىقى بىلەن مۇكاپاتلاشقا خاس قىلدى، باشقا ئەمەللەر ئورتاق بولىدىغان زىيادە قىلىشنىڭ باراۋېرىدە قىلمىدى، بۇنىڭغا بېرىلىدىغان مۇكاپاتنى ئىپادىلەش مۇمكىن بولمايدۇ، بەلكى ئاللاھ تائالا ئىنساننىڭ كۆزى كۆرۈپ باقمىغان، قۇلىقى ئاڭلاپ باقمىغان ۋە ھەتتا كۆڭلىگىمۇ كېچىپ باقمىغان ئەجىر-ساۋاپلار بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
ھەدىستە مۇشۇ خاسلاشتۇرۇشقا بولغان ھېكمەتكە دېققەت تارتىدۇ. روزىدا كۆڭلىگە ياخشى كۆرۈش ئورناپ كەتكەن نەرسىلەرنى تەرك قىلىپ، ئۇنىڭغا باشقا ئىشنى ئىلگىرى قىلىدۇ، ئۇ دىندىكى زۆرۈر ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، روزىدار ئەسلىدىن ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرگە ئاللاھقا بولغان سۆيگۈ-مۈھەببەتنى ئىلگىرى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالادىن باشقا ھېچ كىشى بىلمەيدىغان مەخپى ئىش ئۈچۈن ياخشى كۆرىدىغان ئىشلىرىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەرك قىلىدۇ، ئاللاھقا بولغان سۆيگۈ-مۈھەببەتنى نەپسى-خاھىشىغا بولغان بارلىق سۆيگۈ-مۇھەببەتلەردىن ئىلگىرى قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىد قىلىشنى شەخسى مەنپەئەتىنى ھاسىل قىلىشتىن ئىلگىرى قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا روزىدارنى مۇكاپاتلاشنى ئۆزىگە خاس قىلدى، روزىدارنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى ئۆزى بېرىدىغان قىلدى، بارلىق مەۋجۇداتلارغا ئاتا-ئېھسانى ئومۇم بولغان، ئەڭ سېخى، كەرەملىك، شەپقەتلىك، مېھرىبان ئاللاھ تائالا ئۆزى ئىگە بولغان مۇكاپات، ئەجىر-ساۋابقا قانداق قارايسىز؟!، ئاللاھ تولۇق، مۇكەممەل ئەجىر-ساۋابنى ئۆزىنىڭ يېقىن بەندىلىرىگە خاس قىلدى، ئۆزىنىڭ ھوزۇرىدىكى ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كېچىپ باقمىغان، خىيالىغا كېلىپ باقمىغان كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ سەۋەپ، يوللىرىنى ئۇلارغا بەلگىلەپ بەردى، ئۇنداق بولغان ئىكەن، سىزچە ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىخلاسمەن، روزىدار ئاشۇ بەندىلىرىنى قانداق مۇكاپاتلايدۇ؟ دەپ ئويلايسىز؟!. بۇ يەردە قەلەم يېزىشتىن توختايدۇ، شۇنىڭ بىلەن روزىدارنىڭ قەلبى ئۆزىنىڭ قىلغان بۇ ئىشىنىڭ ئەجىر-ساۋابىغا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلىپ، خۇرسەنلىك ۋە خۇشاللىقتىن يايراپ كېتىدۇ، چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى ئۆزىنىڭ خاس پەزلى-ئېھسانىدىن قىلدى، بۇ بولسىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە ئاتا قىلىدىغان پەزلىدۇر. ئاللاھ تائالا بۈيۈك پەزلى ساھىبىدۇر.[بەھجەتى قۇلۇبۇل ئەبرار 94-95-بەت].
ھىجىرىيە 1421-يىلى ۋاپات بولغان شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىبادەتتىكى بىر ياخشىلىقنىڭ ساۋابى ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدىن يەتتىيۈز ھەسسىگىچە زىيادە بولىدۇ، لېكىن روزىنىڭ ساۋابى بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر، روزىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزى بېرىدۇ، بۇنداق دېگەنلىك، روزىنىڭ ساۋابى بەك كاتتا دېمەكتۇر. ئالىم-ئۆلىمالار مۇنداق دەيدۇ: " روزىدا سەۋرنىڭ ئۈچ تۈرى جۇغلىشىدۇ، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادەتلىرىگە سەۋېر قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان ئىشلاردىن سەۋىر قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ دەرتلىك تەقدىرىگە سەۋىر قىلىشتۇر. يەنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە سەۋىر قىلىشتۇر، چۈنكى ئىنسان بۇ تائەتلەرگە سەۋېر قىلىپ ئۇنى ئادا قىلىدۇ، ئاللاھغا ئاسىيلىق قىلىشتىن سەۋىر قىلىش، بۇمۇ ئاللاھ تائالا تەقدىرى ئەزەلىيدە روزىدارغا ھارام قىلغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىدىن ئىبارەتتۇر، چۈنكى روزىدارغا ئۇسسۇزلۇق، ئاچلىق، چارچاش ۋە ئاجىزلىق قاتارلىق ئىشلار يېتىدۇ، بۇنىڭغا سەۋىر قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن روزا سەۋرنىڭ تۈرلىرىنىڭ ئەڭ ئالىسى بولدى، چۈنكى روزا سەۋرنىڭ ئۈچ تۈرىنىڭ ئارىسىنى جۇغلايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: إِنَّمَا يُوَفَّى الصَّابِرُونَ أَجْرَهُم بِغَيْرِ حِسَابٍ تەرجىمىسى: «پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئەجرى ھېسابسىز بېرىلىدۇ» دېگەن. [سۈرە زۇمەر 10 -ئايەت].
[شەرھىل مۇمتى 6-توم 458-بەت].
ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.