شەنبە 9 رەبىئۇل ئەۋۋەل 1440 - 17 نويابىر 2018
Uygur

ئايدۇرۇملاردا ئۆزىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن كىرىست بەلگىسى ئېسىشنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

سۇئال

بەزى مۇسۇلمانلار ئۆز يۇرتىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ياكى باشقا ھادىسىلەر سەۋەبىدىن ياسالما پاسپورتلار بىلەن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەتەنداشلىقىنى كۆتۈرۈپ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە سەپەر قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ، بەزى كىشىلەر ئايدۇرۇم خىزمەتچىلىرىنىڭ گۇمانلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئايدۇرۇمغا كىرگەن ۋاقىتتا كىرىست بەلگىسى ئېسىۋالىدۇ، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا كىرىست بەلگىسى ئېسىۋالسا قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: "كىرىست ئوچۇق-ئاشكارا كاپىرلارنىڭ دىنى شۇئارىدۇر" بۇ ھەقتە ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ"ئەھكام ئەھلى زىممە"ناملىق ئەسەرنىڭ 3- توم 1240-بەتتە بايان قىلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن كىرىست بەلگىسى ئېسىشنىڭ دىنىمىزدا چەكلەنگەنلىكىدە ئۆلىمالار ئارىسىدا ئىختىلاپ يوق.

"كۇۋەيت پىقھى مەجمۇئەسى" ناملىق ئەسەرنىڭ 12-توم 88-بىتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: "مۇسۇلماننىڭ كىرىېست بەلگىسى ياسىشى، ياكى كىرىستنى ئىپادىلەيدىغان نەرسىلەرنى ياسىشى، باشقىلارغا بۇيرۇتۇپ ياسىتىشى، ئۇنى ساقلىشى بوينىغا ئېسىۋالسۇن ياكى ئاسمىسۇن، بىر جايغا تىكلەپ قويسۇن ياكى قويمىسۇن ئوخشاشلا توغرا بولمايدۇ". كۆپلىگەن ئۆلىمالار بۇنداق قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلدى.

ھەنەپىي مەزھەپ كىتاپلىرىدىن بىرى بولغان "پەتاۋا ھىندىيە" ناملىق ئەسەرنىڭ 2-توم 276-بىتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: توغرا قاراشتا مەجۇسى-ئاتەش پەرەسلەرنىڭ باش كىيىمىنى كىيگەن ئادەم كاپىر بولىدۇ، ئەمما ئىسسىق ياكى سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن رۆرۈرەت بولۇپ كىيگەن بولسا ھېچنەرسە بولمايدۇ. قەدىمقى زاماندىكى غەيرى دىندىكى كىشىلەرنى دوراپ كەمەر باغلىغان بولسا كاپىر بولىدۇ ئەمما ئۇرۇش مەيدانىدا كاپىرلانى ئالداش، مۇسۇلمانلارغا ئاخبارات توپلاش ئۈچۈن تاقىغان بولسا بولىدۇ".

يەنە ھەنەپىي مەزھەپ كىتاپلىرىدىن بىرى بولغان "مەجمەئەل ئەنھار فى شەرھى مۇلتەقەل ئەبھار" ناملىق ئەسەر 1-توم 698-بەتتە مۇنداق بايان قىلىنغان: توغرا قاراشتا مەجۇسى-ئاتەش پەرەسلەرنىڭ باش كىيىمىنى كىيگەن ئادەم كاپىر بولىدۇ، ئەمما ئىسسىق ياكى سوغۇقتىنساقلىنىش ئۈچۈن ياكى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان بولسا بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كىيگەن بولسا بولىدۇ".

قازى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن قارىشىدا، كاپىردىن سادىر بولىدىغان ھەرقانداق ئىش-ھەرىكەتنى قىلغان كىشىنى كاپىر دەيمىز، گەرچە ئۇنى قىلغۇچى شۇ ئىشنى قىلىپ تۇرۇپ مەن مۇسۇلمان دېگەن تەقدىردىمۇ.

مەسىلەن: بۇتقا چوقۇنۇش، كۈنگە چوقۇنۇش، ئايغا چوقۇنۇش، كىرست بەلگىسى ۋە ئوتقا چوقۇنۇش، چېركاۋلارغا بېرىش، ئۇلار بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارغا ئوخشاش كەمەر تاقاپ باشلىرىنى ئوراش قاتارلىقلار.

ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار بۇنداق ئىشلارنىڭ پەقەت كاپىرلاردا تىپىلىدىغانلىقى، بۇنداق ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ كاپىرنىڭ ئالامەتلىرى ئىكەنلىكى، گەرچە بۇ ئىشنى قىلغۇچى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئېلان قىلسىمۇ كاپىر بولىدىغانلىقىغا ئىتتىپاققا كەلگەن." ["ئەششىپا بىتەرىيپى ھوقۇقۇل مۇستەپا" ناملىق ئەسەر2-توم 611-بەت].

ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى ئۆلىمالىرىدىن: كىرىست ئېسىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا سورالغاندا، ئۇلار جاۋاپ بېرىپ: "كىرىست ئاسقان كىشىگە ئۇنىڭ ھۆكمى، ئۇنىڭ خرىستىئانلارنىڭ دىنى شۇئارى ئىكەنلىكى بايان قىلىپ بېرىلسە، ئۇنى ئاسقان كىشى، كىرىست بەلگىسىنىڭ خرىستىئانلارغا ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىغا رازى بولۇپ بۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇ كىشىنىڭ كاپىرلىقىغاھۆكۈم بېرىلىدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّخِذُوا الْيَهُودَ وَالنَّصَارَىٰ أَوْلِيَاءَبَعْضُهُمْ أَوْلِيَاءُ بَعْضٍ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمْ فَإِنَّهُ مِنْهُمْ إِنَّ اللهَ لاَ يَهْدِي الْقَوْمَ الظَّالِمِينَ تەرجىمىسى: ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار. ئۇلار بىر - بىرىنى دوست تۇتىدۇ. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ ئەنە شۇلاردىن سانىلىدۇ، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ. سۈرە مائىدە 51-ئايەت].

زۇلۇم مۇتلەق بايان قىلىنسا ئۇنىڭدىن چوڭ شېرىك مەقسەت قىلىنىدۇ، كىرىست تاقاش خرىستىئانلارنىڭ ئۆز گۇمانى بويىچە ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈردۇق دېگەن دەۋاسىغا مۇۋاپىق كەلگەنلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئۇلارنىڭ گۇمانى قارىشىنى يالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: وَمَا قَتَلُوهُ وَمَا صَلَبُوهُ وَلَكِن شُبِّهَ لَهُمْ تەرجىمىسى: ۋاھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئىسانى ئۆلتۈرگىنىمۇ يوق، دارغا ئاسقىنىمۇ يوق ۋە لېكىن ئۇلارغا شۈبھە سېلىندى (يەنى ئىسانى ئاستۇق دەپ گۇمان قىلىپ، ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاپ قالغان باشقا بىرسىنى ئاستى). [سۈرە نىسا 157-ئايەت].[ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كۆمىتېتى پەتىۋالار مەجمۇئەسى 2-توم 119-بەتتىن ئىلىندى].

پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇرەھمان بەرراك مۇنداق دەيدۇ: "ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، كىرست بەلگىسى خرىستىئانلارنىڭ چېركاۋ ۋە ئۆيلىرىدە چوقۇنىدىغان بۇتلىرى، ئۇلار بۇنى بويۇن ۋە مەيدىلىرىگە ئېسىۋالىدۇ، بۇ خرىستىئانلارنىڭ دىنى شۇئارى، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا بۇنى ئېسىش مۇسۇلمانلارغا ھارام بولىدۇ.

مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ خرىستىئان ئىكەنلىكىنى ئاشكارا قىلىش ئۈچۈن كىرىست ئاسقان بولسا، بۇ ئۆزىنىڭ خرىستىئانلارنىڭ دىنىغا مۇۋاپىق كەلگەنلىكىنى ئاشكارا قىلىشتۇر، خرىستىئانلارنىڭ دىنىغا مۇۋاپىق كېلىش دېگەن ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغانلىقتۇر. ئەمما ئۆز نەپسىدىن ئەنسىرەپ ياكى مەجبۇرى ئاسقان بولسا بۇنىڭغا گۇناھ بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: مَنْ كَفَرَ بِاللَّهِ مِنْ بَعْدِ إِيمَانِهِ إِلا مَنْ أُكْرِهَ وَقَلْبُهُ مُطْمَئِنٌّ بِالأِيمَانِ تەرجىمىسى: كىمكى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن ئىمانىدىن يېنىۋالسا، - قەلبى ئىمان بىلەن مۇستەھكەم تۇرسىمۇ مەجبۇرلاش ئاستىدا (ئاغزىدىلا) ئىماندىن يانغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. [سۈرە نەھل 106-ئايەت].

بۇنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكمىنى بىلمەي ئاسقان بولسا، بىلمەسلىكى سەۋەبىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئەمما خوشامەت قىلىش يۈزىسىدىن ئاسقان بولسا بۇنداق قىلىش ھارامدۇر. مەزكۇر ھالەتتە ئۇ كىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولۇش خەۋپى بار. مۇسۇلمان كىشى ئاللاھ تائالا چەكلىگەن ئىشلاردىن ھەزەر قىلىشى كېرەك، كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشنىڭ تۈرلىرىنى ئۇلۇغلىغان كىشىگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سۆزى كۇپايىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئىسلامنىڭ غەيرىدىكى يات قەۋىمگە ئوخشىۋالغان كىشى شۇلاردىن بولىدۇ، دېگەن. [ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى 4031-ھەدىس].

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئىشلاردىن ھەزەر قىلىش زۈرۈر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەممەيلەننى تېنچ-سالامەت قىلسۇن. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى ياخشى بىلگۈچىدۇر". http://ar.islamway.net/fatwa/8605 بۇ ئۈلۈنىشقا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان دەلىللەرگە ئاساسەن، سوئالدا ئىشارەت قىلىنغان مۇسۇلمان كىشى شۇنداق قىلىشقا قىستالغان بولسا، ئۇنداق قىلمىغان ئەھۋالدا يالغان ۋەتەنداشلىقى ئاشكارا بولۇپ، تۈرمىگە تاشلىنىدىغان ياكى ھاياتىغا خەۋەپ يېتىدىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇنىڭ ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ، يەنى ئۇ ئىشنى قىلىش جەريانىدا قەلبى ئىمان بىلەن تىنچلانغان ھالدا مەزكۇر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولسا ئۇنىڭ ھۆكمى باشقا ئەلۋەتتە.

ئەمما ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى مەجبۇرلىنىش ۋە زۆرۈرىيەت ھالىتىگە يەتمىگەن بولسا ئۇنداق قىلىشى توغرا بولمايدۇ.

ئۆز يۇرتىدىن چېقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان كىشىنىڭ ھالىبىلەن كىرىست ئېسىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان كىشىنىڭھالىنىڭ ئارىسىنى ئايرىش كېرەك، ئىنسان بەزى ۋاقىتتا تۈرمىگە كېرىپ قېلىشتىن ۋە ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچراشتىن ئەنسىرەپ يۇرتىدىن چېقىشقا مەجبۇر بولىدۇ، لېكىن كىرىست ئېسىش بولسا مەجبۇرلىنىشنىڭ ئورنىدا بولمايدۇ، كىرىست ئاسمىسا تۈرمىگە تاشلىنىدىغان ۋە ھاياتىغا خەۋەپ يېتىدىغان ئىشلار بولماسلىقى مۇمكىن. (شۇنداقلا، كىرىست ئېسىپ يۇرۇپ ياۋرۇپاغا بارماستىن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە بېرىشى ئەۋزەلدۇر).

بۇنداق مەسىلىدە بەك ئېھتىيات قېلىش كېرەك، ئىنسان ئۈچۈن قىلسا رۇخسەت بولىدىغان ھالەتتىكى زۆرۈرىيەت بىلەن رۇخسەت قىلىنمايدىغان زۆرۈرەتنىڭ پەرقىنى بىلىش كېرەك. زۆرۈرىيەت بولغاندىمۇ سەۋىر قىلسا، كاپىرلارنىڭ دىنى شۇئارىنى كۆرۈرۈپ چىقمىسا ياكى كۇپرى سۆزنى سۆزلىمىسە، ھەتتا ئۆز نەپسىدىن ئەنسىرىگەن تەقدىردىمۇ سەۋىر قىلسا ياخشى بولىدۇ.

گەرچە زۆرۈرىيەت بولغاندا كاپىرلارنىڭ دىنى شۇئارىنى ئاشكارا قىلىش رۇخسەت، دۇرۇس بولسىمۇ لېكىن دۇنيالىق ئىشلارنى دەپ ئىمان ئېتىقادتىن ئېغىزدا بولسىمۇ ۋاز كەچمەستىن ئىماندا كەسكىن تۇرسا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئەجرى كاتتىدۇر.

پىتنىدىن ۋە ئۆلۈمدىن قورقۇپ، ھاياتىنى ۋە دىنىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن قېچىش يوللۇق بولۇپ، بۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار ئاستىدا ھەر كىشىنىڭ ئەھۋالى بويىچەپەرز ياكى مۇستەھەب بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى

كۆز قاراش ئەۋەتىش