سەيشەنبە 9 رامىزان 1445 - 19 مارت 2024
Uygur

شېرىك ۋە كۇپۇر مەسىلىسىدە جاھىل كىشىنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى شەرئى دەلىللەر

سۇئال

شېرىك ۋە كۇپۇر مەسىلىسىدە نادان كىشىنىڭ ئۆزرىسى قوبۇل بولامدۇ؟ بىلىشىمچە سىلەر توربەتتە ئۇنى ئۆزۈرلۈك بايان قىلىپسىلەر، لېكىن مەن سىلەردىن شېرىك ۋە ئەقىدە مەسىلىلىرىدە نادان كىشىنىڭ ئۆزۈرسى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەرنى تەپسىلى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

شېرىك ۋە كۇپۇر ئەمەللەرنى قىلىدىغان نادان كىشى تۆۋەندىكى ئىككى ئىشنىڭ بىرىدىن خالى بولالمايدۇ:

بىرىنچى: مۇسۇلمان ئەمەس، مەيلى ئۇ باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن ئوخشاش.

ئەھۋالى بۇنداق بولغان كىشى كاپىر بولىدۇ، ئۇ كىشى بىلىدىغان بولسۇن ياكى بىلمەيدىغان بولسۇن ياكى باشقا شەكىلدە چۈشەنگەن بولسۇن ئۇنىڭغا دۇنيادا ئىسلامنىڭ ھۆكۈملىرى بېرىلمەيدۇ، كاپىرلارغا بېرىلىدىغان ھۆكۈم بويىچە مۇئامىلە قېلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئەسلىدىلا ئىسلام دىنىغا كىرمىدى، ئىسلامغا مەنسۇپ بولمىغان كىشىگە قانداقمۇمۇسۇلمانغا ئوخشاش ھۆكۈم قىلىمىز؟.

ئاخىرەتتە بولسا: ئۇ ھەقىقەتەن جاھىل بولسا، ئۇنىڭغا ئىسلام چاقىرىقى پەقەت يەتمىگەن بولسا، ياكى يەتسىمۇ ئېنىقسىز، ئۆزگەرتىلگەن ھالەتتە يەتكەن بولسا، ئۇنداق كىشىلەرگە ھۆججەت تۇرغۇزۇلمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىيامەتتىكى ئاقىۋىتى توغرىسىدا ئۇزۇن ئىختىلاپ بار.

بۇ توغرىدىكى قاراشلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى: ئۇلار قىيامەت كۈنىدە ئىمتىھان قېلىنىدۇ، بويسۇنغانلار جەننەتكە كېرىدۇ، ئاسىيلىق قىلغانلار دوزاخقا كېرىدۇ.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: "دۇنيادا پەيغەمبەرنىڭ چاقىرىقى يەتمىگەن كىشىلەر توغرىسىدا قىيامەت كۈنىدە قىيامەت مەيدانىدا ئۇلارغا بىر ئەلچى ئەۋەتىلىنىدىغانلىقىغا نۇرغۇن ئەسەرلەر رىۋايەت قىلىندى." ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"17 -توم 308- بەت].

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئىلگىرى1244-ۋە 215066 - نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىدا بايان قىلدۇق.

ئىككىنچى:

ئۇ ئىسلامغا مەنسۇپ بولۇپ، مۇسۇلمان دېگەن سۈپەت بېكىتىلگەن بولسا، ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تولۇق تەستىق قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسا، بۇنداق كىشىلەر بىلمەسلىكتىن كۇپۇرغا مەنسۇپ ئىشلاردىن بىرىنى قىلغان بولسا، بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىدىن كاپىر بولمايدۇ، ھەتتا ئۇ كىشىگە قىلمىشىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىپ تولۇق ھۆججەت تۇرغۇزۇلمىغۇچە، ئۇنىڭدىن مۇسۇلمانلىق سۈپەت كۆتۈرۈلمەيدۇ.

شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىيمان ئېيتقان، تەستىقلىغان، بويسۇنۇشنى داۋاملاشتۇرغان بىر كىشىپەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن بەزى ئىشنى نادانلىقتىن ياكى ئۇ ئىشنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلمەستىن ئىنكار قىلسا، بۇ قىلمىش كۇپۇرلۇق ۋە ئۇ ئىشنى قىلغۇچى كاپىر بولىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى بىلمەسلىكى ئۇنى كاپىرغا چىقىرىشتىن چەكلەيدۇ، بۇنىڭدا ئەسلى مەسىلىلەر بىلەن شاخچە مەسىلىلەرنىڭ ئارىسىدا پەرق يوق، چۈنكى كۇپۇر دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننى ئىنكار قىلىش ياكى بىلىپ تۇرۇپ بەزىسىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

بۇنىڭ بىلەن كاپىرلاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەقلىد قىلغانلار بىلەن مۆمىنلاردىن بىلمەسلىكتىن ۋە گەردەنكەشلىك قىلماستىن، نادانلىق ۋە ئازغۇنلۇق بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننىڭ بەزىسىنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى بىلدىڭىز"."پەتىۋا سەئدىيە" 443-447- بەت.

جاھىللىق بىلەن بولغان ئۆزۈر بەندە ئۆز پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغان ھەممە ئىشتا تېپىلىدۇ، ئېتىقاد، تەۋھىد ۋە شېرىك مەسىلىلىرى بولسۇن ياكى پىقھى ھۆكۈم مەسىلىلىرى بولسۇن ئوخشاش.

ئەقىدە مەسىلىلىرىدە مۇسۇلماننىڭ جاھىللىق بىلەن بولغان ئۆزرىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرىدىغان ئومۇمى شەرئى دەلىللەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

بىرىنچى: خاتالاشقۇچىنىڭ ئۈزۈرسىنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرىدىغان شەرئى دەلىللەر:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا﴾ تەرجىمىسى:«(ئۇلار) پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. [سۈرە بەقەرە 186-ئايەت].

ئاللاھ تائالا: شۇنداق قىلدىم دېگەن، سەھىھ مۇسلىمدا (126) شۇنداق بايان قىلىنغان.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَلَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ فِيمَا أَخْطَأْتُمْ بِهِ وَلَكِنْ مَا تَعَمَّدَتْ قُلُوبُكُمْ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَحِيمًا﴾ تەرجىمىسى:سىلەر سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان ئىشلاردا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان ئىشىڭلاردا (سىلەرگە گۇناھ بولىدۇ)، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر. [سۈرە ئەھزاب 5- ئايەت].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۇممىتىمنىڭ خاتالاشقان، ئۇنتۇپ قالغان ۋە مەجبۇرلانغان ئىشلىرىنى ئەپۇ قىلىۋەتتى. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى 2043-ھەدىس. ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ ھەسەن دەپ باھالىغان].

بۇ ھەدىس ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزى بۇيرۇلغان ئىشقا ئۇنتۇپ قىلىپ ياكى نادانلىقتىن خىلاپلىق قىلسا ئۇنىڭ ئەپۇ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، خاتالاشقۇچى دېگەن سۆز ناداننىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، چۈنكى خاتالاشقۇچى دېگەن مەقسەتسىز ھەقىقەتكە خىلاپلىق قىلغۇچىدۇر.

شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بۇ ھۆكۈم ئەمەلىي ۋە ئاغزاكى ئىشلاردا خاتالاشقان ھەرقانداق مۇئمىننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ". ["ئىرشاد ئەلا مەئرىفەتىل ئەھكام" 208- بەت].

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "جاھىللىق شەكسىز خاتالىقتىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، ئىنسان نادانلىق بىلەن سۆز-ھەرىكەتتىن كۇپۇرغا ئېلىپ بارىدىغان ئىشنى ئۇنىڭ كۇپرى ئىكەنلىكىنى بىلمەي قىلسا يەنى: ئۇ كىشى شەرئى دەلىلىنى بىلمەي قىلسا كاپىر بولمايدۇ". "شەرھىل مۇمتى"14-توم 449 - بەت.

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا قۇرئاندا: ﴿رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذْنَا إِنْ نَسِينَا أَوْ أَخْطَأْنَا﴾ تەرجىمىسى: «(ئۇلار)پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق (بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق)، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. [سۈرە بەقەرە 186-ئايەت]. ئاللاھ تائالا:شۇنداق قىلدىم دېگەن، ئاللاھ تائالا ئايەتتە كەسكىن مەسىلىدە ياكى گۇمانى مەسىلىدە دەپ خاتالىقنىڭ ئارىسىنى ئايرىمىدى، كىم: كەسكىن مەسىلىدە ياكى گۇمانى مەسىلىدە خاتالاشسا گۇناھكار بولىدۇ دېسە، قۇرئان، ھەدىس ۋە ئىلگىركى ئۆلىمالارنىڭ بىرلىكىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"19-توم 210- بەت].

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ يەنە مۇنداق دېگەن: "مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ-قوپقانلار مېنى ياخشى بىلىدۇ، مەن كىشىلەر ئارىسىدا مەلۇم بىر شەخسنى كۇپۇرغا، پاسىقلىققا ۋە ئاسىيلىققا چىقىرىشتىن ئەڭ بەك چەكلەيمەن، پەقەت ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان كىشى بەزى كاپىر، بەزى پاسىق، بەزى ئاسىي بولىدىغانلىقىغا شەرئىي دەلىل تۇرغۇزۇلسا بۇ ئۇنىڭ سىرتىدا، مەن ئاللاھ تائالانىڭ مۇشۇ ئۈممەتنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلىمەن. بۇ كەچۈرۈم قىلىش سۆز ھەرىكەتلەردىكى ئومۇمى خاتالىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ." ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"3-توم 229-بەت].

ئىبنۇل ئەرەبىي مۇنداق دېگەن: "مۇشۇ ئۈممەتتىن بىر كىشى جاھىللىق ۋە خاتالىقتىن كاپىر ياكى مۇشرىك قىلىپ قويىدىغان كۇپىرنىڭ ياكى شېرىكنىڭ ئەمەللىرىدىن بىرنى قىلسا، ھەتتا ئۇ كىشىگە بۇ ئىشنى قىلغان كىشىنىڭ كاپىر بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىل-ھۆججەت شەك-شۈبھىسىز ئوچۇق، تولۇق بايان قىلىنغانغا قەدەر ئۇنىڭ خاتالىقى ۋە نادانلىقى ئۇنىڭ كاپىر بولماسلىقىغا ئۆزۈر بولىدۇ". [بۇ سۆزنى قاسىمى ئىبنۇل ئەرەبىيدىن "مەھاسىنىت تەئۋىل"3-توم 161- بەتتە نەقىل قىلغان].

شەيخ ئابدۇرەھمان مۇئەللىمى مۇنداق دېگەن: "بىز سوئال شەكىللىرىدە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش بىر شەكىلدە: بۇ ئاللاھتىن باشقىغا يېلىنىش، ئىبادەت قىلىش ۋە شېرىك،- دېسەك، بىزنىڭ مەقسىتىمىز بۇنداق ئىشنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇشرىك بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت ئۆزۈرسىز قىلغان كىشى مۇشرىك بولىدۇ،- دېگەنلىكتۇر، ئەمما ئۇ ئىشنى قىلغان كىشى ئۈزۈرلۈك بولۇپ قالسا، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ ئەڭ ياخشى، تەقۋادار ۋە پەزىلەتلىك بەندىلىرىدىن بولىشى مۇمكىن". ["شەيخ ئابدۇرەھمان مۇئەللىمى ئەسەرلىرى "3- توم 826- بەت].

ئىككىنچى: ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە تۇرغۇزىدىغان ھۆججىتى بىلگەندىن كېيىن بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەر:

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّى نَبْعَثَ رَسُولا تەرجىمىسى: پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ(ھېچ ئادەمنى)جازالىغىنىمىز يوق. [سۈرە ئىسرا 15- ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: رُسُلًا مُبَشِّرِينَ وَمُنْذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى اللَّهِ حُجَّةٌ بَعْدَ الرُّسُلِ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا تەرجىمىسى: ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ ئالدىدا كىشىلەر (يەنى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن بولسا ئەلۋەتتە ئىمان ئېيتاتتىم ۋە ئىتائەت قىلاتتىم دېگۈچىلەر) گە باھانە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. [سۈرە نىسا 165-ئايەت].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِلَّ قَوْمًا بَعْدَ إِذْ هَدَاهُمْ حَتَّى يُبَيِّنَ لَهُمْ مَا يَتَّقُونَ﴾ تەرجىمىسى: ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. [سۈرە تەۋبە 115-ئايەت].

بۇنىڭدىن باشقا ئىلىم-مەرىپەتتىن كېيىن ھۆججەت تۇرغۇزىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى دەلىللەرنى ئىپادىلەيدىغان باشقا ئايەتلەرمۇ بار.

بۇ ئايەتلەر تەكلىپ يېشىغا يەتكەن كىشىلەردىن شەرىئەتنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىش ئۇلار ھۆكۈمنى بىلگەندىن كېيىن تەلەپ قېلىنىدۇ، ئەگەر ھۆكۈمنى بىلمىسە ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ.

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن: (ئىتائەت قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق دېگەن بۇ ئايەتنىڭ پايدىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: بۇ ئايەتتىن چېقىدىغان ئەڭ چوڭ پايدا: نادان كىشىلەرنىڭ ھەتتا دىننىڭ ئاساسلىرىدىمۇ ئۆزرىسىنىڭ قوبۇل بولىدىغانلىقىدۇر، چۈنكى پەيغەمبەرلەر دىننىڭ ئەسلى ۋە شاخچى مەسىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىلىپ كېلىدۇ، ئىنسان نادان بولسا، ئۇنىڭغا ئەلچى كەلمىگەن بولسا، ئۇ كىشى ئاللاھغا ھۆججەت كەلتۈرىدۇ، ئاللاھغا ھۆججەت كەلتۈرۈش ئىنسان ئۆزۈرلۈك بولمىسا مۇمكىن بولمايدۇ. ["نىسا سۈرىسىنىڭ تەپسىرى "2-توم 485- بەت].

ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىنسان ئۈچۈن ھۆكۈملەر بالاغەتكە يىتىپ، بۇ ھۆكۈملەر يەتكەندىن كىيىن بېكىتىلىدۇ، ئەگەر ئۇ بالاغەتكە يەتمىسە ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم يەتمىسە ئۇنىڭ ھەققىدە ھۆكۈم بېكىتىلمەيدۇ. ["بەدائىئىل پەۋائىد"4 -توم 168- بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ ئەلئەنەزىي تەھقىقلىگەن "ئەررەد ئەلەل ئىخنائى" ناملىق ئەسەر 2-6- بەتتە مۇنداق دېگەن: "شۇنىڭدەك ئاللاھنىڭ غەيرىدىن مەدەت تىلىگەن، ئاللاھنىڭ غەيرىگە ھەج قىلغان كىشى مۇشرىك بولىدۇ، قىلغان ئىشى كۇپۇرلۇق بولىدۇ، لېكىن بەزى ۋاقىتتا بۇ ئىشنىڭ چەكلەنگەن شېرىك بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ.

شۇنىڭدەك تاتارلاردىن ۋە باشقا مىللەتتىن بولغان كۆپچىلىك كىشىلەر ئىسلام دىنىغا كىردى، ئۇلارنىڭ يېنىدا يۇڭدىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان كىچىك بۇتلار بار ئىدى، ئۇلار بۇتلىرىغا تېۋىنىشاتتى ۋە ئۇنى ئۇلۇغلايتتى، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ ئىسلام دىنىدا چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئۇلار ئوتقا تېۋىنىشاتتى، ئۇنداق قىلىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئىسلام دىنىغا كىرگەن بەزى كىشىلەرگە تۈرلۈك شەكىلدىكى كۆپلىگەن شېرىك ئىشلار مەخپى قالغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىشنىڭ شېرىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بۇ ئازغۇنلۇق بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ قىلغان شېرىك ئەمىلى باتىلدۇر، لېكىن ئۇلارغا ھۆججەت تۇرغۇزۇلمىغىچە ئۇلار جازاغا لايىق بولمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿فلا تجعلوا لله أندادًا وأنتم تعلمون﴾ تەرجىمىسى :شۇڭا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى، سىلەر (ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقلۇقىنى) بىلىپ تۇرىسىلەر. [سۈرە بەقەرە 22- ئايەت].

ئۈچىنچى: شېرىك ياكى كۇپرى يۈز بەرگەن ئۆزۈرلۈك كىشىلەر توغرىسىدا بايان قىلىنغان دەلىللەر:

1- ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ قايتا تىرىلدۈرىدىغان قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرىغان كىشىنىڭ ۋەقەلىكى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرى ئۆز نەپسىگە ئاشۇرىۋەتكەن بىر كىشى بولۇپ، ئۇ سەكراتقا چۈشكەندە، پەرزەنتلىرىگە: مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن جەسىتىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئۇنى ئۇندەك قىلىپ شامالغا ئۇچۇرۋېتىڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولسا، ئەلۋەتتە مېنى ھېچ كىشىنى ئازابلىمىغان بىر ئازابتا ئازابلايدۇ،- دېدى، ئۇ كىشى ئۆلگەن ۋاقىتتا شۇنداق قېلىندى، ئاللاھ تائالا زېمىنغا بۇيرۇپ: ئۇ ئىنساننىڭ سەندە بولغان ھەممە نەرسىسىنى توپلىغىن دېدى، زېمىن شۇنداق قىلدى، ئۇ كىشى تۇرغۇزۇلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن سورىدى: بۇنداق قىلىشىڭغا نېمە تۈرتكە بولدى؟، ئۇ كىشى: ئى پەرۋەردىگارىم! سىلىدىن قورقۇش دېدى، ئاللاھ ئۇ كىشىنى كەچۈرۈم قىلدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

بۇ كىشىدىن سادىر بولغان سۆز بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئىنساننى ئۆلگەندىن كيىن قايتىدىن توپلاپ، تىرگۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىشنى ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننى ئىسلام مىللىتىدىن چىقىرىۋېتىدىغان چوڭ كۇپرىدۇر، "قۇدرەت" دېگەن سۈپەت بولسا ئاللاھ تائالانىڭ ئەڭ ئوچۇق-ئاشكارا سۈپىتى، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىلاھىيەت ۋە پەرۋەردىگارلىقىنىڭ مۇھىم قىسمى، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ خاس سۈپىتىدىن بىرى، شۇنداقتىمۇ ئۇ كىشى كاپىر بولمىدى، چۈنكى ئۇ بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈرلۈك ھېسابلاندى.

ئىبنى ئابدۇلبەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئۇ كىشىنىڭ سۆزى توغرىسىدا ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلىشتى، بەزى ئۆلىمالار مۇنداق دېدى: ئۇ كىشى ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرەتتىن ئىبارەت بەزى سۈپەتلىرىنى بىلمەيتتى، ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىلەرگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى، ئۇلار مۇنداق دېدى: كىمكى ئاللاھ سۈپەتلىرىدىن بىرەرنى بىلمىسە، قالغان سۈپەتلىرىنى تونۇپ، ئىشەنسە، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەزى سۈپەتلىرىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن كاپىر بولمايدۇ، كاپىر دېگەن بىلمەسلىكتىن ئەمەس بەلكى ھەققە گەردەنكەشلىك قىلغانلىقتىن بولىدۇ. مانا بۇ ئىلگىركى ئۆلىمالارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغان كىيىنكى ئۆلىمالارنىڭ سۆزىدۇر". ["تەمھىيد"18 - توم 42- بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بۇ ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ جەسەتنى كۈلگە ئايلانغاندىن كېيىن قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇدرىتىگە شەك قىلدى، بەلكى ئىنسان قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيدۇ دەپ ئېتىقاد قىلدى، بۇ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى بىلەن كۇپىرلىقتۇر، لېكىن ئۇ بۇنىڭ كۇپۇرلۇق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئاللاھنىڭ ئۆزىنى جازالايدىغانلىقىدىن قورقىدىغان مۆمىن ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى كەچۈرۈم قىلدى". ["پەتىۋالار مەجمۇئەسى"3-توم 231-بەت].

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئۇ كىشى پەرزەنتلىرىگە ۋەسىيەت قىلغىنى بويىچە قىلىنسا، ئاللاھ تائالانى ئۆزىنى جۇغلاشقا قادىر بولالمايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلاتتى ياكى بۇنىڭدىن شەك قىلاتتى، ئۆزىنى قايتا تىرگۈزمەيدۇ دەپ قارايتتى، بۇ ئىككى خىل قاراشنىڭ ھەر بىرى كۇپىردۇر، دەلىل تۇرغۇزۇلغان كىشى كاپىر بولىدۇ، لېكىن ئۇ ئادەم بۇنى بىلمەيتتى، ئۇ كىشىنى نادانلىقىدىن قايتۇرغۇدەك ئىلىممۇ يەتمىگەن ئىدى، ئۇ ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇق، چەكلىمە، ساۋاپ ۋە جازاسىغا ئىشىنەتتى، ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قورقاتتى، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قورىققانلىقى سەۋەپلىك ئەپۇ قىلدى.

ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە، قىيامەت كۈنىگە ئىشەنگەن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بىر كىشى ئەقىدە مەسىلىسىنىڭ بەزىسىدە خاتالىشىپ قالسا، ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى يۇقىردا بايان قىلىنغان كىشىنىڭ ئەھۋالىدىن بەك ناچار بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ خاتالىقىنى كەچۈرىدۇ ياكى ئۇ كىشىنىڭ ھەققە ئەگىشىشتە كەمچىللىكى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ دىنىنىڭ مىقدارى بويىچە ئۇنى ئازابلايدۇ.

مۆمىن ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان بىر كىشىنى مەلۇم خاتالىق سەۋەبىدىن كاپىرغا چىقىرىش زور ئىشتۇر.["ئەل ئىستىقامە"1- توم 164- بەت].

ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە ئۇممەتگە بايان قىلىپ بەرگەن گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى بولۇپ، دەلىللەنگەن ئىسىم-سۈپەتنى ھېچ كىشىنىڭ رەت قىلىش ھەققى بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىسىم-سۈپەتلەر قۇرئان كەرىمدە نازىل بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەھى ھەدىستە بايان قىلدى.

كەسكىن دەلىل بىلەن ئىسپاتلانغاندىن كېيىن بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغان كىشى كاپىر بولىدۇ. ئەمما دەلىل ئىسپاتلاشتىن ئىلگىرى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇنى بىلىش ئەقىل بىلەن، كۆز قاراش ۋە پىكىر بىلەن بولمايدۇ، بىلمەسلىكتىن خاتالاشقان كىشىنى ئۇنىڭغا خەۋەر يېتىشتىن ئىلگىرى كۇپۇرغا چىقارمايمىز.["سىيەرئەئلامۇن نۇبەلا" 10-توم 79-بەت].

2- ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان ۋەقەلىكى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتَوْا عَلَى قَوْمٍ يَعْكُفُونَ عَلَى أَصْنَامٍ لَهُمْ قَالُوا يَا مُوسَى اجْعَلْ لَنَا إِلَهًا كَمَا لَهُمْ آلِهَةٌ قَالَ إِنَّكُمْ قَوْمٌ تَجْهَلُونَ * إِنَّ هَؤُلَاءِ مُتَبَّرٌ مَا هُمْ فِيهِ وَبَاطِلٌ مَا كَانُوا يَعْمَلُونَ * قَالَ أَغَيْرَ اللَّهِ أَبْغِيكُمْ إِلَهًا وَهُوَ فَضَّلَكُمْ عَلَى الْعَالَمِينَ﴾ تەرجىمىسى: «ئىسرائىل ئەۋلادىنى بىز (قۇلزۇم) دېڭىزىدىن ئۆتكۈزۈۋەتتۇق، ئۇلار بۇتلىرىغا چوقۇنۇۋاتقان بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە: ئى مۇسا! بىزگىمۇ ئۇلارنىڭ بۇتلىرىغا ئوخشاش بۇت ئورنىتىپ بەرگىن دېدى. مۇسا: سىلەر ھەقىقەتەن نادان قەۋم ئىكەنسىلەر دېدى، شۈبھىسىزكى، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ باتىل دىنلىرى گۇمران بولغۇسىدۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى بىكاردۇر، مۇسا: ئاللاھ سىلەرنى (زامانىڭلاردىكى) جاھان ئەھلىدىن ئارتۇق قىلغان تۇرسا، سىلەرگە ئۇنىڭدىن باشقا ئىلاھ ئىزدەمدىم؟ دېدى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋننىڭ قەۋمىدىن قۇتقۇزدۇق، ئۇلار سىلەرگە قاتتىق ئازابنى تېتىتاتتى، ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرەتتى، ئاياللىرىڭلارنى (خورلاپ ئىشلىتىشكە) ئېلىپ قالاتتى، بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىڭلاردىن سىلەرگە زور سىناق بار ئىدى.» [سۈرە ئەئراپ 138-141- ئايەت].

ئىسرائىل ئەۋلادى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن مۇشرىكلار چوقۇنىدىغان بۇت ئورناتقانغا ئوخشاش ئۆزلىرىگىمۇ ئاللاھقا يېقىنلىشىپ، ئىبادەت قىلىدىغانغا بىر بۇت ئورنىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بۇ ئۇلارنىڭ نادانلىقىنىڭ چېكىگە يەتكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش بولۇپ، ئۇلار شۇنچە مۆجىزىلەردىن كېيىن ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى دۇرۇس دەپ ئويلاپ قالغان. "زادىل مەسىير" 2-توم 150- بەت.

شەيخ ئابدۇرەھمان مۇئەللىمى مۇنداق دېگەن: "مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جاۋابىدىن مۇسا ئەلەيھىسسالام گەرچە ئۇلارنىڭ نادانلىقنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى دىندىن يېنىۋىلىش ھېسابلىمىدى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە موزايغا چوقۇنغاندا جازالانغاندەك جازالانمىغانلىقى دەلىل بولىدۇ، - ئاللاھ بىلگۈچىدۇر- ئۇ يەردە ئۇلارنىڭ يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغانلىقتىن ئىبارەت ئۆزرىسى بار. ["مۇئەللىمىنىڭ رىسالىلەر توپلانمىسى"1-توم 142-بەت].

3- زاتۇ ئەنۋات ۋەقەلىكى.

ئەبۇ ۋاقىدىل لەيسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھۈنەين تەرەپكە چىقتۇق، سىدرە دېگەن جايدىن ئۆتكەن ۋاقتىمىزدا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كاپىرلارنىڭ چوقۇنىدىغان زاتى ئەنۋاتىبولغىنىدەك بىزگە مۇشۇ زاتى نەۋاتنى قىلىپ بەرگىن دېدۇق، چۈنكى كاپىرلار سىدرەگە قوراللىرىنى ئېسىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭغا چوقۇناتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئاللاھ كاتتىدۇر، بۇ خۇددى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئۇلارنىڭ ئىلاھى بولغىنىدەك بىزگىمۇ بىر ئىلاھ قىلىپ بەرگىن دېگەن سۆزىگە ئوخشىدى، سىلەر ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ يوللىرىغا ئەگىشىسىلەر.» [تىرمىزى رىۋايىتى2180-ھەدىس. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى21900-ھەدىس. لەۋزى ئىمام ئەھمەدنىڭ، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ باھالىغان].

ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن چوڭ شېرىك بولىدىغان بىر ئىشنى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان، ئۇ بولسا ئۇلارغا مۇشرىكلارنىڭ قىلغىنىغا ئوخشاش دەرەخكە باغلىنىشنى يولغا قويۇش ئىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامئۇلارنىڭ سۆزىنى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا دېگەن سۆزىگە ئوخشاتقان.

مۇھەممەد رەشىد رىزا مۇنداق دېگەن: "يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان سۆزنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دېگەن كىشىلەر بولسا، يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان شېرىك دەۋرىگە يېقىن كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارغا قىلىپ بېرىدىغان ئىشى يوللۇق، ئىسلامغا زىت كەلمەيدۇ دەپ ئويلىغان". ["نەجدى مەسىلىلىرى ۋە يازمىلىرى مەجمۇئەسى "4-توم 39- بەت].

شەيخ ئابدۇراززاق ئەفىفىيدىن قەبىرگە چوقۇنۇپ، ئۆلۈكلەردىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىدىغان كىشىلەر توغرىسىدا سورالغاندا، شەيخ: ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھۆججەت تۇرغۇزۇلغاندا ئۇلار دىندىن چىققان مۇرتەد ھېسابلىنىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئۇلار بىلمەسلىك بىلەن ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدۇ، خۇددى ئەنۋاتتىكى جامائەتكە ئوخشايدۇ،- دەپ جاۋاپ بەرگەن. ["شەيخ ئابدۇراززاق ئەفىفى پەتىۋالىرى"371- بەت].

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن دىننى بىلگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنىڭ ھېچ بىرىدىن مەيلى پەيغەمبەرلەر، ياخشى كىشىلەر ياكى باشقىلار بولسۇن، ياردەمتىلەشياكى پاناھلىق تىلەش ۋە باشقا ئىشلار توغرىسىدا بىر نەرسە سوراش يولغا قويۇلمىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز".

شۇنىڭدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى ئۈچۈن ئۆلۈككە ياكى ئۆلۈكتىن باشقىغا سەجدە قىلىش يولغا قويۇلمىغان، بەلكى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن چەكلىگەنلىكىنى ۋە بۇ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى چەكلىگەن شېرىك ئىشلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىمىز.

نادانلىق غالىپ كىلىپ، كېيىنكىلەرنىڭ كۆپچىلىكىدە پەيغەمبەرلىك ئەسەرلىرىگە بولغان ئىلىم ئازلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىن مۇخالىپ ئىشلاردىن ئوچۇق بىلىنمەي تۇرۇپ ئۇلارنى كاپىرغا چىقىرىش مۇمكىن بولمايدۇ. ["ئەررەددۇ ئەلەل بەكرى" 2-توم731- بەت].

شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئابباد مۇنداق دېگەن: "قەبىردىكىلەرگە تېۋىنىپ، ياردەم سوراش، ئۇلاردىن ھاجەتنى ئادا قىلىش ۋە قىيىنچىلىقنى ئېچىپ بېرىشنى سوراش ئىنساننى ئىسلام مىللىتىدىن چېقىرۋىتىدىغان چوڭ شېرىكتۇر. بۇ ئىش شېرىك ۋە كۇپۇر دېيىلىدۇ، ئەمما بۇ ئىشنى قىلغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كاپىر ياكى مۇشرىك دېيىلمەيدۇ، بۇ ئىشلارنى بىلمەي قىلغان بولسا، بىلمەسلىكى ئۆزۈر بولىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا دەلىلنى بايان قىلىپ چۈشەندۈرگەندىن كېيىنمۇ بۇ قىلمىشىنى داۋاملاشتۇرسا ئۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىنىڭ كاپىر ۋە مۇرتەد ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

قەبىرگە چوقۇنۇش پىتنىسى قەبىرنى ئۇلۇغلاش ۋە قەبىردىكىلەرگە تېۋىنىش سالىھ كىشىلەرنى ياخشى كۆرگەنلىك دەپ قارىلىدىغان مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن كۆپچىلىك كىشىلەرگە ئارىلىشىپ كەتكەن ئىشلاردىندۇر، بولۇپمۇ ئەگەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆلىما سۈپەتلىك كىشىدىن بىرى قەبىرلەرنى ئۇلۇغلاپ ۋە قەبىردىكىلەرنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋاستە دەپ ئويلۇشۇپ، ياردەم سوراشتا باشقىلارغا يېتەكچى بولغاندا شۇنداق بولىدۇ. ["ئەللامە ئاببادنىڭ يازما ئەسەرلىرى"4-توم 372-بەت].

4-ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىدۇ:كىيىمنىڭ كەشتىلىرى ئۆچۈپ كەتكەندەك، ئىسلام دىنىمۇ ئۆچۈپ كېتىدۇ، ھەتتا روزا نېمە؟ ناماز نېمە؟ ھەج نېمە؟ ۋە سەدىقە نېمە بىلىنمەيدۇ، كېچىدە ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئالدىرايدۇ، زېمىندا ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ئايەتمۇ قالمايدۇ، ئىنسانلاردىن ياشانغان، ئاجىز بىر قىسىم كىشىلەر قالىدۇ، ئۇلار: بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن "ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق" دېگەن سۆزنى ئاڭلىغانتۇق، بىزمۇ شۇنداق دەيمىز، دەيدۇ. سىلە دېگەن كىشى ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇئەنھۇغا: ئۇلار ناماز، روزا، ھەج، زاكاتنى بىلمىسە، "ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق" دېگەن سۆز ئۇلاردىن نېمىنى بىھاجەت قىلىدۇ؟ دېگەندە، ھۈزيفە ئۇ كىشىدىن يۈزىنى ئۆرۈيدۇ، ئۇ كىشى بۇ سۆزنى ھۈزەيفىگە ئۈچ قېتىم تەكرارلىغاندا ھەر قېتىمدا ھۈزەيفە ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈيدۇ، ئاندىن ئۈچىنچى قېتىمدا ھۈزەيفە ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ: ئى سىلە! بۇ سۆز ئۇلارنى دوزاختىن قۇتقۇزىدۇ دەپ ئۈچ قېتىم دەيدۇ. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى4049. بۇ ھەدىسنى بۇسەيرى سەھىھ دەپ "مىسباھ ئەززۇجاجە" 2-توم، 291-بەتتە كەلتۈرگەن. ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1-توم 171-بەتتە سەھىھ دەپ باھالىغان].

بۇ ھەدىس ئاشۇ كىشىلەردە تەۋھىدنى ئېتىراپ قىلىدىغان ئومۇمى ئىمان بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىسلامدىن پەقەت ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئاڭلىغان ئىقرارىدىن باشقا بىر نەرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىبنى تەيمىيە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "نۇرغۇن كىشىلەر پەيغەمبەرلىك ئىلىمىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆچۈپ كەتكەن زامان ۋە ئورۇنلاردا ياشاۋاتقان بولۇپ، ھەتتا ئۇلارغا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن قۇرئان-ھەدىسنى يەتكۈزىدىغان كىشىلەر قالمىغان، نۇرغۇن كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى بىلمەيدۇ ۋە ئۇنى يەتكۈزىدىغان كىشىلەرمۇ تېپىلمايدۇ، بۇنداق مۇھىتتا ياشىغان كىشىلەر كۇپۇرغا چىقىرىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام پېشۋالىرى ئىلىم-ئىمان ئەھلىدىن يىراق بولغان سەھرالاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن، يېڭىدىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر ئاشكارا مۇتەۋاتىر بۇ ھۆكۈملەردىن بىرىنى ئىنكار قىلسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلىپ كەلگەن دىننى تونۇپ بولغىچە كۇپۇرغا چىقىرىلمايدۇ، دېگەنگە ئىتتىپاق كەلگەن. "پەتىۋالار مەجمۇئەسى"11 -توم 407-بەت.

سۆزىمىزنىڭ خۇلاسىسى: ھەقتىن بىر نەرسىنى بىلمەي، ھەق زىكىر قىلىنماي، ئىنسان ئۆزۈرلۈك ھېسابلىنىدىغان نادانلىق گۇناھنى ۋە قىلغان ئەمىلىنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان ھۆكۈمنىمۇ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشى مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ بولۇپ، ئاللاھنى بىر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بەرسە مۇسۇلمانلاردىن ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمانلارغا مەنسۇپ بولمىسا، ئۇنىڭ ھۆكمى دۇنيادا ئۆزى مەنسۇپ بولغان دىن ئەھلىنىڭ ھۆكمىدە بولىدۇ.

ئاخىرەتتە بولسا، ئۇ كىشىنىڭ ئەھۋالى پەيغەمبەر ئۈزۈلگەن دەۋىر ئەھلىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىشى قىيامەت كۈنى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇلار توغرىسىدىكى ئەڭ توغرا قاراش: ئۇلار ئاللاھ تائالا خالىغان نەرسە بىلەن ئىمتىھان قىلىنىدۇ، ئۇلاردىن ئىتائەت قىلغانلار جەننەتكە كېرىدۇ، ئاسىيلىق قىلغانلار دوزاخقا كېرىدۇ. "شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىننىڭ يازمىلىرى ۋە پەتىۋالار مەجمۇئەسى"2-توم 128-بەت.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن 215338  نومۇرلۇق سوئالنىڭ جاۋابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

تېخىمۇ كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلىش ئۈچۈن: دوكتۇر سۇلتان ئۇمەيرىينىڭ: "ئەقىدە تەتقىقاتىدىكى نادانلىق ۋە ئۆزۈرنىڭ مۇشكۇللىرى" ناملىق كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى