جۈمە 21 جىمادۇل ئەۋۋەل 1446 - 22 نويابىر 2024
Uygur

ئاز مىقداردىكى سۇغا نىجاسەت چۈشۈپ كېتىپ سۇنىڭ رەڭگى ئۆزگەرمىسىمۇ سۇ نىجىس بولامدۇ؟

سۇئال

   مەن، سۇغا كېچىككىنە نىجاسەت چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، سۇدا ئۇ نىجاسەتنىڭ ھېچ تەسىرى بولمىسا، مەن ئۇ سۇ بىلەن تاھارەت ئالسام ياكى پاكىزلانسام توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

قىسقىچە جاۋاپ

ئىنسان دىنى ئىشلاردا ئېھتىيات قىلىش ئۈچۈن سۇغا كېچىككىنە نىجاسەت چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، سۇدا ئۇ نىجاسەتنىڭ ھېچ تەسىرى بولمىغان تەقدىردە ئۇ سۇدا تاھارەت ئالماسلىقى كېرەك.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: نىجاسەت چۈشۈپ كەتكەن سۇنىڭ ئەھۋالى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

    بىرىنچى ھالەت: سۇنىڭ رەڭگى، تەمى ۋە پۇرىقى قاتارلىق ئۈچ سۈپىتىدىن بىرى ئۆزگەرسە سۇ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن بىرلا سۆز ئۇ نىجىس بولىدۇ.

    ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار شۇنىڭغا بىرلىككە كەلدىكى، سۇ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، ئۇنىڭغا نىجاسەت چۈشۈپ ئۇنىڭ تەمى، پۇرىقى ياكى رەڭگى ئۆزگەرسە ئۇ سۇ نىجىس بولىدۇ. ئۇ سۇدا تاھارەت ئىلىش ۋە يۇيۇنۇش توغرا بولمايدۇ". ["ئەلئەۋسەت" 1-توم 260-بەت].

    ئىككىنچى ھالەت: نىجاسەت چۈشكەن سۇ كۆپ بولۇپ، نىجاسەت چۈشۈش بىلەن سۇنىڭ رەڭگى، تەمى ۋە پۇرىقى قاتارلىق سۈپەتلىرىدىن بىر نەرسە ئۆزگەرمىگەن بولسا بىرلا سۆز ئۇ سۇ پاكىزدۇر.

    ئىبنى مۇنزىر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئالىملار شۇنىڭغا بىرلىككە كەلدىكى، دەريانىڭ، دېڭىزنىڭ چوڭ كۆلنىڭ سۈيىگە نىجاسەت چۈشۈپ كېتىپ، ئۇ سۇنىڭ رەڭگى، تەمى ۋە پۇرىقى ئۆزگەرمىگەن بولسا، ئۇ سۇ بىلەن پاكىزلانسا بولىدۇ". ["ئەلئىجمائ" 35-بەت].

   ئۈچىنچى ھالەت: ئەگەر نىجاسەت چۈشۈپ كەتكەن سۇ ئاز بولسا، چۈشكەن نىجاسەت قان تامچىسى ياكى سۈيدۈك تامچىسىغا ئوخشاش بولۇپ، سۇنىڭ ھېچ بىر سۈپىتى ئۆزگەرمىگەن بولسا، بۇ سۇ نىجاسەت چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن نىجىس بولامدۇ ياكى سۇنىڭ ھېچ بىر سۈپىتى ئۆزگەرمىگەنلىكى ئۈچۈن پاكىز ھېسابلىنامدۇ؟.

   ئالىملارنىڭ سەھىھ قارىشىغا كۆرە: سۇ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نىجاسەت چۈشۈپ كېتىش بىلەن سۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ئۆزگەرمىگەن بولسا، ئۇ سۇ نىجىس دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ. بۇ مالىكى مەزھىپىنىڭ قارىشىدۇر. ئىمام ئەھمەد زىكىر قىلغان رىۋايەتتە، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە ۋە شاگىرتى ئىبنى قەييىم بۇ قاراشنى تاللىغان. يېڭى زاماندىكى ئالىملاردىنمۇ ئىبنى باز ئىبنى ئۇسەيمىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا ھەيئىتى ئالىملىرىمۇ بۇ قاراشنى تاللىغان. [قۇراپىينىڭ "ئەززەخىرە" 1-توم 172-بەت. ئىبنى قۇدامىنىڭ "ئەلمۇغنى" 1-توم 39-بەت. ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىيەنىڭ "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"21-توم 32-بەت ۋە "شەرھىل مۇمتى" 1-توم 41-بەتكە قارالسۇن].

  ئۇلار ئۆزىنىڭ قاراشلىرىغا بۇ ھەدىسنى دەلىل قىلدى: ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا: بۇزائە بۇلىقىنىڭ سۈيى بىلەن تاھارەت ئالسام بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا، (ئۇ ئاياللارنىڭ ھەيز لاتىلىرى، ئىت-ئېشەكلەرنىڭ ئۆلۈكلىرى ۋە تاپلار تاشلىنىدىغان) سۇلۇق جاي ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ھەقىقەتەن سۇ پاكتۇر، ھېچ نەرسە سۇنى نىجىس قىلالمايدۇ دېدى». [ئەبۇ داۋۇد 66-ھەدىس. تىرمىزى رىۋايىتى66-ھەدىس. نەسائىي رىۋايىتى326-ھەدىس. ئىمام ئەھمەد، يەھيا ئىبنى مەئىين، تىرمىزى، نەۋەۋىي، ئىبنى مۇلەققىن ۋە ھاپىز ئىبنى ھەجەر قاتارلىقلار سەھىھ دېگەن. "ئەلمەجمۇ" 1-توم 82-بەت، "ئەلبەدرىل مۇنىر" 1-توم 381-بەتكە قارالسۇن"].

   بۇ ھەدىستە: ھەقىقەتەن سۇ پاك، سۇنى ھېچ نەرسە نىجىس قىلمايدۇ، دېيىلگەن، ئالىملار: ئەگەر سۇغا نىجاسەت چۈشۈپ، سۇنىڭ ئۈچ تۈرلۈك سۈپىتىنىڭ بىرى ئۆزگەرسە نىجىس بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ھالەتتە سۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پاكىزلىق ھالىتىدە قالىدۇ دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلدى.

     شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بۇ سۆز ئاز ۋە كۆپ سۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ۋە بارلىق نىجاسەتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ".

    ئەمما سۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى نىجاسەتنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزگەرسە، ئۇ سۇنى ئىشلىتىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى نىجاسەتنىڭ ئەسلىسى سۇدا مەۋجۇت بولدى، بۇ سۇنى نىجاسەت چىقىرىۋېتىلگەن سۇنى ئىشلەتكەندەك ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، نىجاسەت چېقىرىۋىتىلسە سۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىق ھالىتىدە قالىدۇ. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 21-توم 33-بەت].

   شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "توغرا قاراشقا كۆرە: سۇ (قىللەتەيىن) ئىككى يۈز لېتىردىن ئاز بولسا ئۇنىڭغا نىجاسەت چۈشۈپ بىرەر سۈپەتلىرى ئۆزگەرسە ئۇ ۋاقىتتا نىجىس بولىدۇ. ئەمما ئىككى يۈز لېتىردىن كۆپ بولسا ئۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «سۇ پاكتۇر، ئۇنى بىر نەرسە نىجىس قىلمايدۇ» دېگەن ھەدىسى بويۇنچە پاك ھالىتىدە قالىدۇ.

  ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام (قىللەتەيىننى) ئىككى يۈز لېتىرنى زىكىر قىلدى، بۇ سۇ(قىللەتەيىندىن) ئاز بولسا مۇتلەق نىجىس دەپ ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، بەلكى، ئۇنىڭ پاكلىقى ياكى نىجىسلىقىنى ئىسپاتلاشقا، قاراشقا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. يۇقىرىدا ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىيدىن بايان قىلىنغان ھەدىستىكى مۇھىم نۇقتىلار: سۇ بەك ئاز بولسا، كۆپ ۋاقىتتا نىجاسەت ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، نىجاسەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ سۇنى تۆكۈۋەتكەن ياخشى بولىدۇ". ["شەيخ ئىبنى باز پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 10-توم 16-بەت].

   سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا ھەيئىتى ئالىملىرى مۇنداق دەيدۇ: "سۇ ئەسلىدىن پاكىزدۇر، نىجاسەت چۈشۈپ كېتىش بىلەن سۇنىڭ رەڭگى، تەمى ياكى پۇرىقى ئۆزگەرسە سۇ ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نىجىس بولىدۇ، ئەمما نىجاسەت چۈشۈپ كېتىش بىلەن سۇدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمىسا سۇ پاكلىق ھالىتىدە قالىدۇ". ["سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات، دىنى تەشۋىقات پەتىۋا ھەيئىتى پەتىۋالىرى"5-توم 84-بەت].

   ھەرقانداق ھالەتتە: بۇ مەسىلىدىكى ئىختىلاپ قەدىمى ئىختىلاپتۇر، بۇ شاخچىلىرى كۆپ مەسىلە بولۇپ، بەزىلەر ئەمەل قىلغان يەنە بەزىلەر رەت قىلغان، ھەر بىر تەرەپنىڭ دېگەن سۆزىدە دەلىلى بار.

    ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ بۇ مەسىلە توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "بۇ مەسىلە توغرىسدا بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان قاراشلار بار، ئۇ بولسىمۇ نىجاسەت ئارىلىشىپ نىجاسەتنىڭ تەسىرى نامايەندە بولمىغان سۇ پاكىزمۇ ياكى نىجىسمۇ دېگەن مەسىلىدۇر". ["بەدائىئۇل پەۋائىد" 3-توم 257-بەت].

   ئىمام شەۋكانى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "سۇنى ھېچ نەرسە نىجىس قىلمايدۇ دېگەن ھەدىس ئومۇمى جەھەتتىن سۇغا نىجاسەت چۈشۈش بىلەنلا نىجىس بولمايدۇ دېگەننى بىلدۈرسە، سۇ {ئىككى ئىككى يۈز لېتىردىن) ئاز بولسا نىجىس بولىدۇ دېگەن ھەدىس خۇسۇسى جەھەتتىن سۈغا نىجاسەت يەتسە نىجىس بولىدۇ دېگەننى بىلدۈرىدۇ. مۇشۇ چۈشەنچە بىلەن بۇ ئورۇندا بەزى ئالىملار: ئومۇمى مەنانى بىلدۈرىدىغان ھەدىسنى خۇسۇسى مەنانى بىلدۈرىدىغان ھەدىس بىلەن خاسلاشتۇرۇش توغرا بولىدۇ دېگەننى كۇچلاندۇردى. دۇرۇس بولمايدۇ دېگەنلەر؛ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان بويۇنچە چەكلىدى. مۇشۇ چۈشەنچە بىلەن ئومۇمنى خاسلاشتۇرۇش دۇرۇس بولىدۇ دېگەنلەر؛ باشقا دەلىللەرنىمۇ بايان قىلىپ ئاز سۇغا نىجاسەت چۈشۈپ كەتسە گەرچە سۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ئۆزگەرمىسىمۇ نىجىس بولىدۇ دېدى. بۇ مەسىلە شۇنداق قىيىن مەسىلىكى، بۇ توغرىدا ساناقلىق كىشىلەر توغرىنى تاپقان". ["نىيلىل ئەۋتار" 1-توم 46-بەت].

   ئىنسان دىندا ئېھتىياتچان بولىدىكەن، ئاز مىقداردىكى سوغا نىجاسەت چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلسە، گەرچە سۇنىڭ سۈپەتلىرىدىن ھېچ بىرى ئۆزگەرمىسىمۇ ئۇ سۇنى ئىشلەتمىسە ياخشى بولىدۇ، مەسئۇلىيىتى ئادا بولىدۇ، بولۇپمۇ سۇ بەك ئاز بولغاندا بۇ يەردە ئېھتىيات تەرىپىنى كۈچلاندۇرۇپ بۇ سۇنى ئىشلەتمەسلىك قارىشى كۈچلۈكتۇر.

   ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى