جۈمە 10 شەۋۋال 1445 - 19 ئاپرىل 2024
Uygur

ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بىر زالغا يىغىلىشى توغرىسىدا

سۇئال

مەدەنىيەت كۇلۇبىدا ئىلىپ بېرىلىدىغان نۇتۇق سۆزلەش زالىدا ئەرلەر ئالدىدا، ئاياللار زالنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشى توغرا بولامدۇ؟ ئەگەر ئارىسىغا پەردە تارتىلسا، ئارقىدا ئولتۇرغان ئاياللار كۆرسىتىلىۋاتقان پائالىيەتلەرنى كۆرەلمەيدۇ. ئۇلارنى ئەرلەردىن ئايرىپ باشقا بىر زالغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائالىيەت تىلېۋىزىيە ئېكرانى ئارقىلىق كۆرسىتىلىشى كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا،ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابە كىراملىرىغا ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

كۇلۇبتا شەرئى نۇتۇق ياكى پايدىلىق بولغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئىلىپ بېرىلىدىغان بولسا، ئاياللار ئۆزىنىڭ تولۇق شەرئى ھىجابى بىلەن قاتناشسا، ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئارىلىشىش بولمىسا، ئۇنىڭدىن باشقا شەرىئەتكە زىت كىلىدىغان ئىشلار بولمىسا، ئەرلەر زالنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئورۇنلاردا، ئاياللار مۇۋاپىق ئارىلىق قويۇپ ئۇلارنىڭ كەينىدە ھىجابى بىلەن ئولتۇرغان بولسا، ئاۋازىنى كۆتۈرمەستىن ھەممە بىردەك پايدىلىق نۇتۇقنى ئاڭلىسا، گەرچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە بولمىسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. بۇ مەسىلىنى 129693-نۇمۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا تەپسىلى بايان قىلدۇق.

بىر كىشى شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھدىن: بىزنىڭ مەسچىتتە، ئاياللارنى ئەرلەردىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئايرىم جاي بولۇپ، بۇ جايغا تام توسۇلغان، ئاياللار ئىمامنىڭ ئاۋازىنى ۋە دەرسلەرنىمىكرىپۇن ئارقىلىق تىڭشايدۇ، جامائەت ئارىسىدىن بىركىشى ئوتتۇرىغا چىقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: ئەرلەر سەپ تۈزىدۇ، ئاندىن كىچىك بالىلار سەپ تۈزىدۇ، ئاندىن ئاياللار سەپ تۈزىدۇ دېگەن، ھەدىسكە ئاساسەن ئارىدىكى تامنى ئىلىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويىۋىدى، جامائەت ئارىسىدا زور ئىختىلاپ پەيدا بولدى، بۇ مەسىلىگە قارىتا سىلە قانداق كۆرسەتمە بېرىلا؟ دەپ سورىغاندا،شەيخ بۇ مەسىلىگە جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭ ھەممىسىدە ھېچ قىيىنچىلىق يوق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ئاياللار ئەرلەر بىلەن بىرگە ئەرلەرنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇتتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تام ياكى توسۇپ تۇرىدىغان پەردە-توساق دېگەندەك نەرسىلەر بولمىغان، ئۇلار سەپنىڭ ئاخىرىدا تۇرۇپ ئەرلەر بىلەن بىرلىكتە ناماز ئوقۇغان. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەرلەرنىڭ سېپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئالدىنقى سەپتۇر، ياخشى بولمىغىنى ئاخىرقى سەپتۇر، ئاياللارنىڭ سېپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاخىرقى سەپتۇر، ياخشى بولمىغىنى ئالدىنقى سەپتۇر. [مۇسلىم رىۋايىتى].

چۈنكى ئاياللار سېپىنىڭ ئەۋۋىلى ئەرلەرگە يېقىندۇر، ئەگەر ئاياللار مەسچىتنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە ئەرلەرنىڭ كەينىدە پەردە تارتىپ ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، تام توسۇش ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن ئوتتۇرنى توسۇشنىڭ ھېچ ھاجىتى يوق. ئەگەر تام بىلەن توسسا ياكى پەردە بىلەن توسسا، ئاياللارمۇ چۈمبەللىرىنى ئىلىپ، يۈزلىرىنى ئىچىپ راھەت ئولتۇرۇپ ناماز ئوقۇيدۇ، قىرائەتنى ۋە باشقا دەرسلەرنى مىكرىپۇن ئارقىلىق ياكى ئىمامنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق ئاڭلايدۇ، بۇنىڭدا ھېچ قىيىنچىلىق يوق. ئاللاھ تائالاغا ھەمدىلەر بولسۇنكى، بۇ مەسىلىدە كەڭرىچىلىك بار".

ئەگەر ئارىغا رىشاتكىلارنى قويسا ئاياللارمۇ ئىمام ۋە جامائەتنى كۆرسە ۋە ئىمامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىسا بولىدۇ، بۇ ئىشتا كەڭرىچىلىك بولۇپ، قاتتىقلىق قىلىش توغرا بولمايدۇ، ئارىدا تام بولسۇن ياكى پەردە ياكى رېشاتكا بولسۇن ۋەياكى ھېچ نېمە بولمىسۇن بۇنىڭ ھەممىسى دۇرۇس بولىدۇ. ئاللاھ تائالاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىمۇ ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان تام، توساق، پەردە دېگەندەك نەرسىلەر بولمىغان، ئۇلار ئەرلەرنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇغان ئىدى". [نۇرۇل ئەلەددەربى پەتىۋالىرى" 12-توم 267-269-بەتلەر].

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى