سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿وَلَوْلَا أَن يَكُونَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً﴾ دېگەن ئايىتىنىڭ چۈشەندۈرلىشى ۋە بۇ ئايەتتىن ئىلىنىدىغان ئىبرەتلەر

سۇئال

سۈرە زۇخرۇفتىكى 33- 34- 35- ئايەتلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟، بۇ ئايەتلەردىن قانداق ۋەز-نەسىھەتلەر ئېلىنىدۇ؟ بۇ ئايەتتىكى ئىبرەت: نېمە ئۈچۈن كاپىرلار باياشات-ئالى تۇرمۇشتا ياشايدۇ؟ مۇسۇلمانلار قىيىنچىلىق، جاپا-مۇشەققەتتە ياشايدۇ؟ دېگەنلەرگە رەت قايتۇرۇشمۇ؟ بۇ ئايەت بىلەن قارۇن ۋەقەلىكىنىڭ قانداق ئالاقىسى بار؟، بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولىشىدىكى سەۋەب نېمە؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَلَوْلَا أَنْ يَكُونَ النَّاسُ أُمَّةً وَاحِدَةً لَجَعَلْنَا لِمَنْ يَكْفُرُ بِالرَّحْمَنِ لِبُيُوتِهِمْ سُقُفًا مِنْ فِضَّةٍ وَمَعَارِجَ عَلَيْهَا يَظْهَرُونَ * وَلِبُيُوتِهِمْ أَبْوَابًا وَسُرُرًا عَلَيْهَا يَتَّكِئُونَ وَزُخْرُفًا وَإِنْ كُلُّ ذَلِكَ لَمَّا مَتَاعُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةُ عِنْدَ رَبِّكَ لِلْمُتَّقِينَتەرجىمىسى: ئىنسانلار (كۇففارلارنىڭ باياشات تۇرمۇشىنى كۆرۈپ كۇفرىغا قىزىقىپ ئۇلارغا قوشۇلۇپ) ھەممىسى (كۇفرىدا) بىر ئۈممەت بولۇپ قالمايدىغان بولسا ئىدى، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئۆگزىلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا چىقىدىغان شوتىلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە تەختلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلار تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. پەرەۋردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەر) تەقۋادارلارغا خاستۇر. [سۈرە زۇخرۇپ 33-34-35-ئايەتلەر].

ئىبنى كەسىر رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىقى ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: "ئەگەر ئىنسانلارنىڭ كۆپچىلىكى جاھىللىقتىن، بىلمەسلىكتىن، بىزنىڭ بەزى ئىنسانلارغامال-دۇنيا بىرىشىمىزنى ئۇلارنى ياخشى كۆرگەنلىك دەپ ئويلاپ، مال-دۇنيا ئۈچۈن ئۇلار بىلەن كۇپىرغا قىزىقىپ بىرلىشىپ كەتمەيدىغان بولسا ئىدى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنى ئىنكار قىلغان بەدبەختلەرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تورىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆگزىگە چىقىدىغان شوتىلىرىنىڭ پەشتاقلىرىنى كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇنىڭ بىلەن ئۈستىگە چىقاتتى، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئېشىكلىرىنى يۆلۈنۈپ ئولتۇرىدىغان تەختلىرىنى ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن قىلىپ بىرەتتۇق، يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان، يوقالغۇچى دۇنيا تىرىكچىلىكىدۇر، يەنى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىنى يېمەك-ئىچمەك ۋە ياشاشنىڭ سەۋەبى قىلىدۇ، ئاخىرەتتىمۇ تولۇق نەسىۋىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇلارنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈدەك ھېچ ياخشىلىقى بولمايدۇ". ئىبنى ئابباس، ھەسەن، قەتادە، سۇددىي ۋە باشقا ئالىملارمۇ بۇ ئايەتنى يۇقىرىقىدەك چۈشەندۈرگەن. ["تەپسىرى ئىبنى كەسىر 7-توم 226-227-بەتلەر. تەپسىر سەئدى 765-بەت].

ئىككىنچى: بۇ ئايەتتىن ئېلىنىدىغان ئىبرەتلەر: بۇ ئايەت دۇنيا مەئىشەتلىرىگە بېرىلىپ كېتىشنى سۆكۈش توغرىسىدا كەلگەن، چۈنكى دۇنيا مەئىشەتلىرى ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدا پاشىنىڭ قانىتىغىمۇ باراۋەر كەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ تائالا خالىسا كاپىرلارغا خالىغان نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېرىۋېتەتتى، مال-دۇنيانى كۆپ بېرىش ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ۋە دۇنيانىڭ ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئېتىبارى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، لېكىن ئاللاھ تائالا ئۆز رەھمىتى بىلەن باشقا ئىنسانلارنىڭ دۇنيا پىتنىسىگە چۈشۈپ ئېزىپ كەتمەسلىكى، ئاخىرەتنى ئۇنتۇپ كاپىر بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا دۇنيا ئېشىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىچىپ بەرمىدى.

ئىبنى ئەبى شەيبە (7/105) ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ساغلام ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ تائالا دۇنيانى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ۋە كۆرمىگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بېرىدۇ، ئەمما ئىماننى پەقەت ئۆزى ياقتۇرغان بەندىگىلا بېرىدۇ، ئاللاھ تائالا بىر بەندىنى ياخشى كۆرسە ئۇ بەندىگە ئىمان بېرىدۇ».

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمان كىشى دۇنيادا، ئۆزىنىڭ قىينچىلىقتا ياشاۋاتقانلىقىنى كاپىرلارنىڭ ئالى تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقىتتا ئارتۇقچە بىئارام بولۇپ كەتمەستىن بەلكى ئاللاھ تائالاغا ياخشى تىلەكلەردە بولىشى كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا مال-دۇنيانى مۇسۇلمان بەندىسىدىن كۆزگە ئىلماي چەكلەپ قويمىدى، كاپىر بەندىسىگە ئىززەت قىلىپ بەرمىدى بەلكى ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچىدۇر.

ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىۋىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بورا ئۈستىدە، بېشىغا تېرىدىن ئېچىگە خورمىنىڭ يۇمشاق تالالىرى سېلىنغان ياستۇق قويۇپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەدىنىدىكى بورا ئىزلىرىنى كۆرۈپ يىغلاپ سالدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: نېمىگە يىغلايسەن، دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قەيسەر (رىملىقلارنىڭ پادىشاھى) كىسرا (پارسلارنىڭ پادىشاھى) ئۇلار ئالى تۇرمۇشتا ياشايدۇ، سىلە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى-پەيغەمبىرى تۇرسىلا دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئى ئۆمەر! ئۇلارغا دۇنيا بىزگە ئاخىرەت بېرىلسە بۇنىڭغا رازى بولمامسەن؟، دېۋىدى، ئەلۋەتتە رازى بولىمەن دېدىم. [بۇخارى رىۋايىتى 4913-ھەدىس، ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى 1479-ھەدىس].

ئۈچىنچى: بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولىشىدىكى مەخسۇس سەۋەبنى بىلمەيمىز، ئايەتنىڭ تۈزىلىشى دۇنيا مەئىشىتى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى سۆكۈشتىن، ئاخىرەت ھاياتىغا تەييارلىق قىلىش، كۆپ ساۋاپ ۋە ئالى دەرىجىلەرگە، ئاللاھ تائالانىڭ مۆمىنلەرگە تەييارلىغان دائىملىق نېمەتلىرىگە ئېرىشىشكە قىزىقتۇرۇشتىنئىبارەتتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا مَتَاعُ الْغُرُورِ﴾ تەرجىمىسى: دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر. يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ، ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ. [سۈرە ئال- ئىمران 185-ئايەت].

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: وَمَا الْحَيَاةُ الدُّنْيَا إِلَّا لَعِبٌ وَلَهْوٌ وَلَلدَّارُ الْآخِرَةُ خَيْرٌ لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ أَفَلَا تَعْقِلُونَتەرجىمىسى: دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنلا ئىبارەت، تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، بۇنى چۈشەنمەمسىلەر؟. [سۈرە ئەنئام 32-ئايەت].

قارۇننىڭ ۋەقەلىكى بولسامۇشۇ ئايەت ۋە باشقا ئايەتلەرنىڭ دەلىلى بويىچە دۇنيانى سۆكۈش، ئاخىرەت ھاياتىدىن يۈز ئۆرۈپ دۇنيا مەنپەئەتىگە بېرىلىپ، ئاللاھ تائالانىڭ تائەت-ئىبادىتىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنىڭ ئاقىۋەتتە قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلىقىنىڭ ئەمەلىي بايانى ۋە دەلىلىدۇر. ئەگەر ئىنسانلارغا دۇنيا نېمەتلىرى كۆپ بولۇپ كەتسە ئۇلار ھەددىدىن ئېشىپ، ئۆزىنى بىلمەي قالىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز نېمەتلىرىگە رەھمەت-تەشەككۈر ئېيتىشنى ئۇنتۇيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ پىتنىسىدىن ئەنسىرەش لازىم، دۇنياغا بەك بېرىلمەسلىك، ئاخىرەت ھاياتىغا رىغبەتلىنىش كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ بەرگەن نېمەتلىرىنى تائەت-ئىبادەت يوللىرىغا سەرپ ئېتىشنىڭ ئۆزى نېمەتكە تولۇق تەشەككۈر ئېيتقانلىقتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: تِلْكَ الدَّارُ الْآخِرَةُ نَجْعَلُهَا لِلَّذِينَ لَا يُرِيدُونَ عُلُوًّا فِي الْأَرْضِ وَلَا فَسَادًا وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَتەرجىمىسى: ئەنە شۇ ئاخىرەت يۇرتىنى يەر يۈزىدە چوڭچىلىق قىلىشنى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى كۆزلىمەيدىغانلارغا خاس قىلدۇق، (ياخشى) ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپتۇر. [سۈرە قەسەس 83-ئايەت].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن توغرىنى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى