چارشەنبە 6 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 14 نويابىر 2018
Uygur

سالىھ ئەمەلنىڭ شەرتلىرى

سۇئال

ئەمەلنىڭ سالىھ بولىشى ئۈچۈن تولۇق بولىشى كېرەك بولغان شەرتلەر قايسى؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

شەيخ شەنقىتىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ:ئاللاھ تائالا: الَّذِينَ يَعْمَلُونَ الصَّالِحَاتِ تەرجىمىسى: ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆمىنلەر دېگەن ئايەتتىكى مەقسەتنى يەنە بىر ئايەت بىلەن ئوچۇق بايان قىلىپ بەردى، ئۇ ئايەت قىلغان ئەمەللەرنىڭ سالىھ بولىشى ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك شەرتنىڭ تولۇق بولىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ:

بىرىنچى: ئەمەل پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولىشى كېرەك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە مۇۋاپىق بولمىغان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى سالىھ ئەمەل ھېسابلانمايدۇ، بەلكى ئۇ باتىل ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانْتَهُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر. [سۈرە ھەشىر 7-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَّن يُطِعِ الرَّسُولَ فَقَدْ أَطَاعَ اللَّـهَ تەرجىمىسى: پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلغان كىشى ئاللاھغا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ. [سۈرە نىسا 80-ئايەتنىڭ بىرقىسمى].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: أَمْ لَهُمْ شُرَكَاءُ شَرَعُوا لَهُم مِّنَ الدِّينِ مَا لَمْ يَأْذَن بِهِ اللَّـهُ تەرجىمىسى: ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ [سۈرە شۇرا 21-ئايەت].

بۇ ھەقتە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئايەتلەر بار.

ئىككىنچى: قىلغان ئەمەللىرىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش، ئۆزى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا سەمىمى بولۇش. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّـهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ تەرجىمىسى: ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى. [سۈرە بەييىنە 5-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: قُلْ إِنِّي أُمِرْتُ أَنْ أَعْبُدَ اللَّـهَ مُخْلِصًا لَّهُ الدِّينَ. وَأُمِرْتُ لِأَنْ أَكُونَ أَوَّلَ الْمُسْلِمِينَ. قُلْ إِنِّي أَخَافُ إِنْ عَصَيْتُ رَبِّي عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ. قُلِ اللَّـهَ أَعْبُدُ مُخْلِصًا لَّهُ دِينِي. فَاعْبُدُوا مَا شِئْتُم مِّن دُونِهِ تەرجىمىسى: «ئېيتقىنكى، «مەن دىننى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدۇم. ھەمدە (بۇ ئۈممەتنىڭ ئىچىدە) مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن پەرۋەردىگارىمغا ئاسىيلىق قىلسام، شۈبھىسىزكى، بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىدىن قورقىمەن (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلسام، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مېنى جەھەننەم ئوتى بىلەن ئازابلىشىدىن قورقىمەن). ئېيتقىنكى، دىنىمنى (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ قىلغان ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمەن. سىلەر ئاللاھتىن باشقا خالىغىنىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار!. [سۈرە زۇمەر 11-15-ئايەتلەر].

ئۈچىنچى: ئەمەل ساپ ئىمان ۋە ساغلام ئەقىدە ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىشى كېرەك، چۈنكى ئەمەل دېگەن ئۆينىڭ تورىسىغا ئوخشايدۇ، ئەقىدە بولسا ئاستى ئۇلى-ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَنْ عَمِلَ صَالِحًا مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَىٰ وَهُوَ مُؤْمِنٌ تەرجىمىسى: ئەر ـ ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز. [سۈرە نەھل 97-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يۇقىرى ئايەتتە ئەمەلنىڭ سالىھ بولىشىنى ئىمانغا ئالاقىدار قىلدى. ئەمەلنىڭ سالىھ بولىشى ئىمانغا ئالاقىدار قىلىنغان مەزمۇندىكى ئايەتلەر قۇرئان كەرىمدە كۆپ ئۇچرايدۇ. ئاللاھ تائالا مۆمىن بولمىغانلارنىڭ ئەمىلى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: وَقَدِمْنَا إِلَىٰ مَا عَمِلُوا مِنْ عَمَلٍ فَجَعَلْنَاهُ هَبَاءً مَّنثُورًا تەرجىمىسى : بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندىدەك قىلىۋېتىمىز، (يەنى ئۇلار ئىمانسىز بولغانلىقتىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز).» [سۈرە پۇرقان 23-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ كَفَرُوا أَعْمَالُهُمْ كَسَرَابٍ بِقِيعَةٍ يَحْسَبُهُ الظَّمْآنُ مَاءً حَتَّى إِذَا جَاءَهُ لَمْ يَجِدْهُ شَيْئًا وَوَجَدَ اللَّهَ عِنْدَهُ تەرجىمىسى: كاپىرلارنىڭ (ياخشى ئەمەل دەپ ئويلىغان) ئەمەللىرى باياۋاندىكى سەرابقا ئوخشايدۇ، تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلسە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ (يەنى سۇ كۆرمەيدۇ)، ئۇ ئاللاھنىڭ ئۆز (ئەمەلىنىڭ) يېنىدا (كۆزىتىپ تۇرغۇچى) ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. [سۈرە نۇر 39-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: مَثَلُ الَّذِينَ كَفَرُوا بِرَبِّهِمْ أَعْمَالُهُمْ كَرَمَادٍ اشْتَدَّتْ بِهِ الرِّيحُ فِي يَوْمٍ عَاصِفٍ لَا يَقْدِرُونَ مِمَّا كَسَبُوا عَلَى شَيْءٍ ذَلِكَ هُوَ الضَّلَالُ الْبَعِيدُتەرجىمىسى: پەرۋەردىگارىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى بورانلىق كۈندە شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن بىر دۆۋە كۈلگە ئوخشىمايدۇ، كاپىرلار (بۇ دۇنيادا) قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئازراقمۇ ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ، بۇ چوڭقۇر ئېزىشتۇر (يەنى چوڭ زىياندۇر). [سۈرە ئىبراھىم 18-ئايەت].

بىز يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندەك بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئايەتلەر بار.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ["ئەزۋائۇل بايان"4-توم 9-10-بەتلەر]

كۆز قاراش ئەۋەتىش