تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن ۋە سوغات تەقدىم قىلغان دوستلىرى بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولىدۇ؟

سوئال 226504

تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا مېنىڭ نەزىرىمدە بىر ئاز گاڭگىراش بار، بۇ كۇپىرغا ئىلىپ بارىدىغان بىدئەتمۇ؟، سىلەرنىڭ بۇ ھۆكۈمنى ئوچۇقلاشتۇرۇپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش بىدئەتنىڭ تۈرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم، لېكىن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى دوستلىرىمدىن تەبرىك ۋە يەنە بەزى دوستلىرىمدىن سوغاتلارنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىم ئۈچۈن كۆڭلۈمدە تەۋرىنىش بار، بۇنداق ھالەتتە ماڭا سوغات تەقدىم قىلغان ياكى تەبرىك يوللىغان دوستلىرىمغا ئەدەپ يۈزىسىدىن ۋە ئارىمىزدىكى دوستلۇقنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا ياخشىلىق قايتۇرۇش ۋە گۈزەل جاۋاپلارنى قايتۇرۇشۇم كېرەك بولىدۇ، تەبئىيكى مەن بۇنىڭ بىلەن دىنغا بىر نەرسە قېتىشنى مەقسەت قىلمايمەن، بۇ ئىشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، لېكىن گەرچە مەن رازى بولمىساممۇ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشىم كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ كەلگۈسىدە قىلىدىغان بارلىق ياخشى ئەمەللىرىم قوبۇل بولمامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تېكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئاللاھقا خاستۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

بىرىنچى: تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش ھارام بولۇپ، بۇ ئىككى تۈرلۈك سەۋەپتىن توغرا بولمايدۇ:

1- بۇ يېڭىدىن پەيدا بولغان بىدئەت ۋە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان بايرامنى پەيدا قىلىش بولغانلىقى ئۈچۈن توغرا بولمايدۇ.

2-بۇنداق قىلىشتا كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىش بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىدىندۇر. بۇنىڭ تەپسىلاتى 108996 نومۇرلۇق پەتىۋالارنىڭ جاۋابىدا بايان قىلىندى.

سىرتقى ئىشلىرىمىزدا ۋە ئادەتلىرىمىزدە كاپىرلارغا ئوخشاپ قىلىشتىن چەكلىنىشتىن بولغان ھېكمەت: مۇسۇلمانلارنى ئېزىپ كېتىشتىن، شەيتاننىڭ ئۇلارنى تەدرىجى كاپىرلارغا ئوخشاش ئىش-ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا يېتەكلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى، چەكلەنگەن ئادەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئۇلار ئېزىپ كەتكەندەك ھەق يولدىن ئېزىپ كېتىشتىن ساقلاپ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئۇنىڭدىكى سىر: سىرتقى ئىشلىرىمىزدا ئۇلارغا ئوخشاپ قىلىش، نىيەت ۋە مەقسەتتىمۇ ئوخشاپ قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ". ["ئىئلامىل مۇقىئىين" 5-توم 13-4-بەت].

مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلىسە، بۇ سەۋەبلىك كاپىر بولمايدۇ، ئۇنداق قىلغان كىشىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئۇنداق قىلىش ئىلگىرى بايان قىلغان سەۋەبلەر تۈپەيلى چەكلىنىدۇ.

ئىككىنچى: سىزنىڭ دوستلىرىڭىز ئالدىدا سىقىلىپ قىلىشىڭىزغا كەلسەك، سىزنىڭ ئۇلارنىڭ سوغاتلىرىنى ۋە تەبرىكلىرىنى قوبۇل قىلىشىڭىز، ئۇلارغا ئۆز لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرىشىڭىزدىن ئۇلار سىزنى مۇشۇ تەبرىككە رازى بولدى دەپ چۈشىنىدۇ.

بۇنداق ئەھۋالدا، سوغات تەقدىم قىلغان ۋە تەبرىك يوللىغانلارغا مۇلايىملىق، سىپايىلىق ۋە گۈزەل ئۇسلۇب بىلەن بۇنداق قىلىشنىڭ شەرئى ھۆكمىنى بايان قىلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

بۇ سەۋەپتىن ئۇلار بىلەن ئارىڭىزدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرسىڭىز، ئۇلارنىڭ سىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئۇلارغا سوغاتلىرىڭلارنى تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى يېقىنلىق ۋە دوستلۇق يۈزىسىدىن قوبۇل قىلدىم دەپ چۈشەنچە بېرىشىڭىز، ئۇلاردىن بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىشىڭىز كېرەك بولىدۇ، چۈنكى سىز ئەسلىدىلا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قۇتلۇقلاش ئېلىپ بارمىدىڭىز، بۇ سىزگە خاس ئىش تۇرسا، بۇنىڭ بىلەن باشقىلار قانداقچە قۇتلۇقلاش ئېلىپ بارسۇن؟.

ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەرجەلەر

ئەدەپ-قائىدىلەر
بىدئەتچىلىك

مەنبە

موقع الإسلام سؤال وجواب

answer

مەزمۇنغا ئالاقىدار تىمىلار

at email

ئېلخەت خىزمىتى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ ئېلخەت خىزمىىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ

phone

ئىسلام سوئال ۋە جاۋاب ئەپ

سەھىپىنى ئىنتىرنىتسىز كۆرۈش ۋە مەزمۇنلارغا ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈلىشىش

download iosdownload android