پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قېشىنىڭ تۈكىنى قايچا بىلەن شالاڭلاشتۇرۇش توغرىسىدا

22393

تارقاتقان ۋاقىت : 14-12-2021

كۆرگۈچىلەر : 1265

سۇئال

مەن ئىككى قېشىنىڭ تۈكىنى ئالدۇرۇش(يۇلۇش) ئۇنىڭدىن سىرت بەدەننىڭ باشقا جايلىرىنىڭ تۈكلىرىنى ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ماقالە، كىتابلارنى كۆردۈم، لېكىن مەن تۈكىنى ئالدۇرۇش دېگەن قېشىنىڭ تۈكىنى پۈتۈنلەي ئالدۇرىۋېتىش دېگەننى بىلدۈرەمدۇ، بۇنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈپ قويۇشۇڭلارنى سورايمەن؟ مېنىڭ قېشىم بەك قويۇق، بۇنى قىسقارتىشقا ئېھتىياجلىق بولىمەن، بۇنى قايچا بىلەن قىسقارتسام بولامدۇ؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە توغرا يولدا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت- سالاملىرى بولسۇن.

    بىز سىزگە ئالىملارنىڭ ئىككى قېشىنىڭ ۋە بەدىنىدىكى باشقا جايلارنىڭ تۈكىنى ئېلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدىكى پەتىۋالىرىنى نەقىل قىلىپ بېرەيلى:

     شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "قېشىنى شالاڭلاشتۇرۇش تۈكىنى يۇلۇش ئارقىلىق بولسا، بۇ چەكلەنگەن چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قېشىنىڭ تۈكىنى يۇلغان ۋە يۇلدۇرغانلارغا لەنەت قىلغان، بۇ ئاساسەن ئاياللارغا خاس، چۈنكى ئاياللارنىڭ كۆپچىلىكى بۇنى گۈزەللىك ئۈچۈن قىلىدۇ، ئەگەر ئەر شۇنداق قىلسا، ئايالغا ئوخشاش لەنەت قىلىنغۇچى بولىدۇ، ئاللاھ بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

     ئەگەر يۇلماستىن قايچا بىلەن ياكى ئالدۇرىۋېتىش بىلەن بولسا، بەزى ئالىملار بۇنىمۇ يۇلغانغا ئوخشاش، ئاللاھنىڭ ياراتقان شەكلىنى ئۆزگەرتىش بولىدۇ، يۇلۇش، قىسقارتىش ۋە ئالدۇرىۋېتىشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق دەپ قارىغان، ھەقىقەتەن بۇ ئېھتىيات قىلىشتۇر، ئىنسان ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن بۇنىڭدىن ساقلىنىشى كېرەك". ["ھەرەم دىيارى ئالىملىرى پەتىۋاسى" 577-بەت].

     دائىمىي كومىتېت پەتىۋاسى 5-توم 196-بەتتە مۇنداق سوئال كەلگەن: "بىر قىزچاقنىڭ دەسلەپكى ھاياتىدا قاشلىرى بەك قويۇق بولۇپ، كۆرۈنىشى بەك كۆرۈمسىز بولۇپ كەتكىلى ئاز قالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ قىزچاق ئىككى قېشىنىڭ ئارىسىدىكى يەنى قوشۇمۇسىدىكى تۈكلەرنى ئېلىۋەتكەن، قېشىنىمۇ يولدىشى ياخشى بولۇپتۇ دېگەن دەرىجىدە شالاڭلاشتۇرغان، بۇنداق قىلىشى توغرىمۇ؟. دەپ سورالغاندا، ئۇلار مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: "قېشىنى ئالدۇرۇش ۋە شالاڭلاشتۇرۇش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئۆزى قىلغان ياكى قىلىپ قويۇشنى باشقىلاردىن تەلەپ قىلغان كىشىگە لەنەت قىلغان چەكلەنگەن ئىشتۇر. بۇنداق قىلغان كىشى ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ئۆتكەنكى قىلمىشىغا كەچۈرۈم سوراپ، كەلگۈسىدە بۇنداق قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك".

    يەنە دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 5-توم 195-بەتتە مۇنداق كەلگەن: "نەمسى دېگەن قېشىنىڭ تۈكىنى ئىلىشتۇر، بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قاش تەرگۈچى ۋە تەردۈرگۈچىگە لەنەت قىلغان، ئەگەر ئايالغا ساقال، بۇرۇت ئۈنۈپ قالسا ياكى قول-پۇتلىرىغا تۈك ئۈنۈپ قالسا بۇنى يوق قىلىۋەتسە توغرا بولىدۇ".

    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قاش تەرگۈچى ۋە تەردۈرگۈچىگە لەنەت قىلغان دېگەن ھەدىسنى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان. [بۇخارى رىۋايىتى 4886-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 2125-ھەدىس].

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى: ئىككى قېشىنىڭ تۈكىنى ئېلىش چەكلىنىدۇ، بۇنى قايچا بىلەن ھەممىسىنى ئېلىۋەتسۇن ياكى قىسقارتىپ شالاڭلاشتۇرىۋەتسۇن ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا پۇتىنىڭ، قولىنىڭ ۋە باشقا جايلىرىنىڭ تۈكىنى ئالسا بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئىككى قېشىنىڭ ئارىسىدىكى تۈكلەرنى ئېلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.

    دائىمىي كومىتېتى پەتىۋاسى 5-توم 197-بەتتە مۇنداق سوئال كەلگەن: ئىسلام دىنىدا ئىككى قېشىنىڭ ئارىسىدىكى تۈكلەرنى يۇلىۋېتىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېگەن: "ئۇنى يۇلىۋەتسە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ جاي قاشنىڭ جۈملىسىدىن ئەمەس".   

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى